ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا دەرس نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ.
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئالىم ئەھەت دەرسخانىسىدا Visual Basic.NET 2015 پىروگرامما لايىھەلەش ئاساسىي بىلىملىرى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي باشلانغان بولۇپ، ھازىر دەرسلەرنىڭ تەستىقلىنىشى نورماللاشتى. بۇ پۈتۈنلەي تېڭشۈن تەرەپنىڭ ئىشى بولۇپ، ئالاھىدە سۈزۈك فىلىملارنى ۋاقتىدا كود ئالماشتۇرۇش، تور يۈزىدە نەقمەيدان قويۇش جەھەتتە ئوخشىمىغان تەلىپى بولغاچقا، شۇ ئۆلچەمدە ئەۋەتسەم تېزلا يەنى شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى تەستىقلىنىۋاتىدۇ، ۋاقتىدا كۆرۈڭلار، قارىسام 10%-%15 بالىلار دەرسكە كەلمەپتۇ، قىزىقمايدىغانلار بولسا توپتىن چىقىپ تۇرساڭلار، توپقا كىرەلمەيۋاتقانلار بىر قەدەر كۆپ، قىزىقىدىغانلار ئاۋۋال ئۆگەنسە دېمەكچى ئىدىم.
ئاندىن مەن چىرايىمنى چىقىرىپ تۇرۇپ سۆزلەۋاتىمەن ھەم مۇشۇنداق سىنغا ئېلىۋاتىمەن، نەقمەيداندا نېمە بولسا شۇنى ئۆز پېتى سىنغا ئېلىپ يوللاۋاتىمەن، بۇنداق قىلسام دەرسمۇ تەبئىي بولىدىكەن، بىرلا قېتىمدا تامام بولىدىكەن، ۋاقتىممۇ تېجىلىپ قالىدىكەن، ئەگەر دەرسنى توسۇۋالىدىكەن دېسەڭلار، چىرايىمنى چىقمايدىغان قىلىۋەتسەممۇ بولىدۇ. قېنى پىكىرىڭلارنى ئاڭلاپ باقاي، رەھمەت.
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,098 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:59
- ئالدىنقى يازما :An Essential Research OF Software packages Tests Programs And Methods
- كېيىنكى يازما :Thesis Manual Development Tool
كېرەمجانغا :
قورال ساندۇقىدىكى قوراللار بەزىدە ئىشلىمەيدۇ
چۈنكى قورال ساندۇقىدىكى قوراللار بىكىتىلگەن ئۇرۇندىلا رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ
مەسلەن كود يېزىش كۆزنىكى ئىچىگە كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ دىگەندەك
شۇڭا سىز مائۇس سول كۇنۇپكىسىنى كۆزنەك يۈزىگە چىكىۋەتكەندىن كىيىن قورال ساندۇقى كۆرىنىدۇ ھەم كۆزنەك يۈزىگە قوراللارنى تىزىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ
ئەگەر باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئەپ ئېچىش سۇپىسى (Visual Studio) بۇزۇلغان بولسا ئۈچۈرۋېتىپ قايتا قاچىلاڭ .
ئۆتكەن دەرىسلىرىڭىزنى تولۇق ئاڭلاپ كىلىۋاتىمەن. ئىمكانىيەت بولسا،دەرىسلىكىڭىزنى تەمىنلەپ بەرگەن بولسىڭىز، ئۇنىڭدىن باشقا دائىم ئىشلىتىدىغان ئىپادىلەش شەكىللىرىنى.
dim XXX as single=xxxxدىگەندەك
بەك جىددى ياردەم مۇئەللىم . قۇرال ساندۇقىدىكى قۇراللار كۈل رەڭ بولۇپ ئىشلىمەيۋاتىدۇ . قانداق ھەل قىلىمەن ؟؟؟
مۇئەللىم بىر سۇئالىم بار ئىدى توپتا سوراش ئىمكانيىتى يوق ئىكەن شۇڭا مۇشۇ يەردىلا سوراۋىرەي.
مەن c=a+b بۇيەردە c قىممىتىنى تاپىدىغان ئاددىيلا بىر كود يازدىم ئۆزگىرىشچان مىقدار a ,b غا ھىچقانداق قىممەت كىرگۈزمەيلا ھىسابلاش كۇنۇپكىسىنى باسسام پىروگراممىدا خاتالىق يۈز بىرىدىكەن.
1. سۇئال: aۋە b ھىچقانداق قىممەتكە تەڭ بولمىسا (ھىچ نىمە كىرگۈزۈلمىسە) بۇنىڭغا بىر شەرت جۈملىسى ئىلىشقا توغرا كەلسە كودنى قانداق يازىمىز
2. سۇئال: c=a+b بۇيەردىكى a,b,c ئەلۋەتتە سان سىغىر يىزىلسا ھىسابلاش ئىلىپ بارىدۇ. ئەگەر ھەرىپ ۋە بەلگىلەر يىزىلىپ قالسا بۇ يەرگە سان كىرگۈزۈڭ دىگەن ئەسكەرتىشنى چىقىرىش ئۈچۈن قانداق شەرت كودىنى يازىمىز
يۇقاردا مەقسىتىمنى تولۇق ئۇقتۇرالمىدىم a,b,لارغا قىممەت بەرگەندە تاسادىبى قۇرۇق قالسا ياكى سان باشقا ھەرب بەلگىلەر بىسىلىپ قېلىپ ھىسابلاش كۇنۇپكىسىنى باسقاندا قۇرۇق قالغان ياكى ھەرب بەلگىلەر گىرگۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بايقايدىغان كودنى قانداق يازىمىز
مەن بۇ ساھەگە يېڭىدىن كىرگۈچىلەر ئۈچۈن دەسلەپتە چەكلىمىلەرنى يەنى بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ دېگەنلەرنى سۆزلىمەيمەن. بولمىسا كاللىسىغا بۇنى قىلساممۇ خاتا، ئۇنى قىلساممۇ خاتا بولىدىكەن دېگەن تۇيغۇ شەكىللىنىپ قالسا بولمايدۇ. مەلۇم سەۋىيەگە بارغاندا ئۆزلىرى ھېس قىلىۋالىدۇ.
ئالىم مۇئەللىم سىز ئىنكاسىڭىزداvb.net دەرسى كىلەر ھەپتە تامام بولىدۇ دەپسىز، vb.net اد يۇمشاق دىتال ئىچىش مەسىلەن يۇك تاق تۇشۇش يۇمشاق دىتالى ،ئاشخانا يۇمشاق دىتالى قاتارلىققىچە سۆزلىمەمسىز ؟
ئۇ كەسپىي بىلىملەرنى كېيىن ئايرىم سۆزلەيمەن. ھاىرچە مەن پىروگرامما ئاساسىي بىلىملىرىنى سۆزلەيمەن. بۇ ساھەگە تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرنىڭ كىرىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، بىز ئۈچۈن ياخشى قىلىپسىز ، ئۈزىڭىزنىڭ سالامەتلكىڭىزنى ئاسرىشىڭىزنى ئۈمىدقىلىمەن
رەھمەت، ئەمما يېقىندا يىغىن، پائالىيەت، لېكسىيە، چاي، توي،….بەك كۆپ بولۇپ كەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن مۇھىملىرىغا بارسام بولغۇدەك، بولمىسا ئويلىغانلىرىمنى قىلىپ بولالماي، كەچ تەرەپلىرىمۇ ئىشلەۋاتىمەن دېسە.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ خالىسانە دەرس سۆلىگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت..
راس مۇئەللىم مەن c# دەرسلىكىگە تىزىملاتقان، c# نى ھازىرچە ئۆتمەيدىغان بولدىڭىزما؟ دەرس پەقەتلا يىڭىلانمىدى. مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بىرۋەتكەن بولسىڭىز
مەن بىربىرلەپ سۆزلەيمەن، كېلەر ھەپتە vb تامام بولىدۇ، ئاندىن يېڭى دەرسلەر چىقىدۇ
ھارمىغايسىز ، مۇئەللىم ، غەيرەت قىلىڭ !
ھارمىغايسىز مۇئەللىم ھېلىمۇ كوپ كۈچ چىقىرىۋاتىسىز رەھمەت سىزگە؟
مۇئەللىم دەرس بەك ياخشى سۆزلىنىۋاتىدۇ . مۇمكىن بولسا ئەمەلىي مىساللار كۆپرەك كۆرسەك دەيمەن ، رەھمەت سىزگە!!!!
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز !!چىرايىڭىز ئاشۇنداق چىقىپ تۇرسا ياخشى بولىدىكەن، ئادەم بىۋاستە دەرس ئاڭلاۋاتقاندەك ياكى شۇنىڭغا يېقىنراق تۇيۇلىدىكەن. قوللايمەن. مومكىن بولسا سىزنىڭ يېنىڭىزدا تۇرۇپ ئاڭلىساق بەك ياخشى بولاتتى ، !!!!!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن بىۋاستە سۆزلىگەن دەرسڭىزنى ئاڭلىماقچى ئىدىم ،لېكىن بىۋاستە ئاڭلىتىش دەرس تېزىملىكى چېقمىدى ياردەم قىلسېڭىز بوپتىكەن.
مۇئەللىم جاپا چەكتىڭز رەھمەت سىز گە ، سۈرىتىڭىز چىقىپ تۇرسا ياخشى بولدىكەن ، مەن شۇنداق ياختۇردۇم .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەلىم ئەھەت مۇئەللىم، تېمىغا مۇناسىۋەتسز بولسىمۇ سىزدىن سورايدىغان بىر ياردەم بار ئىدى،ياردىم قىلسىڭىز. ئۈندىدار سالونىدا پەس تەرەپكە چىقىدىغان تىزىملىك(自定义菜单) گە ئۇيغۇرچە خەت يازغاندا ھەربىر تىزىملىكنىڭ ئىسمى (菜单名称) غاپەقەت تۆت ھەرپلا يازغىلى بولىدىكەن، سىز ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىغا بۇنىڭدىن كۆپ خەت يېزىپتىكەنسىز. مۇشۇنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ بىر يول كۆرسەتسىڭىز، ئۇنىڭدىن باشقا مەن ئۈندىدار سۇپىدا 微信支付 نى ئىلتىماس قىلىپ 微信小店 ئىقتىدارىنى قوشقان ئىدىم، ھازىر ئەمدى قانداق قىلىپ شۇ تىزىملىكنى دۇكاندىكى مەلۇم تاۋارنىڭ بېتىگە ئۇلاپ قويالايمەن؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز، كۆپ رەھمەت!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
سوئال: سىز ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىغا بۇنىڭدىن كۆپ خەت يېزىپتىكەنسىز. مۇشۇنى قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟
============
جاۋاب: بۇنى كود يېزىپ چىقارغان، شۇڭا چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. پىروگرامما يېزىشتىن خەۋرىڭىز بولسا، كود ئىچىگە يېزىۋەتسىڭىز بولىدۇ.
سوئال: بىر يول كۆرسەتسىڭىز، ئۇنىڭدىن باشقا مەن ئۈندىدار سۇپىدا 微信支付 نى ئىلتىماس قىلىپ 微信小店 ئىقتىدارىنى قوشقان ئىدىم، ھازىر ئەمدى قانداق قىلىپ شۇ تىزىملىكنى دۇكاندىكى مەلۇم تاۋارنىڭ بېتىگە ئۇلاپ قويالايمەن؟
جاۋاب: شۇ دۇكاننىڭ ئۇلىنىشىنى تىزىملىككە ئۇلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
چىرايىڭىز ئاشۇنداق چىقىپ تۇرسا ياخشى بولىدىكەن، ئادەم بىۋاستە دەرس ئاڭلاۋاتقاندەك ياكى شۇنىڭغا يېقىنراق تۇيۇلىدىكەن. قوللايمەن.