ئىككى ياشلىق بالا تېلېفوندا مىۋە كېسىش ئويۇنىنى ئويناشقا ئامراق بولۇپ قېلىپ كۆز قۇرغاقلىشىش كېسەلگە گىرىپ بولۇپ قالدى
ماتىريال سۈرەت
بەيدۇ تورى 14-مارت خەۋىرى ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى ، تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇنلىغان ئابونىتلار "تېلېفونغا تايىنىۋېلىش كېسىلىگە " گىرىپتار بولدى ، تۇرۇپ-تۇرۇپلا تېلېفوننى چىقىرىپ قاراپ قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى كۆپەيدى ، شۇنىڭ بىلەن كۆرۈش ئىقتىدارىمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىرىگە ئۇچرىدى .
شىئەن شەھىرىدىكى بىر ئىككى ياشلىق بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى يېقىندىن بىرى بالىسنىڭ نەرسىلەرگە قارىغاندا داۋاملىق كۆزىنى چىمىلدىتىدىغانلىقىنى ، كەچتە كۆزىنى ئېچىشتا ناھايىتى قىينىلىدىغانلىقىنى بايقىدى . ناھايىتى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئانىسى بالىنى شىئەن شەھەرلىك تۆتىنچى خەلق دوختۇرخانىسىغا ئەكىلىپ تەكشۈرتتى .
تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ، تۆتىنچى دوختۇرخانا كۆز ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش مەخسۇس بۆلۈمىدىكى بىر دوختۇرنىڭ چۈشەندۈرشىچە ، بالىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەندە قولىدا تېلېفوننى ئېلىپ مىۋە كېسىش ئويۇنىنى ئويناۋاتقان . تەكشۈرگەن ۋاقىتتا تېلېفوننى دادىسى ئېلىۋالغان ، ئېلىۋالغاندىن كېيىن بالا يىغلاپ غەلۋە قىلغان تېلېفوننى بەرگەندىن كېيىن پەسىيىپ قالغان . بۇ بالا مىۋە كېسىش ئويۇنىنى ئويناۋاتقاندا توختىماي كۆزىنى ئۇۋلىغان . تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇر بۇ بالىنىڭ كۆز قۇرۇش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىغان . " بۇ بالىنىڭ كۆز سۇيۇقلۇقى ناھايىتى ئاز ئىكەن ، ئېغىر بولغاندا بۇ بالا كۆزىنى ئاچالمايدىكەن " كۆزنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان بىر دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ئۇ كۆرۈپ باققان يېشى ئەڭ كىچىك كۆز قۇرغاچىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمار ئىكەن .
بۇ مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە ، يېقىنقى يىللاردىن بىرى تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىغا ئەگەر كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلارنىڭ ھەر يىلى يۇقىر كۆتۈرلۈۋاتىدۇ . ھازىر كۆز بۆلۈمىنىڭ %70 نى ئىگلىگەن .
كۆز قۇرغاقلىشىشنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى ، كېچىدە كۆز ھەددىدىن زىيادە چارچاپ ، قىزىرىپ كېتىدۇ ، ئەتىگەندە قوپقاندا كۆزىنى ھەرىكەتلەندۈرەلمەيدۇ ، كۆزىنى ئاچالمايدۇ . "بالىلارنىڭ يەتتە سەككىز ياشتىن بۇرۇن ۋاقتى كۆرۈش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلىدىغان ئەڭ سەزگۈر مەزگىلى ، ئەگەر يېقىن ئارلىقتىن قارسا كۆزنى غىدىقلاپ ، بالىلارنىڭ كۆزىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ " . مەسئۇل كىشى ، بالىلارنى تېلېفون ،IPAD قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشلەتكەندە ھەر 10مىنۇتتا ئازىراق ئارام ئېلىش تەكلىپنى بېرىدۇ . ئاتا-ئانلار نازارەت ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە بالىلارغا ئۈلگە بولۇشى ، بالىلارنى سىرتقا كۆپرەك ئېلىپ چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ بېرىشى كېرەك .