ئارتىس شۈجېنجىنىڭ تاياق يېگەن كۆرۈنىشى ناھايىتى تېز تارقىلىپ كەتتى
سۇمۇرغ تورى خەۋىرى ئانا تۇپراق تورى تەرجىمىسى ، تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، كورېيەلىك 56 ياشلىق ئارتىس شۈجېنجى ئېرى بىلەن توي قىلغىلى 32 يىل بولغان بولۇپ ، 2014 - يىلى 5 - ئايغا كەلگەندە ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلانغان ھەم 7 - ئايدا سوت مەھكىمىسىگە ئاجرىشىش ئىلتىماسى سۇنغان ، 12 - كۈنى 4 - قېتىملىق سوت ئېچىلىپ بۇ دېلوغا قاراپ چىقىلغان . ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە 19 يېشىدا بۇ ئەرنى ئۇچراتقاندىن كېيىن ، يېرىم بىر ئۆيدە تۇرۇش ، يېرىم زوراۋانلىققا ئۇچراش ھالىتىدە ئۇزاق يىللىق تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزگەن ، 5 - ئايدا ئېرى لېفىتقا سۆرەپ ئەكىرىپ ئۇرغان كۆرۈنىشى ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىنلا ، ئائىلە زوراۋانلىقىدىن ئىبارەت بۇ سەتچىلىك تارقىلىپ كەتكەن .
شۈجېنجىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىغانلىق سىن كۆرىنىشى گۇمانلىق دەپ قارالغانلىقتىن ، ئۇ 13- چېسلا ئېچىلغان سوتتا كەيپىياتى بۇزۇلغان ھالدا سوتچىغا قاراپ « ئەگەر مەن ئۆلگەن بولسام ، سوتقا ئىسپات بەرگىلى چىقمىغان بولسام ، ئاندىن ماڭا ئىشىنەمتىڭىز ؟ » دېگەن . ھەمدە ئېرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل زوراۋانلىق قىلغانلىقىنى ھەتتا تەھتىت سېلىپ « مەن بىلەن ئاجرىشىمەن دېگۈچى بولما ، بولمىسا ئۆلتۈرۈۋىتىمەن » دېگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان . 32 يىللىق توي ھاياتى خۇددى جىنايەتچىگە ئوخشاش ئەركىنلىكى يوق ھالەتتە ئۆتكەن .
شۈجېنجى بىلەن شۈشىيۈەن
شۈجېنجى يىغلىغان ھالدا 19 ياش ۋاقتىدا شۈشىيۈەننى ئۇچراتقانلىقىنى ، ئېرى نېمە دېسە شۇنى قىلىپ كەلگەنلىكى ، 32 يىلدىن بۇيان ئاجرىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغانلىقىنى ، ئەركىشىنىڭ كەسپى بىلەن شۇغۇللانغاندىن سىرت باستېر بولغاندىن كېيىن كۆڭلىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ، بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئۆتكەن يىلى ئېغىر ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقى ، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ گېلىنى سىققاندىن باشقا پۇتىدىن سۆرەپ لىفىتقا ئېلىپ كىرگەنلىكىنى بايان قىلغان . ھەم ئۇ ۋاقىتتا بەك قورقۇپ كەتتىم دېگەن . بىراق 4 قېتىملىق ئەرىزنىڭ ئۈنىمى بولمىغانلىقتىن ئۇ بەك چارچاپ كەتكەن ھەم 13- چېسلادىكى سوتتا يىغلاپ كەتكەن . بىراق ئۇنىڭ يولدىشى شۈشىيۈەن بولسا قالپاق كىيىۋالغان ، بوينىنى تۆۋەن سالغان ھالدا ئۈن - تىنسىز ھالدا سوتخانىغا كىرگەن .