
بۇ بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى جىلىس كراك تارتقان. ئۇ ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىدىكى سارۋادو جۇمھۇرىيىتىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، قارا گورۇھ ئەزالىرى قامالغان تۈرمىگە كىرىپ، شۇ يەردىكى گورۇھ ئەزالىرىنى سۈرەتكە تارتقان، ئۇلارنىڭ ئاشۇ قاتتىق تۇرمۇش شارائىتى ئادەمنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدۇ – 30 نەچچە مەھبۇس بىر تار، ھەم كىچىك قەپەسگە سولانغان، خۇددى ھايۋانلارغا ئوخشاش، ئۇلار شۇ قەپەستە تۇرۇپ سوت قىلىشنى كۈتىدۇ، ئادەتتە قەپەسگە بىرلا كىرىپ قالسا نەچچە ئايغىچە تۇرىدىغان گەپ،
«مەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، مەن ماڭا ياردەم بېرىشنى خالايدىغان بىر ساقچى باشلىقىغا ئۇچراپ قالدىم، مەن ھۆكۈمەت تەرەپ ئارقىلىق تۈرمىگە كىرىپ، سۈرەتكە تارتماقچى بولدۇم، بىراق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى. دائىرىلەر بىرسىنىڭ سۈرەتكە تارتىشىنى خالىمىدى، چۈنكى مەھبۇسلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ھەقىقەتەن بەك ناچار ئىدى».
بۇ سۈرەتلەرنىڭ كراكنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ رايوندىكى خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش يەتكۈزمەسلىكى، ساقچى تەرەپ ياكى ھۆكۈمەتنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرايدىغان ئۇچرىمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىلمەيمەن، مەن بۇ سۈرەتلەرنىڭ ماڭا تەسىر كۆرسىتىپ قويۇشىنىلا ئويلىسام بولمايدۇ».
كراك ئۆز سۈرەتلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە بىر پاكىتنى بىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
«سىياسىيونلار ۋە قانۇن تۇرغۇزغۇچىلار زوراۋانلىقتىن بەكمۇ ئاغرىنىدۇ، بىراق ئۇلار ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاشۇ ئىشسىز ياشلارغا ياردەم بېرىشنى ھەرگىز ئويلاپ قويمايدۇ. تىقما-تىقما بولۇپ كەتكەن سولاقخانا قارا گورۇھنىڭ يېڭى ئادەم قوبۇل قىلىدىغان ئىللىق ئۆيىگە ئايلىنىپ قالدى، بۇ ئەدلىيەنى يۈرگۈزۈش داۋامىدىكى تۈزۈلمە مەسىلىسى».