كېتەرلىك قورال-سايمانلار:
1. پەنەركە (ياغاچ پەنەركە،يەنى مەخسۇس بېزەكچىلىككە ئىشلىتىدىغىنى بولسا تېخىمۇ ياخشى)
2. داغمالW 50،W100،W200 لىق بىرقانچە خىللىرىدىن بىردىن (سىزماقچى بولغان دائىرە چوڭراق دائىرىدە بولسا قۇۋۋەت سانى ئۇنىڭدىن يۇقىرراقى بولسىمۇ بولىدۇ)
3. قاتتىق يۇمشاقلىقى مۇۋاپىق بولغان بىر قانچە تال قىرىنداش.
4. چوتكا.
5. پارقىىرتىش سىرى.
سىزىش قەدەم باسقۇچلىرى :
1. ئۆزىمىز سىزماقچى بولغان شەكىلنىڭ ھۇل شەكلىنى سىزىۋالىمىز.
2. شەكىلنىڭ سىدام سىزمىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلىۋالىمىز ، يەنى بەك ئىنچىكە ئىپادىلىمىسەكمۇ بولىدۇ .
3. داغمالدىن پايدىلنىپ پەنەركىنى كۆيدۈرۈپ شەكىلنىڭ سىدام سىزمىلىق مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيمىز،كۆلەڭگە قىسىم كۆيدۈرلۈپ ،يورۇق قىسىملار پەنەركىنىڭ ئۆزىنى قويۇپ قويۇپ ئىپادىلەيمىز.
كۆلەڭگە بىلەن يورۇق بەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چىگرا بەتنى سىزغاندا داغمالنى توكتىن ئاجرىتىۋىتىپ تىمپۇراتۇرىسى سەل سوۋىغاندىن كېيىن سىزىش كېرەك.
4. رەسىمنى پۈتتى دەپ قارىغاندىن كېيىن ، رەسىم يۈزىدىكى قىرىنداش ئىزلىرىنى ئۆچۈرۋىتىپ رەسىم يۈزىگە بىر قەۋەت پارقىرىتىش سىرى بېرىمىز.
كۆيدۈرۈپ سىزىلغان رەسىمنىڭ ئالاھىدىلىكى:
رەسىم يۈزىدە پەنەركىنىڭ (ياغاچنىڭ)كۆيىشىدىن ھاسىل بولغان بىرخىل تەبئىي رەڭ ئۈنۈمى شەكىللىنىدۇ ،بۇ خىل رەسىم سىزىش ئۇسۇلىدىن پايدىلنىپ ،جۇڭگۇچە رەسىمنىڭ سىزىق تەسۋىرىنى ئىپادىلەشكىمۇ ، سىدام سىزما مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاپ ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ .
بلوگىمىزدىكى مەزمۇنلاردىن بەلگىلىك دەرىجىدە مەمنۇنىيەت ھىس قىلغان بولسىڭىز ،بىر نەچچە سىكۇنت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئېلاننى بىر چىكىپ قويۇڭ.
2009-06-23 17:39:30 گىلەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئاتەش مەن سىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى ئىدىم . مۇۋاپىق كۆرسىڭىز چ چ نۇمۇرىڭىز نى قالدۇرۇپ قويڭىسىز.
مېنىڭكى چ چ نۇمۇرۇم :410867162
[Reply]