ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ.
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا Visual Basic.NET 2015 پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ھازىر دەرسلەرنىڭ تەستىقلىنىشى نورماللاشتى. بۇ پۈتۈنلەي تېڭشۈن تەرەپنىڭ ئىشى بولۇپ، ئالاھىدە سۈزۈك فىلىملارنى ۋاقتىدا كود ئالماشتۇرۇش، تور يۈزىدە نەقمەيدان قويۇش جەھەتتە ئوخشىمىغان تەلىپى بولغاچقا، شۇ ئۆلچەمدە ئەۋەتسەم تېزلا يەنى شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى تەستىقلىنىۋاتىدۇ، ۋاقتىدا كۆرۈڭلار، قارىسام 10%-%15 بالىلار دەرسكە كەلمەپتۇ، قىزىقمايدىغانلار بولسا توپتىن چىقىپ تۇرساڭلار، توپقا كىرەلمەيۋاتقانلار بىر قەدەر كۆپ، قىزىقىدىغانلار ئاۋۋال ئۆگەنسە دېمەكچى ئىدىم.
ئاندىن مەن چىرايىمنى چىقىرىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن ھەم مۇشۇنداق سىنغا ئېلىۋاتىمەن، نەقمەيداندا نېمە بولسا شۇنى ئۆز پېتى سىنغا ئېلىپ يوللاۋاتىمەن، بۇنداق قىلسام دەرسمۇ تەبئىي بولىدىكەن، بىرلا قېتىمدا تامام بولىدىكەن، ۋاقتىممۇ تېجىلىپ قالىدىكەن، ئەگەر دەرسنى توسۇۋالىدىكەن دېسەڭلار، چىرايىمنى چىقمايدىغان قىلىۋەتسەممۇ بولىدۇ. قېنى پىكىرىڭلارنى ئاڭلاپ باقاي، رەھمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,096 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:59
- ئالدىنقى يازما :An Essential Research OF Software packages Tests Programs And Methods
- كېيىنكى يازما :Thesis Manual Development Tool
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئۇستاز ۋە باشقا بۇرادەرلەر . مەن دىرىسخانا چ چ توپىغا كىرەلمىدىم . شۇنىڭ ئۈچۈن دەرىسنىڭ ۋاقىتلىرىدىن خەۋەرسىز ئىكەنمەن . دەرىسخانىغا (alim.ke.qq.com) كىرىپ قارىسان excel, Vsual Basic, C++ , UyghurSoft قاتارلىق 4 خىل 6قىسىم دەرسلا بار مەن تاپالمايۋاتىمەنمۇ ياكى بۇندىن بۇرۇن سۆزلەنگەن بارلىق دەرىسلىكلەر شۇمۇ پەقەتلا بىلەلمىدىم . ئىمكان بولسا دەرىسخانا توپىغا مەنمۇ كىرسەم بەك بولمىغاندا شۇ توپتا بار تورداشلاردىن بىرى مىنىڭ مۇنۇ QQ :1551005242
نومۇرۇمغا ئۇچۇرىنى بىرىۋەتكەن بولساڭلار قىرىنداشلار
ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئالىم مۇئەللىم. سىز ۋىندوۋس ئەپ بازىرىغا يوللىغان قول كۆندۈرۈش مەشقىنى دۇكاندىن تاپالمىدىم. چەتئەلدە بولغانلىقىم ئۈچۈن تېپىلمىدىمۇ ياكى دۇكاندىن چۈشۈرىۋەتتىڭىزمۇ؟
تىلنى خەنزۇچە قىلىڭ ياكى دۆلەت تەۋەلىكىنى جۇڭگو دەپ تاللاپ ئىزدەڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، تەۋسىيە قىلغان كىتاب ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز، توپقا كىرەلمىگەن باللا بىلەلمەپتۇ. مەن لازىم بولماس دەپ ساقلاپ قويماپتىكەنمەن، باشقا توپتىكى باللا سورىغان ئىدى،
دەرىسلەر بەك سېستىملىق بەلەن ئۈتۈلۈپتۇ ،رەھمەت سىزىگە جاپا چەكتىڭىز ،بولسا ئۈزۈپ قويماي مۇشۇ ئاساستا داۋاملاشتۇرشىڭىزنى سەمىمى ئۈمۈت قىلاتتىم
رەھمەت، مەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىمەن
ۋاپاسىز غا
ماڭا نەتىجىسى ئەمەس پروگراممىسى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى لازىم ئىدى…
c# دەرىسىڭىز توختاپ قالدىغۇ
شۇنداق، ئەمدى سۆزلەي دېسەم چارشەنبە كۈنى بېيجىڭغا بارىدىغان سەپەرگە تەييارلىق قىلىۋاتىمەن، سالامەتچىلىك بولسا 12-ئاينىڭ بېشىدا قايتىپ كېلىمەن، ئاۋۇ vb نى ئوبدان تەكرار قىلىڭلار
ھەسەن تالىپ قا
ئەڭ ئاخىردا قىىپ قالغىنى 8نومور
مۇئەللىم سىزنىڭ 课堂 دىكى كونا دەرىس لىرىڭىز داۋاملىق ساقلىنىپ ماڭامدۇ ؟ ياكى بارا – بارا ئۈچەپ كېتەمدۇ؟
داۋاملىق تۇرىدۇ، بالىلىرىمىز ھەقسىز پايدىلانسۇن، تېخنىكا ئۆگەنسۇن
مۇئەللىم، مەن بىر ئىشنى قىلالمايۋاتىمەن. مەسىلەن، دەسلەپكى مىسالدىكىدەك بىر ماشنىنىڭ سۈرئىتىنى تاپماقچى بولساق، ئومۇمى ماڭغان مۇساپىنى سائەتكە بۆلسەك، سۈرئىتى چىقىدۇ. لېكىن مەن بەزىدە سائەت بويىچە، بەزىدە مىنۇت بويىچە سۈرئىتىنى تاپماقچى بولسام، ۋاقىت يازىدىغان رامكىدىن ئىككىنى لاھىيەلەپ، بىرىنى سائەت، بىرىنى مىنۇت دەپ ئېلىپ، بىرىگە سان يازسام يەنە بىرىگە سان يازغىلى بولمايدىغان ھالەتتە لاھىيەلەپ، سائەت ياكى مىنۇتنىڭ قايسىسىغا سان يازسام شۇ بويىچە ماشىنا سۈرئىتىنى ھېساپلايدىغان قىلىپ لاھىيەلەشنى بىلەلمىدىم. دىمەكچى بولغىنىم ئاشۇنداق تاللاش ئىختىيارلىقى بولىدىغان رامكىلىق قۇرۇلما تۈزسەم بولاتتى، ياكى مەن بۇنىڭغا ئالدىراپ كەتتىممۇ؟
ئەڭ ئاخىردا قالغان بالىنىڭ دۇمبىسىدىكى سان 9
دەرسلىرىڭىزنى كۆرۈپ كود يېزىشتىكى نۇرغۇن يېتەرسىزلىكىمنى بايقىدىم،
مۇئەللىم ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان بىرەر سورۇن(مۇنبەر)ئېچىشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم
مەن ئۆرۈمچىگە بىرىپ سىزدىن پىروگىرامما ئۈگىنىش ئارزۇيۇم باتى،ئۆزەم كومپىيۇتىر مەشخۇلاتىغا پىششىق سىستىما قاچىلاش،قۇراشتۇرۇش ئىشلىرىنى قىلالايمەن، سىزنىڭ شىركىتىڭىزدە ئىشلىرىڭىزغا ھەقسىز ياردەملەشكەن ئۈگىنىۋالسام بولامدۇ؟
1300213781@qq.com ئىلخەت نومۇرۇم جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن
توققۇز بالا تۇرۇپ چەمبەر ياساپتۇ. توققۇز بالىنىڭ دۈمبىسىگە 1 دىن 9 غىچە ئايرىم ئايرىم يېزىلغان ئىكەن. 1-نۇمۇرلۇق بالىدىن باشلاپ ساناپتۇ، ساناپ 5 كە كەلگەن بالا چەمبەردى چىقىپ كىتىپتۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى بالا يىڭىباشتىن 1 دىن باشلاپ ساناپتۇ ۋە مۇشۇ بويىچە داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇنداقتا ئەڭ ئاخىرىدا بىر بالا ئېشىپ قالغاندا دۈمبىسىدىكى سان قانچە؟
مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى مۇمكىن بولسا كودىنى بىر يىزىپ بەرسەڭلا بولاتتى ، رەھمەت سىلەرگە ….
ئالىم مۇئەللىم ئېلخەت ئادرىسىڭىزنى قالدۇرسىڭىز ، سىزدىن سورايدىغان سۇئاللىرىم بار ئىدى.
hql@uighursoft.com
ئاۋۋال مۇشۇ ئادرېسقا ئەۋەتسىڭىز، مۇھىم خەتلەرنى ماڭا يوللاپ بېرىدۇ.
ئالىم مۇئەللىم ناھايىتى بەك ياخشى بولدى،دەرسىڭىزنى بەك ياقتۇردۇم ، سزگە ھازىرچە جاپا چەكتىڭىز دىيشتىن بىلەك باشقا گەپ قىلالمايمەن ! رەھمەت سىزگە !!