phpBB نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا تەكلىپ-پىكىر بېرىڭ
[ تاغدىن-باغدىن ]phpBB ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن phpBB مۇنبىرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى ئۇيغۇرسوفت تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى، پات يېقىندا ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى. تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغان مۇنبەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
(بۇ تېما سىناق ئۈچۈن ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى)
http://www.uighursoft.org/bbs/viewtopic.php?f=65&t=24
phpBB دېگەن نېمە؟
2000-يىلىدىن باشلاپ phpBB بېكەت سىستېمىسى دۇنيادا كەڭ تارقالغان ئوچۇق مەنبەلىك مۇنبەر سىستېمىسىغا ئايلاندى. ئۇنى قاچىلاش ۋە ئارقا سۇپىدا باشقۇرۇش ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ، بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىقالايسىز. ھازىر ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى نەچچە مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر 49 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى 50-ئورۇنغا كىردى.
phpBB مۇنبىرىنى قەيەردىن كۆرەلەيمەن؟
ئورگان تور بېكىتى:
https://www.phpbb.com/
ئۇيغۇرچە سىناق مۇنبەر (تەكلىپ-پىكىرلەرنى مۇشۇ مۇنبەرگە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ)
http://www.uighursoft.org/bbs
نېمە ئۈچۈن phpBB مۇنبىرى تەرجىمە قىلىندى؟
(1) چەتئەللەردە كەڭ ئالقىشلانغان ۋە تارقالغان phpBB مۇنبىرىنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش
مۇنبەر دېسە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «ئەڭ يېڭى تېما»، «ئەڭ يېڭى ئىنكاسلىق تېما»، «جەۋھەرلەنگەن (ياكى نادىر) تېما» دېگەندەك ئۈچ ئىستونغا ئايرىلغان تور بېكەت كۆز ئالدىغا كېلىدۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ بۇ يەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما مۇنبەر ئۇنداق لايىھەلەنمىگەن، تېخنىكىلىق مۇنبەر تېخىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ.
مەن ياقتۇرىدىغان ئىنگلىزچە تېخنىكىلىق مۇنبەردىن مىسال:
http://forum.high-logic.com/
(2) تەرجىمە گۇرۇپپىمىزدىكى خادىملارنى داۋاملىق چېنىقتۇرۇش.
بۇ مۇنبەرنى تەرجىمە قىلىشتا Windows دا ئىشلىتىگەن تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇلار ئىشلىتىلدى، مۇنبەرنىڭ ئۆز تىلى بولغان ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىندى.
(3) تېخنىكىلىق مۇنبەرلەرنى كۆپلەپ قۇرۇپ، پايدىلىق ئىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ تارقىتىش
قېنى تورداشلارنىڭ بايقالغان خاتالىقلار ئۈستىدە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
===================
ئالدىراشلىقتا تۇنجى تۆھپىكارلارغا سالام يوللاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مېنىڭ بىلىشىمچە 2009-يىللىرى مۇھەممەد ئەردەم قاتارلىقلار بۇ سىستېمىنى تەرجىمە قىلغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مۇنبەرنىڭ ئالدى قىسىم تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. گەرچە ئۇلار تەرجىمە قىلغان مۇنبەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ يەردىكى ئىنكاسلارغا قاراڭ
مەنمۇ phpBB نىڭ بىر ھەۋەسكارى، ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدىم. بولۇپمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئارزويۇم تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەمما phpBB.com ئورگان تورىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، شۇڭا بۇنى تەرجىمە قىلىشنى پىلانلىدىم، ئۇيغۇرسوفت يەرلىكلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ تەرجىمە قىلىشنى باشلىدۇق، Windows 8/8.1 نىڭ ئاتالغۇلىرى ۋە تەرجىمە ئۇسلۇبى بويىچە تەرجىمە قىلىندى. ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن چوقۇم %100 تەرجىمە قىلمىسا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويدى. بىز ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە تاماملىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا مەسئۇل بولدۇق، كۆپچىلىك بىلەن ئاشكارە سىناق قىلغاندىن كېيىن، پات يېقىندا ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,315 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 18:30
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ نەتىجىسى دۇنيا مېدىتسىنا ساھەسىدىكى 10 چوڭ بۆسۈشنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى
- كېيىنكى يازما :WordPress 3.8 ئۇيغۇرچە نەشرى تارقىتىلدى
ئەسسالام ئەلەيكۇم!
مەزكۇر مۇنبەر سېستىمىسىمۇ بولىدىكەن، ئاددى ھەم چۈشۈنۈشلۈك. مۇشۇ بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقان discuz دىگەندەك مۇنبەر سېستىمىلىرىدىكى سانداننى يۆتكەپ ئەكەلىلى بولامۇ؟
مەسلەن، تېما قىسمى بىلەن ئەزا رايونىنى ساندانلىرىنى؟
مېنىڭچە بولىدۇ، تەييار قوراللار بولۇشى مۇمكىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھازىر نەشىرياتقا سۇنۇلىغان كىتاپ ژورناللارنى قايسى سېستىمىدا تەھرىلەپ بەت ياسايدۇ، 超极本 دەپ بىر سېستىما ئىشلىتىدىكەن دەپ ئاڭلىدىم، بەلكىم بۇ office نىڭ 2010 نۇسخسىمى، مۇشۇ توغرىلىپ مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز، قوش تىللىق كىتاپ ئىدى، شۇڭا تەھرىرلەپ چىقىرىشتا بىر ئاز قىيىنچىلىققا يولۇقتۇق. تەكلىپ-پىكىر بەرگەن بولسىڭىز مۇئەللىم!
بۇ مۇنبەر سىستېمىسى بەك پاكىز چىقىپتۇ. بۇنىڭ يانفۇن نۇسخىسىمۇ بارمىدۇ؟
ئەلۋەتتە بار بولىدۇدە، google دىن ئىزدەپ كۆرسىڭىز كومپيۇتېر ۋە باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ماسلاشتۇرۇلغان ھەقلىق ۋە ھەقسز نۇرغۇن ئېسىل ئۇسلۇبلار بار. مەسىلەن:
http://www.artodia.com/phpbb-styles/
http://themeforest.net/item/bboots-html5css3-fully-responsive-phpbb3-theme/6043477
دىگەندەك.
ۋوردپرېسس تەرجىمە قىلىنىپ شۇنداق ئالقىشقا ئېرىشىپ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمىزنى مۇشۇ كۈنگە يەتكۈزگەن ،ئەمدى بۇمۇ ياخشى بوپتۇ .ھەممىسى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تور بىكەتچىلىكى ئۈچۈن دەپ ئويلۇدۇم
يەنە بىر پىكىرىم ئالىم مۇئەللىم ،بولسا سىز ئاچقان پروگرامما تىلىدا تەربىيەلەش كۇرسىدىكى ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ھەقلىق بولسىمۇ سۈرەتلىك دەرسلىك ئىشلەپ تارقاتسىڭىز (مۇشۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان مۇنبەرنى داۋاملىق ئاچسىڭىز ) بىزدەك سىزدىن يۈزتۇرانە پروگرامما يېزىشنى ئۆگىنەلمىگەنلەر شۇ سۈرەتلىك دەرسلىك ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆگەنسەك .
بۇ بىر سىناق مۇنبەر ئىدى، مېنىڭمۇ تېخنىكىلىق مۇنبەر قۇرماسلىق خىيالىممۇ يوق ئەمەس. لېكىن ھە-پە دېيىشىدىغان، باشقۇرۇپ بېرىدىغان ئادەم لازىم.
ئادەم لازىم بولسا ھايىت ھۇيىت دەۋىتەسىز،قولۇمىزدىن كىلىشچە ياردەم قىلىمز، بۇرۇن c++ نى ئۇگەنگەن،ئەمما شنجاڭدا بۇنى بەك ئىشلەتمەيدىغان ئوخشايدۇ، تورلادىمۇ ماتىريال يوق، ئاساسەن vb بىلەنjava نىڭ ئۈگۈنۈش ماتېرياللىرى، شۇنىڭ بىلەن java for androidنى بىر قاتار ئۈگۈپ بولدۇم، قالغىنىنى ئەپ ياساشنى ئۈگەنگەچ پىششىغداۋاتىمەن،بۇ جەرياندا xmlsلازىم بولىدىكەن،بۇنىمۇ ئاز تولا ئۇگەندىم. كۇرۇس ئاچىدىغان ئىش بولاپ قاسا بىزنىمۇ ئويلىشپ قويالا.
بىزدەك توردا ئېقىپ بارار يېرىنى تاپالماي تۈرگەنلەر يۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ،ۋاقتى كەلگەندە يەنە ھايت ھۇيت دەپ يازمىدىن بىرنى يازسىڭىز دەررۇ يىغىلىمىز مۇئەللىم
ئاپىرىن! مۇبارەك بولسۇن!
بىر مۇنچە پۇلغا سېتۋالغان بۇ office 2013 مىنى خۈش قىلىش تۈگۈل شۇنداق بىئارام قىلۋەتتى ، قانداق دىگەن مەسئۇلىيەتسىزلىك بۇ، بۇنى تەرجىمە قىلسا ئۇلارمۇ پۇلغا تەرجىمە قىلغاندۇ…بىكارغا ئىشلىمىگەندىكىن ھەققىنى ھالال ئالسا بولمامدۇ…تەرجىمىسىدە خاتالىق خېلىلا ئېغىر ، بەزىسىنى ئۇقۇپ چۇشەنگىلىمۇ بولمايدۇ.مەن بىر خېرىدار بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن توغرا ئۇچۇر ۋە مۇلازىمەتكە ئىرشىش ھۇقۇقۇم باردۇ؟ مەندەك بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ يات مىللەت ئالدىدا بېشىمنى تىك تۇتۇپ ئىشىلتىمەن دەپ مىڭ جاپادا سېتۋالغان نەرسەمنىڭ سۇپىتى شۇ ، بۇ تەرجىمىدىكى نۇقسانلارنى كىمگە قانداق شەكىلدە ئىنكاس قىلىمەن ؟
سۇپىىدا نىمە دەپ ئالغان بولسا شۇ سۇپىدا جان باقدىغان باشقا بالىجانلارنى شۇ سۇپىغا بېقىندۇرسا بولمامدۇ… ‹‹خەتباسقۇ›› دىگەن نىمە ئۇ؟ ھەنىم بولسا بۇ سۇپىنى شۇلار تەرجىمە قىلىپ قالماپتىكەن بولمىسا .‹‹خەتباسقۇ››،‹‹رەسىم باسقۇ››‹‹جەدۋەل باسقۇ ›› دىگەندەك كەشپىياتلار بىلەن بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇراركەن.سەل چېچىلىپ قالدىم ، بولسا تورداشلار ماڭا يول كۆرسەتسە ، مەن بەزى تىلىمدا يوق چۇشنەلمىگەن سۆزلەرنى كىمگە ئىنكاس قىلىپ تىلىمدا بار بولغان ، ئۇمۇملاشقان سۆزگە ئۆزگەرتىمەن؟
( تىمىدىن چەتنەپ كەتتىم ، مۇئەللىم ئەپۇ قىلىڭ ،)
بىلىك تورىدا بۇ توغرىلىق «ئاستا – ئاستا مۇكەممەللىشىپ بارىدۇ » دىدىغۇ …..ھەممە ئىش يۈزدە يۈز مۇكەممەل بوپ كەتمەيدۇ ،،،،،ھەممەيلەن خوش بولىۋاتساق سىز نىمانچە خاپا بوپ كەتتىڭىز ،،،،،،،،مۇشۇنچىلىك بولمىغى ئاسانغا توختىمىدى ،،،،،،،،،،،پۇل نىڭ گىپىنى قىلسىڭىز بولمايدۇ ،،،،،ئەگەر سىز شۇنداق سوغۇق بىر كىچىدە كوچىدا ئۇزاق تاكسى ساقلاپ بەك توڭلاپ تۇرغىنىڭىزدا تۇيۇقسىز بىر تاكسى كىلىپ سىزنى مەنزىلىڭىزگە ئاپىرىپ قويسا سىز پۇل بىرىپ بولۇپ يەنە ئۇنىڭغا نۇرغۇن رەھمەت ئىتىشىڭىز مۇمكىن ، ھازىر دۇنيادا ھەقسىز ئىش ئاز قالدى ، چۇنكى ھەممە ئادەمگە تۇرمۇش كىرەك ، لىكىن سىز شۇنداق ئىھتىياجلىق نەرسىلەر بەزىدە پۇل بىرەي دىسىڭىزمۇ پۈتمەي قىلىشى مۇمكىن ،،،بۇنى قارشى تەرەپنىڭ ۋاختى يەتسە يەنە كىلىپ خالىسا قىلىدۇ ،،،،،،،بىز ئانا تىلىمىز ئۈچۇن خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرنى «مەيلى پۇلغا قىلسۇن ،ياكى بىكارغا قىلسۇن »ئىلھاملاندۇرشىمىز ، ئۇلارغا مەدەت بىرشىمىز كىرەك ،،،،بۇرۇن كىم ئاشۇنچىلىك قىلالىغان ، ئالىم مۇئەللىم ئۇ مەزگىلدە windows 8نىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدىم دىدىغۇ
دۇنيادىكى 90پىرسەنىت ئادەم ئىشلىتىۋاتقان windowsبىلەن office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشى بۇ بىز ئۇچۇن تولىمۇ زور دەۋەر بولگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە زور خۇشاللىق ئىش ،،،،ئانا تىل ھۆرمىتى مىللىتىمنىڭ ھۆرمىتى ،ئانا تىل دىمەك جان تىل دىمەكتۇر ، ھازىر ئىختىسادىى قىيىنچىلىق ياكى بەزى سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن مەكتەپتىن چىكىنىپ كومپىيۇتىر ئۈگۈنۇش شارائىتىغا ئىگە بولالمايۋاتقان خەنزۇچىنى بىلمەيدىغان كومپىيۇتىرغا ھىرىسمەن كىشىلەرمۇ ھازىر كومپىيۇتىر نى بىمالال ئىشلىتەلەيدىغان ، خالىغان ئەسەرلىرنى office 2013 دا بىمالال تەھرىرلەپ مەتبۇئات ئورۇنلىرغا ئەۋەتەلەيدىغان بولدى دىگەن گەپ
گەپ سۆزلىرىڭىز ئۇرۇنلۇق ، بۇلاردىن تۇلۇمۇ مەمنۇن بولغانتىم ، مەن ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقرىۋاتقانلارنى قوللايمەن ، بۇ يەردە خاپا بولغىنىم تەرجىمىدىكى نۇقسانلىق ، ئىۋەنلەر . بارا -بارا ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ؟ قاچانلىققا؟ ياماق شەكلىدە تۈزتىپ بەرسە بۇلىدىغۇ! كىيىكى نەشىردە تۈزىتەمدۇ؟ ئۇچاغقىچە بۇ تەرجىمىدىكى نۇرغۇن نەرسىلەر ئۇمۇملىشىپ قېلىپ ئۆزگەرىتسىمۇ يەنىلا ئاۋارىچىلىق بۇلىدۇ. ئەگەر ئانا تىلنى سۇيدىغان كىشىلەر بولسا خاتالىقنى بايقىغان ھامان ئۆزگەرتىشكە تىرىشسۇن . مايسا كۈكىدىن بىلىنەر دىگەن گەپ بار. office 2013 نى تەرجىمە قىلغانلارنى يەنە باشقا مىكروسوفىتنىڭ ئىشىنى قىلمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.سەمىمىيلىك ھەممىدىن مۇھىم .ئۇلاردىن پەخىرلىنىمىز ،رەھمەت ئېيتىمىز ، بۇ رەھمەت ئۇلارنىڭ office 2013نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىنى ئۇچۇن ئەمەس بەلكى تىلىمىزغا چۇشىنىشلىك ، يېقىشلىق قىلىپ تەرجىمە قىلىپ بەرگىنى ئۈچۈن ئىدى.
مۇسۇلمانچىلىق ئاستا ئاستا دېگەننى قويايلىچۇ، ھېلىمۇ ھەممە ئىش ئاستا ئاستا بولىدۇ.. دەپ كۆرگەن كۈنمىز شۇ بىزنىڭ، ھازىرقى ياشلىرىمىزدا قاتتىق مەسئۇلىيەت ئېڭى بولمىسا بولمايدۇ. ئىشلارنى ئاستا ئاستا قىلىمىز دەپ، كىچىككىنە سەۋەنلىكلەرگە يول قۇيۇۋەرمەيلى….
ئۇكا، سىڭىللىرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن.
مەنمۇ سىلەردەك ئويلاشنى تازا بىلىمەن ،،office 2013 نىڭ تەرجىمىسى ئۇنداقكەن ،،،،بۇنداق خاتاكەن دەپ يۈرسەك office 2013 نىڭ سىتىلىشىغا تەسىر كورسىتەمدىكىن دەيمەن ،،،،،سىتىلىش ياخشى بولمىسا مىكرو سوفىت مەسھۇلاتلىرنىڭ كىلەركى نەشىرلىگە ئۇيغۇرچە قىتىشىغا تەسىر كورسىتىپ قىلىشى مۇمكىن ،،،،شۇڭا كامچىلىك بولسا بۇنداق داڭلىق بىلوگدا ئاپ ئاشكارە دىمەي ،،،شۇ تەرجىمە قىلغانلەرغا خەت ئارقىلق دىگىنىمىز ياخشىمىكىن ،،،،،بولمىسا بۇ ئىنكاسىڭلارنى ئالىمىز دەپ تۇرغانلار كۆرسە يىنىۋىلىشى مۇمكىن ،،،،،،،،،office 2013 نىڭ تەرجىمىسىگە مەسئۇل بولغانلار بىلەن ئالاقلىشىشنى بىلمىسەڭلار ئالىم مۇئەللىم بىلىدىغۇ دەيمەن ،،،،،،office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچىسى چىقىشتىن بۇرۇن تەرجىمىگە پىكىر ئالغاندا دىققەت قىلماپتىكەنسىلەر دە
ھا ھا ھا ،بىكار قالساق مۇنبەر ياساپ ئوينايدىكەنمىز دە،قوللايمىز،
ھە راست، مىنىڭ تور كۆرگۇچىمدە بەزى جايلاردىكى «ې» ھەرىپى ئۇللانماپتۇ، ئەمما بەزىلىرى ئۇللۇنۇپتۇ،
سىزنىڭ قايسى تور كۆرگۈچ ئىدى؟
ۋېندوۋىسنىڭ ئۆزنىڭ يەنى internet explorer 10 ئىدى،
بىر پارچە رەسىمگە تۇتۇپ skype دىن ئىۋەتتىم
ھە راس ئالىم مۇئەللىم، ماۋۇ تەرجىمىلەرنى كۆرۈپ مەن باشقا مەسىلە بايقىمىدىم، خەت نۇسخىسى يەنى سىزنىڭ بىلوگىڭىز ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسى سەل تىكتەك، دىمەكچى بولغىنىم ئىككى يان تەرەپتىن بەك قىسىۋەتكەندەك كۆرنىدىكەن، خەت ئوقۇغاندا ئادەمگە بىرخىل زىچتەك تۇيغۇ بىرىدىكەن، بۇغۇ چوڭ مەسىلە ئەمەس، مۇمكىن بولسا كېيىنچە كۆزنەك قاتارلىق باشقا دىتاللارغا خەت نۇسخىسى ياسىغاندا مۇشۇ جەھەتلەردە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەل بىر خىل خەت نۇسخىسىنى ئىشلەتسەك ، ئەلۋەتتە سىزنىڭ كۆلىڭىزدە سان بار بۇ جەھەتتە، بۇ مېنىڭ شەخسەن پىكىرىم…
كۆپ مەزمۇن كۆرۈنسۇن دېگەن مەقسەتتە ئايرىم ياسالغان خەت نۇسخىسى ئىدى، قارىغاندا بەك قىسىۋەتكەن ئوخشايمىز، بىز قايتا تەكشۈرۈپ باقايلى، تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!
مانا يېڭىلىقلار ئارقا ئارقىدىن چىقۋاتىدۇ دىسە…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم
مەنمۇ موشۇ PHPBB نىڭ خاراكتېرىنى ياقتۇرۇپ قالدىم.كۆرۈنمە يۈزىمۇ ئادەمگە ئارامبەخىش تۇيغۇ بېرىدىكەن. شۇڭا سىناق قىلىپ بۇ سېستىمىنىڭ خەنزوچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىم. ئاددىيلىق ئىچىدىكى بىرخىل مۇرەككەپلىكنى ، ئىلمىيلىقنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن. توردىن چەتئەلدىكى داڭلىق مۇنبەرلەر دەپ ئىزدەپ كۆرسەم ، نۇرغۇنلىرى PHPBB نى ئىشلىتىدىكەن.
گېپىڭزچە بولغاندا بىز ئۆزىمىزدىكى ئىدىيە قاتماللىقىنى «ئەڭ…» دېگەنلەرگە باغلاپ قويۇپتىمىز. ئەگەر بۇ سېستىما بۇرۇنراق تەرجىمە قىلىنىپ (گەرچە بۈلغانسىمۇ) تەييار قاچىلنىدىغان ھالىتىگە كەلتۈرۈلگەن بولسا زور سالماقتىكى كىشىلەر بۇ سېستىمىنى تاللىشى مۇمكىنتى(چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەقىللىق كىشىلەرنىڭ خىلىدىن). بەلكىم بۇ خىلدىكى تور بېكەت سېستىمىسى بىزدىكى تېخنىكىلىق مۇنبەرلەرنى تېخىمۇ ئاۋۇندۇرغۇسى.
شۇنداق توغرا دەيسىز، بۇ ئاجايىپ يېنىك، ئازادە، بىخەتەر، ئىقتىدارىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك مۇنبەر سىستېمىسى، مۇشۇنداق بىر سىستېمىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ قېرىنداشلىرىغا بىلدۈرۈپ قويۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بولمىسا مۇنبەر دېسە، ھېلىقىدەك 3 ئىستونلۇق (ئاۋات تېما،….)دېگەندەكلەر كۆز ئالدىمىزغا كېلىۋالىدۇ. مېنىڭچە ئەمدى تېخنىكىلىق بىلىملەرنى تونۇشتۇرىدىغان مۇنبەرلەر كۆپلەپ قۇرۇلسا بولاتتى.
مۇئەللىم ئارتۇق بولسىمۇ بىر ئىشنى سۇرسام ، ماۋۇ phpBB دە ۋە windows 8 نىڭ مەخپى نۇمۇرنى ئىكىنجى قېتىم كىرگۈزۈپ جەزىملەيدىغان ئورنىدا «دەلىللەش›› دەپ ئېلنىپتۇ ، مۇشۇنى تازا قۇبۇل قىلىپ كىتەلمىدىم ، ئەسلى بۇنى دەلىللەش دىمەي جەزىملەش ياكى مۇقۇملاش دەپ ئالغان بولسا ياخشى بۇلارمىكى دەپ ئويلىدىم ، نىمىشقا دىگەندە بانكا ھەم خەۋەرلىشىش شىركەتلىرنىڭ(كۆچمە خەۋەرلىشىش دىگەندەك) كۇپىنچىسىدە مەخپى نۇمۇرىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈڭ ياكى مۇقۇملاشتۇرۇڭ دەپ ئالىدۇ. بىردەكلىك بولغىنى ياخشىمىكى دەيمەن.
office 2013 نىڭ تىل بۇلىقىنى ئۇيغۇر سوفىت ئىشلىمىگەن ،شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ بىردەكلىككە كىلىشنىڭ زورۇرىيىتى سەۋەبىدىن ئىككى خىل تەرجىمىنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم ، office 2013 تە مەخپى نۇمۇرنى ‹‹ئىم›› دەپ ئاپتۇ، كىيىنكى قېتىم مەخپى نۇمۇنى قايتىلايدىغان ئەسكەرتمىنى ‹‹ ئىمنى قايتا كىرگۈزۈڭ›› دەپ ئاپتۇ . مۇشۇلارنى بىردەكلىككە ئەكەلگىلى بولماسمۇ؟
office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى كۇرۇپ شۇنچە خۇشال بولغانتىم ، ئاۋۇ بەت تەڭشىكىنى تەڭشەيدىغان ئۇرۇندىكى تەرجىمىنى كۇرۇپ ئۇزۇمنى پەقەت تۇتالمىدىم ، ھەم خاتا ،ھەم چالا ،مۇشۇلارنى شۇ تەرجىمە قىلغانلارغا بىر يەتكۈزۈپ قويغان بولسىلا مۇئەللىم ، ۋاقىتلىرىنى ئەپ قويدۇم.
مۇئەللىم ئارتۇق بولسىمۇ بىر ئىشنى سۇرسام ، ماۋۇ phpBB دە ۋە windows 8 نىڭ مەخپى نۇمۇرنى ئىكىنجى قېتىم كىرگۈزۈپ جەزىملەيدىغان ئورنىدا «دەلىللەش›› دەپ ئېلنىپتۇ ، مۇشۇنى تازا قۇبۇل قىلىپ كىتەلمىدىم ، ئەسلى بۇنى دەلىللەش دىمەي جەزىملەش ياكى مۇقۇملاش دەپ ئالغان بولسا ياخشى بۇلارمىكى دەپ ئويلىدىم ، نىمىشقا دىگەندە بانكا ھەم خەۋەرلىشىش شىركەتلىرنىڭ(كۆچمە خەۋەرلىشىش دىگەندەك) كۇپىنچىسىدە مەخپى نۇمۇرىڭىزنى جەزىملەشتۈرۈڭ ياكى مۇقۇملاشتۇرۇڭ دەپ ئالىدۇ. بىردەكلىك بولغىنى ياخشىمىكى دەيمەن.
=================
سودا-سانائەت، يېزا ئىگىلىك،…قاتارلىق بانكا سىستېمىسىنى بىز تەرجىمە قىلغان، ئەمما خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلسا شۇنداق چىقىدىكەن، ئىنگلىزچە بۇنى Confirm دەيدۇ، بۇ خەنزۇچىدىكى 确认 گە توغرا كېلىدۇ، 确定 ئەمەس. Windows نىڭ تەرجىمىسىدە بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلدۇق، مەسىلەن، «سىستېمىدىن راستتىنلا چېكىنەمسىز؟» دېسە «ھەئە»، «ياق» دەپ ئالدۇق، ھەرگىزمۇ بانكا سىستېمىدىكى سەۋەنلىكلەردەك «سىستېمىدىن چېكىنىشنى جەزملەشتۈرەمسىز؟» دېسە، «جەزملەشتۈرۈش»(ياكى «مۇقىمداش»)، «ئىناۋەتسىز» دەپ تەرجىمە قىلمىدۇق.
مىكروسوفتنىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرى Windows نى ئاساس قىلىدۇ ۋە ئۆلچەم قىلىدۇ، تەرجىمە ئۇسلۇبى، ئاتالغۇلار،…نى بىز ئىشلىگەن، Office نى خېلە كۆپ ئادەم تەرجىمە قىلغان بولغاچقا (ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇرچە بىلىدىغان باشقا مىللەتمۇ باردەك ھېس قىلدىم، بۇنى بىلگەن بولسام بۇ ۋەزىپىنى رەت قىلماس ئىدىم، چۈنكى Windowsنى پۈتتۈرەلمەي قالارمەنمۇ دېگەن ئەندىشەممۇ بار ئىدى)، كېيىن Office نىڭ Windows بىلەن ئۇسلۇب ۋە ئاتالغۇ جەھەتتە بىردەكسىزلىك كۆرۈلگەن بولغاچقا، كۆپ قېتىم تۈزىتىلىپ، بەلگىلەنگەن پىلاندا بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىنالماي قالدى، لېكىن ئاساسىي ئاتالغۇلار چوقۇم بىرلىككە كېلىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ.
ئاۋۇ پارول ياكى ئىم دېگەن ئاتالغۇ مەسىلىسگە كەلسەك، مەن بۇنى 2 يىل بۇرۇن مۇنازىرىگە سالغان. بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ. مەنمۇ شۇ كۆپچىلىكنىڭ پىكىرى بويىچە «پارول» دەپ ئالغان.
بۇنداق ئىشلاردا ئۆز ئىچىمىزدە بىرلىككە كېلىۋالساق ئەڭ ياخشى، ئەگەر قەستەن مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىۋاتقان بولسا، ئەلۋەتتە مىكروسوفتقا ئۇدۇل مەلۇم قىلغان ياخشىراق، چۈنكى بۇ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق ئىشى.
پارولنى بۇرۇنقى ئەجدادلىرىمىز نېمە دەپ ئاتىغان بولغىيتى ھە…. ؟
مۇئەللىم 2013 ئوفىسنىڭ كورىكتۇرى يوق ، ساندان قۇرۇش دىتالىمۇ تەرجىمە قىلىنماپتۇ ؟ بولسا يەنە بىر چوڭ بولغان بۇئىشنى پۈتكۈل ئۈمۈتۋارلار ئارزۇسى بولچە ھەل قىلىپ بەرسىڭىز ؟ كىيىن يەنە ئاپلا دىسەك ئورنىغا كەلمەيدۇ . سىزگە جىق جاپالانى سالدۇق بەلكىم بۇقىلغانلىرىڭىز تارىخ بىتىدىن ئۆچمەيدۇ ، بۇ قۇرۇق ماخـتاش ئەمەس. ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
office 2013 تە مەخپى نۇمۇرنى ‹‹ئىم›› دەپ ئاپتۇ، مۇشۇنى مەخپىي نۇمۇر دەپ باقتۇق ، ئەمدى ئىم نۇمۇر دىدۇق ، نىمشقا بۇنى پارۇل دىمەيمىز ،
يەنە بىرسى E-mail بۇنى ، تور مەكتۇپ دىسەك بولمامدۇ ، سەل ئۇزۇن بولسىمۇ ، ئىلخەت ، دىگىچە ، بۇلارر پەقەت بىر تەكلىپ خالاس .
گەرچە مەن بۇنى ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ ئورگان تورىدىن يەرلىك مۇلازىمىتىرغا مەۋھۇم مۇھىت قۇرۇپ چىقىپ سىناشقا خېلى كۈنلەر بۇرۇن باشلىغان ئىدىم. قارىسام ئەمدى بىزنىڭ مۇنبەرلىرىمىز مۇشۇ سىستىمىغا كۆچمىسە بولمىغۇدەك . لىكىن شۇنداق بىر تەكلىپنى كۆپچىلىك ئالدىدا دىمەكچى بولىۋاتىمەن:
ئىمكان بولسا بىز مۇشۇ دەۋىردىكى %90 كىشلەرنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن تېخى يېقىنقى 10ياكى 20 يىل ئىچىدە ھەتتا بىر ئەۋلاد يېڭىلانمىغۇچە ئۆزگىرىش ئىھتىماللىقى بولمىغان يۇقىرى پەن تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئادىتىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ خاراكتىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلارنى ياكى ئىقتىدارلارنى قوشالىغان بولساق بەكلا ياخشى بولاتتى. تىلدىن باشقا مەدەنىيەت ئامىللىرىمۇ يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ ئۆلچىمىدە بولغاچقا مۇشۇ تەرەپلەر تېخىمۇ ئۈنۈملۈك گەۋدىلەنسە ، تورداشلار كىيىنچە رەڭ سىزىم ۋە باشقا جەھەتلەردىن نەققاشلىق ئۇسلوبلارنى ئىشلەپ چىقسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. .ئەلۋەتتە ئىش ئەمدى باشلانغاندىكىن ھەممە ئىشلار بار-بارا بولۇشى مۇمكىن . مەيلى قانداقلا بولمىسۇن غەرىبلىكلەر بىلەن بىز ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك چوڭ قەبىلىلىرىدىن كەلگەن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئەڭ چوڭ پەرىقلەر مەۋجۇت. يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە تىلىۋۇزۇر ۋە ئىنتېرنېتدىن ئىبارەت ۋاستىلەر ئارقىلىق غەرب مەدەنىيىتى ھەممە تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ بىزنىڭ ئەنئەىۋىي توغرا بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزغا غىرىس قىلماقتا.
——————————
(پەقەت ئۆزۈمنىڭ شەخسى كۆر قارىشى خالاس )
ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش كېرەك، شۇڭا بۇنى تەرجىمە قىلىش دېدىم، ئەمدىكى نۆۋەت يەرلىكلەشتۈرۈش دېگەنگە كېلىدۇ. ئۇنى چوقۇم ئۆزىمىزگە تولۇق ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
لېكىن ئىچىدە تېخى تېما يوقكەنغۇ
بۇ مۇنبەرگە كىرىپ تىزىملاتساقلا تېما يوللىغىلى بولامدۇ نېمە ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، نەچچە كۈندىن بېرى بالىلار يوللاۋاتىدۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ مۇنبەر قۇرۇلۇپ قالمىسىلا بولاتتىغۇ؟
ئەمىسە windows8 نىڭ بىلىملىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىساقمۇ بولامدۇ ؟ مەن يېقىندىن بېرى نۇر تورىغا پەن-تېخنىكا خەۋەرلىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتقان ، ئۆزۈم نادىر دەپ قارىغان تېمىلارنى (خەنزۇچە خەۋەر ۋە تېخنىكا تور بېكەتلىرىدىن تەرجىمە قىلغان ) مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىسام بولغۇدەك ، بۇ ھېساپتا مەنمۇ ئاز تۇلا كۈچ چىقارغان ھېساپلىنامەن .
بۇ مۇنبەرندىن بىر نەرسە چۈشۈردۇق دېيىشىۋاتىدۇ ، ئۇلارنىڭ چۈشۈرگىنى قانداق نەرسە ئەمدى ؟
windows8.1 دا بۇ تور بېكەتكە كىرسە خەتلەر ئازراا قىرلىق ، سەترەك چىقىدىكەن ، لېكىن تور بەت ماسلاشما كۆرۈنۈشىنى ئاچقاندىن كېيىن چىرايلىق چىقىدىكەن . ئەلكاتىپنى قاچلىساق ماسلاشما كۆرۈنۈشنى ئاچمىساقمۇ نۇرمال چىقامدۇ ؟
يەنە بىر ئالاھىدىلىكى كۇرۇنمە يۇزى ئاددى ، windows 8 نىڭ ئارا يۇزى بىلەن ماسلىشىپ تۇردىكەن ، بۇمۇ بۇ ئەپنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقىنى تەرجىمە قىلىشنىڭ بىر سەۋەبى بۇلىشى مۆمكىن
توغرا دەيسىز، بۇنىڭ يەنە نەچچە مىڭلىغان ئۇسلۇبلىرى بار. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 10-20 مىڭ پىروگراممېر بۇ سىستېمىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ، WordPress قا ئوخشاش خېلە داڭلىق سىستېما بۇ.
ئالىم مۇئەللىمنىڭ چۇقۇم تېخى بىزگە دىمىگەن ئىشلىرى كۆپكەن قارغاندا ، ھارچىمىغايلا مۇئەللىم
————————————
مىنىڭ تور كۆرگۈچىمدە خەتلەر ئىلمەك چىقۋالدى ، سىپتا ئەمەس،
ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمىگەن بولسا، «ئەلكاتىپ»نىڭ ھەقسىز نەشرىنى قاچىلاڭ، ئىچىدە ALKATIP UI دېگەن خەت نۇسخىسى بار.
تەرجىمە قىلىشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپىمىز ئەسلى سىستېمىنى بۇلغىماسلىق (پېتىغدىماسلىق) ياكى زۆرۈر بولسا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بۇلغاش (پېتىغداش) بولغاچقا، EOT دېگەندەك نەرسىلەرگە يېقىن كەلمىدۇق، ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىگە خالىغانچە تەگمىدۇق، پەقەت ALKATIP UI خەت نۇسخىسىنى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق CSS ھۆججىتىگە قوشتۇق، باشقا ھېچقانداق يېرىگە تەگمىدۇق.
مەنمۇ مۇشۇ مەسىلىنى دېمەكىچى ئىدىم، windows8 نى ئىشلىتۋاتقان بولساقمۇ ،ئەگەرخەتلەر چىرايلىق كۆرۇنمىسە يەنىلا alkatipui نى قاچىلىشىمىز كىرەكما،ياكى تەڭشەيدىغان جاي بامۇ،
چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ALKATIP UI بولۇشى كېرەك، بۇنى مۇلازىمىتېرغا چىقىرىپ قويساق، شۇ يەردىن ئوقۇيدىغان قىلساق بولغۇدەك. يەنى WOFF خەت نۇسخىسىغا ئۆزگەرتىپ، CSS تا تەڭشەپ قويساق بولغۇدەك.
بولسا شۇنداق قىلىڭا مۇئەللىم، بەزىلەر بىلەلمەي قىينىلىپ قالمىسۇن،