ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى : ئەنگلىيەلىك رەسىمگە تارتىش ھەۋەسكارى يوھان فالى ئالدىنقى شەنبە كۈنى ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ساياھەت ئورنى دېۋونشىر بوركھامدىكى قانالدا رەسىمگە تارتىۋاتقاندا ، ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى تېز سۈرئەتتە كېتىپ بارغان سىرلىق ئۇچار جىسىم UFO نى رەسىمگە تارتىۋالغان .
فالى ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇنداق بىر پارچە رەسىمنى تارتىۋالغانلىقىنى كاللىسىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ تارتقان رەسىملىرىنى كومپيۇتېردا ئېچىپ كۆرگەن ۋاقتىدىلا ئاندىن رەسىمدە سىرلىق بىرنەرسىنىڭ رەسىمىنى بايقىغان . ئۇمۇ ھەيران قالغان ھالدا :«مەنمۇ بۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىدىم » دېگەن .
بۇ غەلىتە جىسىم ھەتتا فوتوگرافنى گاڭگىرىتىپ قويغان ، بىر مۇتەخەسسىس مۇنداق دېگەن : « بۇ رەسىم مىڭدە بىر سېكۇنت تېزلىكتە تارتىلغان بولۇپ ، ئەسلى بۇ تېزلىكتە تارتىلغان جىسىم ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنسە توغرا بولاتتى ، بىراق يوھان تارتقان جىسىم ناھايىتى تۇتۇق چىققان بولۇپ ، بۇ ئادەمنى گاڭگىرىتىپلا قويىدۇ . بىز بۇنىڭ زاتنى نېمە ئىكەنلىكىنى پەرق ئىتەلمىدۇق ، بىز پەقەت بۇ جىسىمنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى تىز ئىكەن دېيەلەيمىز خالاس » .
سۈرەت ھەۋەسكارى تارتىۋالغان UFO
دېۋونشىردىكى بىر جۈپ ئەر ئايالمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئاسبوتۇندىكى تۇرالغوسى ئەتراپىدا بەزى نورمالسىزلىقلارنى بايقىغانلىقىنى بايان قىلىشقان . ئۇلار ، ئالدىنقى شەنبە كۈنى ئۆينىڭ سىرتىدا ئولتۇرغاندا نۇرغۇن غەلىتە نۇرنى كۆردۇق دېگەن .
چوڭايتقاندىن كېيىنكى رەسىم
ياشلىق تەيلور مۇنداق دېگەن : « مېنىڭ ھەتتا بۇلارغا ئىشەنگۈم كەلمىدى ، مەن بۇرۇن بۇنداق نەرسىنى كۆرۈپ باقمىغان . مەن 12 تال ئادتا يۆتكىلىۋاتقان ھالقىسىمان نۇرنى كۆردۈم ، ئۇلار بىر سەپ تۈزەپ داتمور تەرەپكە ئۇچۇپ كەتتى . ئاسبوتۇردىكى كىشىلەر ھازىر مۇشۇ ئىشنى مۇلاھىزە قىلىشماقتا ، مەن ھازىر ئۆزۈمنىڭ كۆرگەنلىرىمگىمۇ مۇۋاپىق چۈشەنچە بىرەلمەيمەن ، بۇ يورۇقلۇق بەزىدە تىك ھالەتتە ھەرىكەت قىلىدىكەن . ئۇنىڭ زادى قانداق نەرسە ئىكەنلىكىگە بىر نېمە دېمەك ھەقىقەتەن تەس».