ئوتتۇرا ئاسىيا دوكلاتلىرىنىڭ 10-يانۋار خەۋىرى: ئۆزبېكىستاندا بېنزىن باھاسى تۇيۇقسىز بىر كېچىدىلا %20 ئۆرلىدى.
تىپى بويىچە، 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ھەر لىتىر بېنزىننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 0.77 ئامېرىكا دوللىرىدىن 0.9 ئامېرىكا دوللىرىغا ئۆرلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن، ھەر لېتىر بېنزىننىڭ ھازىرقى باھاسى 0.9 ئامېرىكا دوللىرىدىن 1.1 ئامېرىكا دوللىرى ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇردى.
ھۆكۈمەت ئەمەلدارى دېيىشىچە، يېقىلغۇ باھاسىنى ئۆستۈرۈش 1-ئاينىڭ 9-كۈنى قارار قىلىنغان، ئەمما ماي قاچىلاش پونكىتىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاشكارىلانمىغان.
ئۆزبېكىستاننىڭ فەرغانە رايونىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ماي ئايرىش زاۋۇتىدىن چاتاق چىققاندىن بۇيان، ئۆزبېكىستان ئىزچىل بېنزىن كىرىزىسدا تۇرماقتا.
لېكىن، بېنزىن باھاسى ئىلگىرى بۇنداق تۇيۇقسىز ئۆزگەرمەيتتى.
تەرجىمىدە: نەپرەت