بەزىدە قەغەز ئۈستىگە يېزىلغان خەتلەرنى ئىپادىلەشكە توغرا كەلگەندە،ئۇنى قەلەم ئۇچى بىلەن سىزساق،سىزىش ئىنتايىن قىيىن بولىدۇ. ئەكسىچە تەگدىن پايدىلنىپ قەلەمنىڭ سىپى ياكى مەلۇم ئىنچىكە تاياقچە ئارقىلىق قۇرۇماستىنلا خەتنى ئىپادىلىسەك،بۇنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
بىر پارچە ماي بوياق رەسىمدىكى ھەربىر جىسىمنىڭ سۈپىتى بىر-بىرىگە ئوخشاشمىغانلىقى ئۈچۈن،رەسىمنىڭ ھەربىر كونكرېت ئورنىغا بوياقنىڭ قويۇلىشى،سۈركىلىشى ۋە قەلەم ئىزىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، يۇقىرقى رەسىمدە فون قىسمىغا بوياق ناھايىتى نېپىز بېرىلگەن،سول تەرەپتىكى شارغا بوياق تەكشى بېرىلگەن،ئوتتۇردىكى كۇبقا بوياق قېلىن-قېلىن دۆۋىلەپ پىچاق ئارقىلىق بېرىلگەن.
سىزماقچى بولغان ئوبىيېكىتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئالدى بىلەن تىتان ئاق پاراشوكىغا ئاق بوياق ئارىلاشتۇرۇپ ئىز چىقىرىمىز،ئاندىن ئۇنى تولۇق قۇرۇتقاندىن كېيىن ئۈستىگە نېپىز سۈزۈك بوياق بېرىپ،رەسىمنىڭ كونكرېت شەكلىنى ئىپادىلەپ چىقىمىز. يۇقارقى رەسىمدە تارغاق ئارقىلىق يوللۇق ئىز چىقىرىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان.
مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ۋە مەزمۇنلار ئىمىنجان ئابدۇرېھىمنىڭ «ماي بوياق رەسىم سىزىشنىڭ تېخنىكىلىق ئاساسلىرى» دېگەن كىتابىدىن ئېلىندى. ماي بوياق رەسىم سىزىش توغرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسىڭىز،كىتابنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى سىتىۋىلىڭ.
ئەزا كىرىشتاقاش
ئەزا بولۇشتاقاش