phpBB نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا تەكلىپ-پىكىر بېرىڭ
[ تاغدىن-باغدىن ]phpBB ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن phpBB مۇنبىرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى ئۇيغۇرسوفت تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى، پات يېقىندا ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى. تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغان مۇنبەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
(بۇ تېما سىناق ئۈچۈن ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى)
http://www.uighursoft.org/bbs/viewtopic.php?f=65&t=24
phpBB دېگەن نېمە؟
2000-يىلىدىن باشلاپ phpBB بېكەت سىستېمىسى دۇنيادا كەڭ تارقالغان ئوچۇق مەنبەلىك مۇنبەر سىستېمىسىغا ئايلاندى. ئۇنى قاچىلاش ۋە ئارقا سۇپىدا باشقۇرۇش ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ، بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىقالايسىز. ھازىر ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى نەچچە مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر 49 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى 50-ئورۇنغا كىردى.
phpBB مۇنبىرىنى قەيەردىن كۆرەلەيمەن؟
ئورگان تور بېكىتى:
https://www.phpbb.com/
ئۇيغۇرچە سىناق مۇنبەر (تەكلىپ-پىكىرلەرنى مۇشۇ مۇنبەرگە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ)
http://www.uighursoft.org/bbs
نېمە ئۈچۈن phpBB مۇنبىرى تەرجىمە قىلىندى؟
(1) چەتئەللەردە كەڭ ئالقىشلانغان ۋە تارقالغان phpBB مۇنبىرىنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش
مۇنبەر دېسە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «ئەڭ يېڭى تېما»، «ئەڭ يېڭى ئىنكاسلىق تېما»، «جەۋھەرلەنگەن (ياكى نادىر) تېما» دېگەندەك ئۈچ ئىستونغا ئايرىلغان تور بېكەت كۆز ئالدىغا كېلىدۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ بۇ يەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما مۇنبەر ئۇنداق لايىھەلەنمىگەن، تېخنىكىلىق مۇنبەر تېخىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ.
مەن ياقتۇرىدىغان ئىنگلىزچە تېخنىكىلىق مۇنبەردىن مىسال:
http://forum.high-logic.com/
(2) تەرجىمە گۇرۇپپىمىزدىكى خادىملارنى داۋاملىق چېنىقتۇرۇش.
بۇ مۇنبەرنى تەرجىمە قىلىشتا Windows دا ئىشلىتىگەن تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇلار ئىشلىتىلدى، مۇنبەرنىڭ ئۆز تىلى بولغان ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىندى.
(3) تېخنىكىلىق مۇنبەرلەرنى كۆپلەپ قۇرۇپ، پايدىلىق ئىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ تارقىتىش
قېنى تورداشلارنىڭ بايقالغان خاتالىقلار ئۈستىدە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
===================
ئالدىراشلىقتا تۇنجى تۆھپىكارلارغا سالام يوللاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مېنىڭ بىلىشىمچە 2009-يىللىرى مۇھەممەد ئەردەم قاتارلىقلار بۇ سىستېمىنى تەرجىمە قىلغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مۇنبەرنىڭ ئالدى قىسىم تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. گەرچە ئۇلار تەرجىمە قىلغان مۇنبەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ يەردىكى ئىنكاسلارغا قاراڭ
مەنمۇ phpBB نىڭ بىر ھەۋەسكارى، ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدىم. بولۇپمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئارزويۇم تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەمما phpBB.com ئورگان تورىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، شۇڭا بۇنى تەرجىمە قىلىشنى پىلانلىدىم، ئۇيغۇرسوفت يەرلىكلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ تەرجىمە قىلىشنى باشلىدۇق، Windows 8/8.1 نىڭ ئاتالغۇلىرى ۋە تەرجىمە ئۇسلۇبى بويىچە تەرجىمە قىلىندى. ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن چوقۇم %100 تەرجىمە قىلمىسا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويدى. بىز ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە تاماملىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا مەسئۇل بولدۇق، كۆپچىلىك بىلەن ئاشكارە سىناق قىلغاندىن كېيىن، پات يېقىندا ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,312 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:30
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسى دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى
- كېيىنكى يازما :WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمكا! سالامەتمۇ سىز؟
ئالدىراشلىقىڭىزنى بىلسەممۇ ساقلاپ ساقلاپ ساقلاپ ئاخىرى بۇلالماي ئاخىرى تىشىلدىم. بىز ئۆزئارا يەنى ئوقۇغۇچىلار(چەتئەلدە) ئىچكى بىر بەت قۇرۇشنى پىلانلاپ مۇشۇ سېستىمنى ئىشلىتەيلى دەپ ساقلاۋاتقىلى ساق ئىككى يىل بولدى. يەنى 2013 دىن ساقلاپ 2015 بولدى. يىقىندا تارقاتسىڭىز ساقلاي. ئەگەر تارقاتمىسىڭىز بىزگە خۇسۇسى بولسىمۇ تىل بولىقىنى بەرسىڭىز.
سىزنى مالال قىلىدىغان بولدۇق.
ئۇنداقتا ماڭا دېسەڭلار بولمامدۇ؟
چۈشۈرۈش ئادرېسى مانا:
http://www.uighursoft.com/download/Uyghur_1.0.0.zip
كەچۈرۈڭلار سىلەرنى ساقلىتىپ قويۇپتىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچان تارقىتىلىدۇ؟ بۇ ئىش جىمىپلا كەتتىغۇ؟!
ئورگان تور بېتىدە تىل سانى 51 بولۇپ بوپتۇ. ئالىمكام 50 چىسىنى ئۇيغۇر تىل بولىقى دېگەن ئىدى. ئەمما ئورگان بېتىدە يوق. بۇ ئىش باشلانغان ئىكەن، ئەمدى قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى يەنە چىقىرىپ بۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بېرىپ قويسىڭىز. رەھمەت.
ئۆتكەن يىلى تاماملانغان ئىدى، لېكىن بىرنەچچە خاتالىق سەۋەبىدىن ئېلان قىلىنمىغان، ھازىر تەكشۈرۈۋاتىمىز.
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، بۇ مۇنبەر سىستېمىسىنىڭ قايتىدىن روياپقا چىققانلىقىغا مۇبارەك بولسۇن. بۇ مۇنبەر سىستېىمىسىنىڭ تەرجىمىسىگە 2004- يىلدىن 2005- يىلغىچە ئابدۇرېھىم ئەپەندى بىلەن مۇھەممەد ئەردەم ئەپەندىلەر كۆپ كۈچىگەنتى. تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى مۇھەممەدجان ئەپەندى( UKIJنىڭ سابىق رەئىسى) ھەل قىلغان ئىدى. كېيىن PHP-Nuke دىمۇ مۇشۇ مۇنبەر سىستېمىسى توپلاشتۇرۇلۇپ تارقالغانتى. ھازىر PHP-Nuke سىستېمىسىنى قوللونۇپ ياسالغان توربەتلەردىن «ئىزدىيارى» (http://www.izdiyari.com) لا ئۇرۇغلۇققا ساقلىنىپ قاپتۇ. كۆرۈپ باققايسىز. PHP-Nuke نىمۇ سىزنىڭ باشچىلىقىڭىزدا يېڭىدىن يوروقلۇققا چىقىسىكەن دېگەن ئارزۇدىمەن.
بۇ سىتىمىنى قاچانلىققا ئىلان قىلىسىلەر مەن بەكلا قىزىقىپ قالدىم
ئالىم مۇئەللىم joomla نىمۇ تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىنى قۇشۇپ قويسىلا بولسا … بۇمۇ دۇنياغا داڭلىق تور بەت سېستىمىسى … ۋوردپردسس ،دۇرۇپپال ،جۇمىلا بۇ ئۇچ تور بىكەت سېستىمىسى بەك كۇچلۇك ئىكەن .بولسا مۇشۇ تۇرنىمۇ تەرەققى قىلدۇرغان بولساق بۇلاتتى .
joomla ئۇيغۇرچىسى ئاللىقاچان تارقىتىلىپ بولغان .
http://www.joomlauy.org
Drupal نىمۇ ئۇيغۇرسوفىت تەرجىمە قىلغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى ،ھەممە نەرسە تۇلۇق بۇلاتتى .
CMS , BLOG ,BBS
Drupal مۇ تەرجىمە قىلىنىپ بولغانغۇ دەيمەن. مانا ماۋۇ ئورگان تەرەپ تەرجىمە بىتىكەن: https://localize.drupal.org/translate/languages/ug/board
شۇنداق، بۇرۇنلا تەرجىمە قىلىنغان
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
تىل بولىقى قاچانراق تارقىتىلار؟
ئۇيغۇر سوفىتنىڭ مۇنبەر بېتىنى ئايپادتا كۆرسەم ھەممىسى نورمال. ئايپاد تۈرمىدىن قاچمىغان. ئايوس7سېستىما
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، يەنە بىر يېڭى نەتىجە مۇبارەك بولسۇن.
ئالىم مۇئالىم، سىزنىڭ
“شۇڭا بۇنى تەرجىمە قىلىش دېدىم، ئەمدىكى نۆۋەت يەرلىكلەشتۈرۈش دېگەنگە كېلىدۇ. ئۇنى چوقۇم ئۆزىمىزگە تولۇق ماسلاشتۇرۇش كېرەك“
دىگەن گېپىڭىز ناھايىتى توغرا ئىكەن.
مۇشۇ جەھەتتىكى ئىشلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن پروگرامما تەرجىمىسى كۇرۇسىنى ئاچسىڭىز بولغىدەك. بۇنىڭغا قىزىقىدىغان باللار بەك كۆپ.
ماۋۇمۇ ئېسىل ئىش بوپتۇ يەنە بىر ئېسىل ئۇيغۇرچە سىستېما (تور بەت سىستېمىسى) مەيدانغا كەپتۇ.
ئۇيغۇرسوفت مۇنبىرىگە كىرىپ بىر نېمە يېزىشقا مېنىڭ دەرىجەم توشمىغۇدەك جۇمۇ. ساپلا پروگرامما ھەققىدە سەھىپە ۋە تېمىلار تۇرىدۇ.
بۇ مۇنبەرنىڭ قۇرۇلغىنى ناھايتى ياخشى بوپتۇ، يېڭى چىقىۋاتقان پروگراممېرلارغا ناھايتى ياخشى سورۇن بولغۇدەك بۇ.
مىنىڭ كومپيوتىرىمدا خەتلەر ئىنىق ئەمەس بۇ نىمە ئىش
مۇئەللىم يەنە بىر مەسىلە، ئاۋۇ يىزىپ بولغان تېمىنى قايتا تەھرىللەيدىغانغا،ھىلىقى «يازما تەھرىللەش» دېگەن خەت تولۇق كۆرۇنمەپتۇ، پەقەت «رىرلەش »دېگەن قىسمىلا كۆرۇنۇپتۇ
ئەگەر بىز مۇنبەر قۇرماقچى بولساق (ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە ، ناشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئۇسۇلدا بىرەر ئىش قىلىپ باققىمىز بار ) مۇشۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەتمەكچى بولساق قانداق قىلىمىز ؟ يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز ، رەھمەت سىزگە ئاۋارە قىلدىم
ئۇيغۇرچىسىنى ئورگان تەرەپكە كېلەر ھەپتە ئىچىدە يوللاش پىلانمىز بار. تەستىقمۇ ئاللىبۇرۇن چۈشۈپ بولدى. ھازىرچە ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ياكى تۈركچە phpBB نى قاچىلاپ ئىشلىتىشنى ئۆگەنگەچ تۇرۇڭ، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قىلىمەن دېسڭىز، مىڭلىغان ئۇسلۇبلار بار، شۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ، تېخنىكىسى بارلار ئۇسلۇب يېزىپ ياكى ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىپ ئانچە-مۇنچە كىرىم قىلالىسا تېخىمۇ ياخشى.
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
بۇ بەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ،بورۇن چەتئەلنڭ مۇنازىرەت بىكەتلىردىن سىز ئۈستىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن تىما دىگەن 3 ستونلۇق رايونلار كۆرۈنمەيدىغان مۇنبەرلەرنى ئۇچراتقان ئىدىم،ئەمدى ئويلاپ باقسام ئاشۇلارمۇ مۇشۇنى ئىشلەتكەن ئوخشايدۇ،يەنە بىرسىگە بۇنىڭغا ئۆزى ئۇسلۇب ۋە ۋوردپرەستىكىدەك قىستۇرما ئاچقىلى بولامدىكەن
ئۇسلۇبنى خالىغانچە قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، قىستۇرمىلارنى ئۇقمىدىم، ئەمما باشقۇرۇش بېتى دىسكازدىن ھەرگىز قىلىشمايدىكەن. خالىغانچە تەڭشەپ، ھەرخىل مودىل قوراشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. مەن ئىنگىلىزچە نۇسخسىنى قاچىلاپ كۆرۈپ باقتىم…
توغرا دەيسىز، بۇ ھەرگىز ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ، ئەڭ مۇھىمى ئازادە، چۈشىنىشلىك ۋە ئىنتايىن قولايلىق
بۇنىڭدا بۇنداق نەرسىلەر دەھشەت كۆپ، تاللاپ ھېرىپ قالىسىز.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ مۇنبەر بەك پاكىز سىپتا چىقىپتۇ، مۇبارەك بولسۇن. قوشۇمچە سوراپ باقسام: WordPress نىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشىنى ئۇيغۇرسوفت ئۈستىگە ئالدىمۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا يېڭى نەشىرلىرى قاچان يېڭىلاشقا ئۇزۇتىلىدۇ؟
شۇنداق، بىز قىلىۋاتقان ئىدۇق، بۈگۈن 3.8.1 سىناق نۇسخىسىنى يوللىدۇق، تولۇق تەرجىمە قىلىندى. ئورگان تورىغا چىقىپ قاراپ باقسىڭىز بولىدۇ.
بايا تېلېفوندا ئىنكاس قايتۇرغان ئىدىم. ياقتۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!
شۇنداق WordPress نىڭ تەرجىمە ئىشىنى دوكتۇر ھىدايەت بىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى، بۇ يىل كۆپ يېڭىلاپ بولالمىدۇق، بۈگۈن 3.8 نەشرىنىڭ باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ تەرجىمىسى %100 تاماملاندى. ئورگان تورىغا يوللاپ، سىناق نەشرىنى ئېلان قىلدىم. پىلانىمىزدا ئىنگلىزچە رەسمىي نەشىرى ئېلان قىلىنغان كۈنى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىمۇ تەڭ ئېلان قىلماقچى، ھازىر بارلىق تەييارلىق خىزمەت پۈتۈپ بولدى.
بەزى جەھەتلەردە ياردىمىڭىزنى داۋاملىق ئايمىغايسىز، سىز بۇ جەھەتتە مۇتەخەسسىس.
چاتاق يوق. WordPress تەك ئۇتۇقلۇق بىر سىستېمىنىڭ يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشىنى ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى، بۇ سىستېمىنىڭ بۇندىن كېيىن بىزدىكى ئىشلىتىشىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەت بوپتۇ. بۇ جەھەتتە مەن ھەر ۋاقىت ياردەمگە تەييار.
ئالدىنقى نەشىرلىرىنى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ‹ئۇيغۇرى› تور نامىنى قوللانغان بىر قېرىندىشىمىز تەرجىمە قىلغان ئىدى ، ئەمما ئارقا سۇپا يەنىلا ئىنگىلىزچە بولغاچقا ئىشلەتكەنلەر جىق چىقمىغان . مانا ئالدى بەت ۋە ئارقا سۇپا شۇنداق كۆركەم ئۇيغۇرچىلىشىپتۇ ، ئەمدى مۇنبەر قۇرغۇچىلارغا يەنە بىر تاللاش كۆپەيدى دىگەن گەپ . رەھمەت مۇئەللىم !
توغرا دەيسىز 2009-يىلىغۇ دەيمەن، مەن بىلىدىغانلاردىن مۇھەممەد ئەردەم قاتارلىقلار تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپتىكەن. ئەمما دېيىشىچە پەقەت ئالدى كۆرۈنۈش تەرجىمە قىلىنىپتىكەن.
لېكىن %70-%80 مەزمۇن ئارقا سۇپىدا ئىكەن، بۇنىڭدا جەمئىي 6000 غا يېقىن جۈملە، تەخمىنەن 49 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك بار ئىكەن، بۇ بىر خالس خىزمەت بولغاچقا 3 ئاي ۋاقىت كەتتى. ئەگەر Microsoft ئەۋەتكەن بولسا، 50 مىڭ سۆز دېگەننى 2 ھەپتىدە تاماملايتۇق.
ھازىر %100 تەرجىمە قىلمىسا ئورگان تەرەپتىن تەستىق بەرمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتالغۇ ۋە تەرجىمە ئۇسلۇبى تۇنجى تەرجىمىگە (مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم) ئوخشىمايدۇ دېيەلەيمەن. بۇنىڭدا شۇ Windows تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇلار ئىشلىتىلدى. مەيلى ئۇ ئىش تولۇق تاماملانمىغان بولسۇن، تۇنجى قېتىم تەرجىمە قىلغان مۇھەممەد ئەردەم قاتارلىقلارغا چوڭقۇر ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.