ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئانا تۇپراق تور بېكىتىگە خۇش كەلدىڭىز : بۈگۈن :
ساقلىۋىلىش | باش بەت قىلىۋىلىڭ
بۇ تۈردىكى تەۋسىيلىك ئۇچۇرلار
بۇ تۈردىكى ئاۋات ئۇچۇرلار
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت   »  خەۋەرلەر  »  جەمىئەت

ۋاڭ شۆبىڭ باشچىلىقىدىكى تاماشا سەھنىسىدە چاقنىغان شىنجاڭلىق 10 داڭلىق چولپان

ۋاقتى : 2015-03-12  مەنبەسى :   يوللىغۇچى : باتۇرجان ئابلەت  

ئاناتۇپراق تورى تەرجىمىسى : يېقىندا ، ئىككى خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ، بۇنىڭ بىرسى ، لى ياپىڭنىڭ چېچى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن ، يەنە بىرى بولسا ۋاڭ شۆبىڭنىڭ زەھەرگە چېتىلىپ قېلىشى 2015-يىلىدىكى چوڭ سەھنە ئەسىرى «تۈرمىدىكى بوران چاپقۇن2» نىڭ پەردىسىنى ئېچىپ بەردى ،ھەمدە بىۋاسىتە ھالدا چېن جىيەنبىننىڭ تۇنجى ئەسىرى «بىرتال قوشۇق» نىڭ قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئۈچەيلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداش بولۇپلا قالماستىن ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭلىق . ئەلۋەتتە شىنجاڭدىن چىققان ئارتىسلار بۇلارلا ئەمەس ، تۆۋەندە تاماشا سەھنىسىدە چاقنىغان 10 داڭلىق شىنجاڭلىق ئارتىسنى كۆرۈپ چىقايلى .

 
1.ۋاڭ شۆبىڭ
يۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى
ۋاڭ شۆبىڭ 1998 - يىلى ياشلىق ھايات تەسۋىرلەنگەن «مۇھەببىتىمىز ئاداققىچە» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن نام قازانغان ، كېيىنچە «ناتونۇش ئادەملەرگە گەپ قىلماڭ» ، « مۇتلەق كونترول قىلىش » ، « چىڭداۋ ئاسمىنى » ، « تەڭرىتاغدىكى يەتتە پالۋان » قاتارلىق كۆپلىگەن ئالقىشقا ئېرىشكەن تېلېۋىزىيە تىياتېرلىرىدا رول ئېلىپ سەنئەت ساھەسىدە چاقنىغان ، ئېكراندا كۆپلىگەن ساقچىنىڭ ئوبرازىنى ياراتقاچقا ساقچى كەسپىي ئائىلىسى دېگەن نانغا ئېرىشكەن ، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 10 - كۈنى زەھەرلىك چېكىملىككە چېتىلىپ قالغانلىقتىن بېيجىڭ ساقچى دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان .

 
2. لى ياپېڭ
يۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى
لى ياپېڭ « مۇھەببىتىمىز ئاداققىچە » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا تايىنىپ بىر كېچىدىلا نامى چىققان ، كېيىنچە « يۇرت كىزەر » ، « پالۋاننىڭ رىۋايىتى » ناملىق فىلىملىرى ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن . 2005- يىلى توي قىلغاندىن كېيىن تەسىرى ۋە خىزمىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ، ھەمدە كەسپىنى ئاستا - ئاستا پەردە ئارقىسى ۋە سودا ئىشلىرىغا قاراتقان . 2014 - يىلى يىل ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ تاماشا ساھەسىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ، خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . يېقىندا ئۇ بىر يېقىن دوستىنىڭ تور مۇراسىمىغا قاتناشقاندا رەسىمگە تارتىۋېلىنغان ، چېچىنى تەكشى قىلىپ ياسىتىۋالغان بولۇپ چېچى ئازلاپ بېشىنىڭ تېگى كۆرۈنۈپلا قالغان ئىدى .

 
3. چېن جىيەنبىن
يۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى
چېن جيەن بىن 1998- يىلى مەركىزى تىياتىر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان بەك داڭق قازىنىپ كەتمىگەن ھەم تونۇلمايمۇ قالمىغان ، 2006 - يىلىغا كەلگەندىلا « جىياۋ ئائىلىسى قورۇسى » دا رول ئېلىپ داڭقى چىققان ، شۇنىڭدىن كېيىن « ئۈچ پادىشاھلىق » ، « ئارقا ئوردا رىۋايىتى » دا رول ئېلىشى بىلەن سەنئەت ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ، ئۇنىڭ 2014 - يىلى تۇنجى ئۆزى يېزىپ ، ئۆزى رىجىسسورلۇق قىلىپ ، ئۆزى رول ئالغان فىلىمى « بىر تال قوشۇق » 51 - نۆۋەتلىك تەيۋەن ئالتۇن ئات كىنو مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى يېڭى رىجىسسورى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
4. نىغمەت
يۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى
نىغمەت 2006 - يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ « كۆڭۈل ئاچقۇچى لۇغەت » پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشىپ ، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسىگە ئايلانغان ، ھەمدە ۋاڭ شياۋ يا بىلەن بىرلىكتە « كۆڭۈل ئاچقۇچى لۇغەت » كە رىياسەتچى بولغان ، كېيىنچە « ئائىلە سەپەرۋەرلىكى » ، « ياڭراق ئەكس سادا » « بەخت ئىشىك ئالدىدا » قاتارلىق پىروگراممىلىرى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ ياخشى پىروگراممىسى بولۇپ قالغان ، قوي يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىدە نىغمەت تۇنجى قېتىم رىياسەتچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى .

 
5. لى يوڭ
يۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى
لى يوڭ 1991 - يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا قوشۇلغان ، « تەلەي 52 » ، « ئادەتتىن تاشقىرى 1+6 » ، « ئارزۇيۇمدىكى جۇڭگو » قاتارلىق ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىلىرىغا تايىنىپ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى ئەڭ داڭلىق رىياسەتچىنىڭ بىرسى بولۇپ قالغان ھەمدە ئۇدا بىرقانچە يىل چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ رىياسەتچىسى بولغان ، 2013 - يىلى 3- ئايدا مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئايرىلىپ ئانا مەكتىپى جۇڭگو ئاخبارات ئۇنۋېرسىتىتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .
يېقىندا ، ئىككى خەۋەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ، بۇنىڭ بىرسى ، لى ياپىڭنىڭ چېچى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن ، يەنە بىرى بولسا ۋاڭ شۆبىڭنىڭ زەھەرگە چېتىلىپ قېلىشى 2015-يىلىدىكى چوڭ سەھنە ئەسىرى «تۈرمىدىكى بوران چاپقۇن2» نىڭ پەردىسىنى ئېچىپ بەردى ،ھەمدە بىۋاسىتە ھالدا چېن جىيەنبىننىڭ تۇنجى ئەسىرى «بىرتال قوشۇق» نىڭ قويۇلۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئۈچەيلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان ساۋاقداش بولۇپلا قالماستىن ، بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭلىق . ئەلۋەتتە شىنجاڭدىن چىققان ئارتىسلار بۇلارلا ئەمەس ، تۆۋەندە تاماشا سەھنىسىدە چاقنىغان 10 داڭلىق شىنجاڭلىق ئارتىسنى كۆرۈپ چىقايلى .
6.جياڭ شىن
يۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى
 
06.jpg
جياڭ شىن 8 ياش ۋاقتىدىلا كىنولاردا رول ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ ، 2003 يىلى جاڭ جى جوڭ نۇسخىسىدىكى « ئەجدېھا قوشۇنى » دا رول ئېلىش بىلەن تونۇلغان . 2004 - يىلى قەدىمكى ئۇرۇش فىلىمى « ئەۋلىيا قىلىچى خاسىيەتلىك پالۋان رىۋايىتى » ۋە « خۇشال خۇرام يەتتە پەرىشتە » دە رول ئالغان . 2011 - يىلىدىكى بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئېلىپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ، 2014 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى « دېھقان » ، « توينى گۆھەردەك بىلىش » ۋە « مى يۆ رىۋايىتى » دە رول ئېلىپ ئىچكىرىدىكى قىزىل گۈللەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان .
7. دۇەن يى خوڭ
يۇرتى : شىنجاڭ غۇلجا
 
07.jpg
دۇەن يى خوڭ 1998- يىلى بۇ ساھەگە قەدەم قويغان ، 2003 - يىلى « ئىككىنچى ئۇكا » ناملىق كىنوسى بىلەن ھىندىستان يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق كىنو بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش پېرسوناژ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ، 2006 - يىلى « ئەسكەرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى » دا رول ئېلىپ تونۇلغان ، يەنە شۇ يىلى « مېنىڭ پولك كوماندېرىم مېنىڭ پولكىم » ناملىق تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا لوڭ ۋېن جاڭ نىڭ رولىنى ئالغان ، 2011 - يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ، « ئاق بۇغا تۈزلەڭلىكى » ، « غەرب قەھرىمانى» ، « 1942 » قاتارلىق كىنولاردا باش رول ئالغان

 
8. دوڭ لى يا
يۇرتى : شىنجاڭ غۇلجا
 
08.jpg
دوڭ لى يا شىنجاڭ غۇلجىدا تۇغۇلغان ، 2011 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى « قەسىر قۇلۇپى » دا رول ئېلىپ داڭق قازانغان ؛ كىيىن مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى « بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى » ئارقىلىق تېخىمۇ تونۇلغان ، 2014 - يىلى 1 - ئايدا توي قىلغان ھەم شۇ يىلى شۈكې رىژېسسورلۇق قىلغان فىلىم ۋە لىن لىڭدوڭ رىجىسسورلۇق قىلغان فىلىم « سىرلىق ياۋۇز شەھەر » دە رول ئالغان ، 2015 - يىلى 3- ئاينىڭ 4 - كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پانۇس بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكىدە ئارتىس چىن لەن ، ما سۇ ، ۋاڭ لىكۈن قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇسۇل ئورۇنلىغان .

 
9. گۈلنەزەر
يۇرتى : شىنجاڭ ئۈرۈمچى
 
09.jpg
گۈلنەزەر 2011 - يىلى بېيجىڭ كىنو ئۇنىۋېرسىتېتى ئورۇنلاش ئىنستىتۇتىنىڭ تولۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغان ، مەكتەپ گۈلى دېگەن نامغا ئېرىشكەن ، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا شاڭخەي تاڭرېن كىنو ئىشلەش مەسئۇلىيەت چەكلىك شېركىتى بىلەن توىتام ئىمزالىغان ھەمدە « شۇەن يۈەن قىلىچى » دا شياۋ شۆ نىڭ رولىنى ئېلىپ تونۇلۇشقا باشلىغان ، شۇنىڭ بىلەن پارلاق كۈنلىرى باشلانغان . كىيىن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ ، « ساقچى ھېكايىسى 2013 » ، « ئايرىلىش ئۇستىسى » ، « مۇتتەھەم پالۋاننىڭ باش كۆتۈرۈشى » ، « شەھەردىكى تۇتۇش بۇيرۇقى » قاتارلىق كىنولاردا رول ئالغان ، رول ئېلىش تېخنىكىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە .

 
10. لى جيا مىڭ
 
10.jpg
لى جيا مىڭ ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنۋېرسىتىتىنى پۇتتۈرگەن ، 1995 - يىلىدىن باشلاپ چۇڭچىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ، 2000-يىلى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسسسىغا كىرگەن ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ « دۆلەت ئىچى ياش ناخشىچىلارنى تاللاش تېلىۋىزىيە مۇسابىقىسى » ، « تۇرمۇش » ، «كۆڭۈل ئاچقۇچى لۇغەت » قاتارلىق پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان ، 2014 - يىلى « جۇڭگو ئاڭلاۋاتىدۇ » غا رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغان
ئېلان ئورنى

بىز كىم ؟

|

ھەمكارلاشقۇچىلار

|

ئېلان ئالاقە

|

دوسلۇق ئۇلىنىش

|

بىكەت خەرىتىسى

|

ئۇچۇر مەركىزى

|

ئەزا مەركىزى

|

بىز ھەققىدە

 

تور بېكىتىمىزگە يوللانغان ھەر قانداق فىلىم ، ناخشا - مۇزىكىلار توردىن ئېلىنغان ، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !

بېكەت مەسئۇلى : مەمىتىمىن ئابدۇۋەلى ، تېلفۇنى : 13999939240(نورمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ) مۇلازىمەت تېلېفونى: 2509240-0991 QQ-501352707

Copyright (c)2009-2015 Www.Anatuprak.Cn All rigths  | E_Mail: 501352707@qq.com 新ICP备13003402号-1

ئۈرۈمچى شەھىرى شىنخۇا جەنۇبى يولى 835-نومۇر گۇاڭخۇي سارىيى 13-قەۋەت i ئىشخانا