phpBB نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا تەكلىپ-پىكىر بېرىڭ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

phpBB نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا تەكلىپ-پىكىر بېرىڭ

[ تاغدىن-باغدىن ]

phpBB ئورگان تەرەپنىڭ رۇخسىتى بىلەن phpBB مۇنبىرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرى ئۇيغۇرسوفت تەرىپىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تولۇق تەرجىمە قىلىندى، پات يېقىندا ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنماقچى. تورداشلارنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغان مۇنبەرنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.
(بۇ تېما سىناق ئۈچۈن ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلدى)
http://www.uighursoft.org/bbs/viewtopic.php?f=65&t=24

phpBB دېگەن نېمە؟
2000-يىلىدىن باشلاپ phpBB بېكەت سىستېمىسى دۇنيادا كەڭ تارقالغان ئوچۇق مەنبەلىك مۇنبەر سىستېمىسىغا ئايلاندى. ئۇنى قاچىلاش ۋە ئارقا سۇپىدا باشقۇرۇش ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ، بىرنەچچە مىنۇت ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىقالايسىز. ھازىر ئۇنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى نەچچە مىليوندىن ئاشىدۇ. ئۇ ھازىرغا قەدەر 49 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى 50-ئورۇنغا كىردى.

phpBB مۇنبىرىنى قەيەردىن كۆرەلەيمەن؟

ئورگان تور بېكىتى:
https://www.phpbb.com/

ئۇيغۇرچە سىناق مۇنبەر (تەكلىپ-پىكىرلەرنى مۇشۇ مۇنبەرگە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ)
http://www.uighursoft.org/bbs

نېمە ئۈچۈن phpBB مۇنبىرى تەرجىمە قىلىندى؟
(1) چەتئەللەردە كەڭ ئالقىشلانغان ۋە تارقالغان phpBB مۇنبىرىنى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش
مۇنبەر دېسە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا «ئەڭ يېڭى تېما»، «ئەڭ يېڭى ئىنكاسلىق تېما»، «جەۋھەرلەنگەن (ياكى نادىر) تېما» دېگەندەك ئۈچ ئىستونغا ئايرىلغان تور بېكەت كۆز ئالدىغا كېلىدۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ بۇ يەردە تېخىمۇ شۇنداق. ئەمما مۇنبەر ئۇنداق لايىھەلەنمىگەن، تېخنىكىلىق مۇنبەر تېخىمۇ ئۇنداق بولمايدۇ.
مەن ياقتۇرىدىغان ئىنگلىزچە تېخنىكىلىق مۇنبەردىن مىسال:
http://forum.high-logic.com/

(2) تەرجىمە گۇرۇپپىمىزدىكى خادىملارنى داۋاملىق چېنىقتۇرۇش.
بۇ مۇنبەرنى تەرجىمە قىلىشتا Windows دا ئىشلىتىگەن تەرجىمە ئۇسلۇبى ۋە ئاتالغۇلار ئىشلىتىلدى، مۇنبەرنىڭ ئۆز تىلى بولغان ئەنگلىيە ئىنگلىز تىلىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىندى.

(3) تېخنىكىلىق مۇنبەرلەرنى كۆپلەپ قۇرۇپ، پايدىلىق ئىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ تارقىتىش

قېنى تورداشلارنىڭ بايقالغان خاتالىقلار ئۈستىدە تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى قارشى ئالىمىز.
===================
ئالدىراشلىقتا تۇنجى تۆھپىكارلارغا سالام يوللاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مېنىڭ بىلىشىمچە 2009-يىللىرى مۇھەممەد ئەردەم قاتارلىقلار بۇ سىستېمىنى تەرجىمە قىلغان ئىكەن، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مۇنبەرنىڭ ئالدى قىسىم تەرجىمە قىلىنغان ئىكەن. گەرچە ئۇلار تەرجىمە قىلغان مۇنبەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ يەردىكى ئىنكاسلارغا قاراڭ
مەنمۇ phpBB نىڭ بىر ھەۋەسكارى، ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدىم. بولۇپمۇ Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئارزويۇم تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەمما phpBB.com ئورگان تورىدىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، شۇڭا بۇنى تەرجىمە قىلىشنى پىلانلىدىم، ئۇيغۇرسوفت يەرلىكلەشتۈرۈش گۇرۇپپىسى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ تەرجىمە قىلىشنى باشلىدۇق، Windows 8/8.1 نىڭ ئاتالغۇلىرى ۋە تەرجىمە ئۇسلۇبى بويىچە تەرجىمە قىلىندى. ئورگان تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن چوقۇم %100 تەرجىمە قىلمىسا بولمايدىغانلىقى ئوتتۇرغا قويدى. بىز ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە تاماملىدۇق، ئۇلارنىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشىپ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىغا مەسئۇل بولدۇق، كۆپچىلىك بىلەن ئاشكارە سىناق قىلغاندىن كېيىن، پات يېقىندا ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
105 پارچە باھا يېزىلدى
  • مۇنبەرسۇپا مەسىلىسى توغرىسىدا بۇلتۇر مۇشۇ ۋاقىتتا پاراڭلار بولغان ئىدى:
    «مۇنبەرسۇپا تاللاشتا قايتا ئويلىنىش — مۇنبەر سۇپا سىستىمىسىنى تاللاشتا قايتا ئويلىنىشىمىز لازىم»
    http://bbs.bilik.biz/thread-25345-1-1.html

    شۇ يازمىدا تەرىپلىگەن تەشەببۇسلىرىم ئاخىرى رېئاللىققا ئايلىنىپتۇ دەپ ئويلىدىم. پايدىلىنىپ كۆرەرسىلەر.

    phpbb نىڭ Simple Machines Forum بىلەن قانداق تېخنىكىلىق پەرقى بار؟ ئالىم ئەھەت ئەپەندىنىڭ phpbb نى تاللىشىدا ئۇنىڭ قانداق ئارتۇقچىلىقلىرى كۆزدە ئويلاشتۇرۇلغان؟ Simple Machines Forum نى تەرجىمە قىلىشقا قانداق قارايسىلەر؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:33
    • “كۆزدە ئويلاشتۇرۇلغان“ خاتا بوپ قاپتۇ، “كۆزدە تۇتۇلغان“ دىمەكچى ئىدىم ئەسلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:35
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىم مۇئەللىم قانداق ئەھۋال ؟ ماۋۇ مۇنبەر سېستىمىسى تەرجىمە قىلنىپ ناھايىتى ياخشى بىر ئىش بۇلاپتۇ ! مەن مۇ خىلى خوش بۇلۇپ قالدىم . ئالدىنقى قېتىم ئاچقان تەربىلەشكە مەن قاتنىشاي دىسەم بولدى سىز قاتناشماڭ دەپ تۇرۋالغان تىلە مەن قاتناشقان بولسام شۇ تەربىلەشكە مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يىتىشچە ياردەم قىلىپ تېخىمۇ ياخشى تەرجىمە قىلىپ بىرەتتىم . uighurdesign

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:31
    • ئالدىنقى قېتىم پىروگرامما لايىھەشتىن ئاچقان كۇرۇس ئىدى ئۇ. تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇش خىيالىممۇ بار، شۇ چاغدا بىلوگىمدا خەۋەر قىلارمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:35
  • بۇنىڭدا ئۈرۈمچى ۋاقتى توغرا ئېلىنىپتۇ .
    UTC +6 ئىكەن

    Windows8.1 دە UTC +8

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:08
  • تېمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئىنكاس يازماقچى بولساى تېمىدىن ئايرىلىپ يېڭى بەتكە كىرىشىمىزگە توغرا كېلىدىكەن ، بۇ مۇشۇ مۇنبەرنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ ياكى ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:18
  • ھەي ئالىمجان مۇئەللىمنىڭ يامانلىقىنى قاراڭلار… ۋاقىتنى قانداق يېتىشتۈرىدىغانسىز ھە…. بىز مەكتەپتە بالىلارغا دەرس ئۆتۈپ بولالماي، كۈن كەچ بولۇپ، ئۆگىنىش تۈگۈل، تورغا چىقىشقىمۇ ۋاقىت يېتىشمەي كېتىپ بارىدۇ…
    ئۈرۈمچىدە جەنۇبى شىنجاڭدىكىگە قارىغاندا، كۈن ئۇزۇنراق تۇرامدۇ يا… ھى.ھى.ھى. ئۆتكەندە بۇلۇت سۇپىسىنىڭ گېپىنى قىلىۋاتاتتىڭىز… شۇ سۇپىغا چىقىۋېلىپ، كۈن نەگە بارسا، شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلەپ يۈرمىگەنسىز ھە….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 19:23
    • كۈنلىرىڭىز مەنىلىك ئۆتۈۋېتىپتۇ، ئۈندىدار توپىدىن كۆردۈم، ئابلاجان ئاۋۇتنى تەكلىپ قىلىپسىز، گۈل سوۋغا قىلماي، بىر تاختاي سوۋغا قىلىپسىزغۇ.
      ۋاقىت دېگەن رېزىنكىگە ئوخشايدۇ، ئىشلەتسىڭىز سوزۇلىدۇ، ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىشقا بولىدۇ. دەرسنى مەنمۇ ئۆتىمەن، بۈگۈن 4 سائەت دەرس ئۆتتۈم.
      ھازىر راستىنلا بۇلۇتقا كىرىشىپ كەتتىم، بىرەر تونۇشلارنى ئۇچراتمىدىم، سىلەرمۇ بۇلۇتقا چىقىپ تۇرۇڭلار مۇنداق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 20:26
  • ئالىم مۇئەللىم، ھە ھۇ دېيىدىغانغا بىز بار ئەمەسمۇ. ھازىر بىزدە مۇشۇنداق تېخنىكا مۇنبىرى كەمچىل ياكى يوق دېيەرلىك.بۇنداق سورۇندا ھەل قىلالمىغان، چۈشىنەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇش ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن. مۇمكىن بولسا ئەزا تىزىملىتىشنى ئېچىۋەتكەن بولسىڭىز، بىزمۇ تىزىملىتىپ ئازدۇر-كۆپتۇر نەرسىلەرنى يوللاپ تۇرساق.
    ==============
    ئىملا توغرىلىق: مۇئەللىم ، مۇشۇ تېمىدىكى بىر يەردە خېلە دەپ يازغىنىڭىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم. خېلى خېلە گە ئۆزگەردىمۇ ياكى…؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 17:52
  • ئالىم مۇئەللىم
    Google Fonts قا بىرەر تال ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قوشۇپ قويساق بولاتتى، مەن كۆپ قىتىم سىنىدىم، مۇۋاپىقىيەتلىك بولمىدى.

    https://developers.google.com/fonts
    http://www.google.com/fonts

    Google Fonts تۈرىمۇ نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلەتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:21
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم، بۇ ناھايتىمۇ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ، ئىنكاسلارنىمۇ بىربىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم، بولسا بىر تېخنىكا مۇنبىرى قۇرۇپ چىقساق.

    يەنە بىر مەسىلە مۇنبەتدە مۇنداق بىر جۈملە ئۇچرۇتۇپ قالدىم ئىملا خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ ياكى مەن خاتا چۈشۈنۈپ قالدىممۇ
    ‹‹بۇ سەھىپىدە تېما تاكى ئىنكاس يوق ››

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:09
  • ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىدىكىلەرگە رەھمەت.
    مىنىڭ كومپىيوتېرىمدىكى مەشغۇلات سېستىمىسى windows 8 ئىدى. مىنىڭ كومپىيوتېرىمدا ئالىم مۇئەللىم دىگەنPHPBB مۇنبەرنىڭ ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى چىرايلىق چىقتى(چۈنكى مەن سېستىما خەت نۇسخىلىرى ئىچىگە ئەلكاتىپ خەت نۇسخىلىرىنىمۇ تولۇق قاچىلىۋەتكەن).
    يۇقاردا بىرقانچە دوستىمىز ئۆزىنىڭ سېستىمىسىدا ئالىم مۇئەللىم دىگەن PHPBB مۇنبەرنىڭ خەت نۇسخىسى سەت سەت چىقىۋالغانلىقنى ئېيتىپتۇ. بۇنىڭغا ئالىم مۇئەللىم مۇنداق جاۋاب قايتۇرغان:
    ——————————————–
    ئۇيغۇرچە نورمال كۆرۈنمىگەن بولسا، «ئەلكاتىپ»نىڭ ھەقسىز نەشرىنى قاچىلاڭ، ئىچىدە ALKATIP UI دېگەن خەت نۇسخىسى بار.
    تەرجىمە قىلىشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپىمىز ئەسلى سىستېمىنى بۇلغىماسلىق (پېتىغدىماسلىق) ياكى زۆرۈر بولسا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بۇلغاش (پېتىغداش) بولغاچقا، EOT دېگەندەك نەرسىلەرگە يېقىن كەلمىدۇق، ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىگە خالىغانچە تەگمىدۇق، پەقەت ALKATIP UI خەت نۇسخىسىنى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق CSS ھۆججىتىگە قوشتۇق، باشقا ھېچقانداق يېرىگە تەگمىدۇق.
    —————————————————-
    مەن مۇنداق ئويلاپ قالدىم، ئالىم مۇئەللىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىدىكىلەر PHPBB نىڭ ئىچىگە سۈكۈتتىكى خەت نۇسخىسىنى تەڭشىگەندە ALKATIP UI خەت نۇسخىسىغا تەڭشىمەي مىكروسوفىت تەمىنلىگەن Microsoft Uighur خەت نۇسخىسىغا تەڭشەپ قويۇشقا بولامدۇ-يوق؟ چۈنكى بۇندىن كىيىن windows XP ئەمەلدىن قىلىپ بارا-بارا windows 7 ياكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى يېڭى مەشغۇلات سېستىمىلىرى ئوموملىشىدۇ، windows 7 دىن كىيىنكى بارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا Microsoft Uighur خەت نۇسخىسى بار دىگەن گەپ. شۇنداق بولغاندا بۇندىن كىيىن PHPBB ئارقىلىق ئۇيغۇرچە مۇنبەر قۇرساق خەت نۇسخىسى سەت چىقىۋالىدىغان ياكى تونىمايدىغان ئەھۋال ئۈزۈل-كىسىل تۈگەيتتى.
    ئالىم مۇئەللىم بۇنىڭغا قارىتا ALKATIP UI خەت نۇسخىسىنى مۇلازىمتىرغا چىقىرىپ قويساق PHPBB دىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان مۇنبەرلەر مۇلازىمتىردىن ئاشۇ ALKATIP UI خەت نۇسخىسىنى ئوقۇپ نورمال كۆرۈنىدۇ دىگەندەك گەپنى قىپتۇ. لىكىن، نۇرغۇن ئىدارىلەردە (بولۇپمۇ بىزنىڭ مەكتەپتە) سىرىتقى تورغا ئۇلىمايدىغان، پەقەت شۇ ئىدارە ياكى مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسمىدا خىزمەت قىلىدىغان مۇنبەر قۇرۇشقا توغرا كىلىدۇ.
    مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ئەگەر مەن PHPBB دىن پايدىلىنىپ مەكتىۋىمىز ئىچكى قىسمىدا مەكتەپ ئىچى تورى قۇرسام (مەكتىۋىمىز مۇلازىمتىرىغا PHP مۇھىتى ھازىرلاپ بولغانمەن) مەكتىۋىمىزنىڭ ھەرقايسى ئىشخانىلىرىدىكى كومپىيوتېرلار مەكتەپ ئىچى تورىنى زىيارەت قىلغاندا ئەگەر ئۇلارنىڭ كومپىيوتېرىدا ALKATIP UI خەت نۇسخىسى بولمىسا دىمەك ئۇ بىكەتنىڭ خەت نۇسخىلىرى سەت چىقىۋالىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ (چۈنكى ئىچكى تورىمىز PHPBB نىڭ مۇلازىمتىرىغا ئۇلانمىغانلىقتىن PHPBB نىڭ مۇلازىمتىرىدىكى ALKATIP UI خەت نۇسخىسىنى ئوقۇيالمايدۇ-دە.
    لىكىن، بىزنىڭ مەكتەپتىكى بارلىق سىنىپ ۋە ئىشخانىلاردىكى كومپيۇتېرلارنىڭ ھەممىسىگە Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان. مەكتىۋىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ Windows 7 مەشغۇلات سېستىمىسى Windows XP مەشغۇلات سېستىمىسىغا قارىغاندا كۆپ ياخشى ئىكەن دەيدۇ. دىمەك بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ساھەسىدە ئىچىدە ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى يوق Windows XP نى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
    —————
    خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 12:54
  • ئۇيغۇر سوفىتنىڭ مۇنداق تور بەتلىرىمۇ باكەندە
    http://www.uighursoft.org/
    بۇ خەلىقئاراغا يۈزلىنىشنىڭ دەسلەپكى قەدەم باسقۇچلىرى ئوخشىمامدۇ،مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:58
  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىگە ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:26
  • ئاجايىپ ياخشى پىلاندىن بىرنى قىلدىڭىز . ياشاپ كىتىڭ !!!
    ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەر بارلىققا كەلگەندىن بۇيان خېلى كۆپ پىروگرامما مۇنبەرلىرى ياكى خېلى كۆپ مۇنبەرلەردە پىروگرامما تىلى سەھىپىللىرى قۇرۇلغان بولسىمۇ، كۆپ ئىلگىرلەش يوق دىيەرلىك ئۆمۈرى قىسقا بۇلۇپ قالغان ئىدى.
    uighursoft.org/bbs گە VB.Net توغرىسىدا بىرنەچچە تىما يوللىنىپتىكەن . كۈرۈپ ناھايتى خوشال بولغان ئىدىم.
    مۇبارەك بولسۇن !!! بىلگەنلىرىمىزنى يوللاپ تۇرايلى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:05
  • كىچىچە ئويلىنىپ يەنە مۇنداق بىر خىيال كىلىپ قالدى. ئىمكان بولسا بىر سەھىپە قۇرۇپ مەخسۇس كومپيوتېر ساھاسىدىكى شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلساق ياخشى بولامدىكىن دەپ قالدىم. چۈنكى بۇ ساھادە يېقىنقى 30 يىلدىن بويان نۇرغۇن شەخىسلەر مەيدانغا كەلدى. لىكىن ئۇلار ئۆز-ئارا تونۇشىدىغان تونۇشتۇرىدىغان بىر سەھنە يوق. (سەنئەتچىلەرنى تونۇشتىراي دىسە سەھنە تولا گەپ : تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى ، سەنئەت گۈلزارى،يېڭى ناۋا …. دىگەندەك بىر يۈرۈش پروگراممىلار ،، مەشرەپ …. دىگەندەك كۆرۈپ ئۈلگۈرگىلى بولمايدىغان كىچىلىكلەر. 90 پىرسەنت ئۇيغۇر تور بىكىتىنىڭ زىيارەتلىرى ، مىكروبلوگ ئېچىش ئاخبارات يىغىنى…… ) دىگەندەك. لىكىن ئۇچۇر ساھەسىدىكىلەرنى تونۇشتۇراي دىسە باشقا مۇناسىۋەتلىك بىكەتلەردە مەخسۇس سەھىپە يوق ئىدى. شۇڭا بۇنىمۇ ئويلىشىپ باقساق، ئۇنىڭدىن باشقىمۇ خەلىقئارادىكى ئەڭ يېڭى تۇلىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋە شىركەت دېرىكتورلىرى ۋە تېخنىك خادىملار …. نىڭ تەرجىمھالىنى يېزىپ ئۆگنىشكە تىگىشلىك تەرەپلىرىدىن پايدىلانساق تامامەن بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئالىم مۇئەللىمنىڭ تەرجىمھالىنى يېزىپ كەلسەك بىر رومان پۈتۈشى مۇمكىن . نەشىرىيات ئورۇنلىرى مۇشۇ روماننىڭ نەشىر ھوقوقىنى ئېلىش ئۈچۈن خېرىدار چاقىرىش يېغىنىغا قاتناشسا بولغۇدەك… ھا..ھا .. ھا !!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:37
    • مەخسۇس كومپيوتېر ساھاسىدىكى شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىنى تونۇشتۇرۇشنى مەن قوللايمەن ، دېمىسىمۇ ئارىمىزدا كۆمۈلۈپ قىلىۋاتقانلار خىلى بار .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:06
  • ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم!
    بۇ بەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ، ماۋۇ مۇنبەر سېستىمىسىنى قەۋەتلا ياقتۇردۇم. مېنىڭچە بولغاندا مەخسۇس ۋېندوۋس بىلىملىرى ۋە باشقا پروگرامما تىللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بىر تېخنىكا مۇنبېرى قۇرۇش زۆرۈر بولىۋاتىدۇ. ھازىرچە بەزى مۇنبەرلەردە ئاز – تولا تېخنىكىلىق يازمىلار بولسىمۇ، لېكىن كەسپىيلەشمىگەن.
    ئەگەردە سىلى باش بولسىلا، بىرنەچچەيلەن ھە – ھۇ دىيىشىپ مەخسۇس پروگراممىرلار كۇلۇبىدىن بىرنى قۇرىۋالساق بەك ياخشى بولاتتى. مەن ۋېندوۋس ئاچقۇچىلار مۇنبىرىدىن بىرنى قۇرۇشنى ئويكاپ كىلىۋاتقان، بىراق ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالماي، ھازىرچە بلوگ ھالەتتە تۇرۇپ قالدى. قولۇمدىن كىلىشىچە win8

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 07:09
    • قولۇمدىن كىلىشىچە win8 ئەپ ئېچىش ماتېرىياللىرىنى تەييارلىغان ئىدىم. http://teshna.me/category/it/win8/ ئەمما يالغۇز كەپ قالدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 07:10
      • ئۇنداقتا سىز دېگەندەك قىلايلى، بىر كەسپىي مۇنبەر قۇرۇپ چىقايلى، بۇ يەردە پىروگراممىدىن باشقا گەپلەر بولۇنمىسۇن، تېمىلار دەرسلىك شەكىلدە تەييارلانسۇن، سىز دەرھال uighursoft.org/bbs غا تىزىملىتىپ، شۇ يەردە ماقالە ئېلان قىلىڭ.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 10:17
      • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تەشناجان كۆڭللۈمدىكىنى تېپىپتۇ، ئالىم مۇئەللىمۇ قوشۇلۇپتۇ مانا. بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم جۇمۇ بۇنىڭدىن. ناھايىتى ياخشى ، ئەھمىيەتلىك ئىشتىن بىرسى ۋوجۇتقا چىقىپتۇ. مۇبارەك بولسۇن…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:55
  • پروگرامما ، كونترول دېگەن سۆزلەر ئەسلى ئەنگىلىزچە سۆزلەر ئىدى. پروگرامما دېگەن سۆزدە پ بىلەن ر ئوتتۇرىدا ئى يوق ئىدى،ئوخشاشلا كونترول دېگەن سۆزدىمۇ ت بىلەن ر ئارىسىدا ئى يوق ئىدى.ئۇيغۇرچىدا پروگرامما دېمەي،پىروگرامما دېيىلىپ ئى پ بىلەن ر ئارىسىغا ئى قېتىلىپتۇ،-يۇ،كونترول دېگەن سۆزدىكى ت بىلەن ر ئارىسىغا ئى قېتىلماپتۇ. دېمەك ئۇيغۇرچە ئىپادىلەشتە يا ئەسلى پېتى ئېلىش يوق،يا پۈتۈنلەي ئېغىزچىغا ماسلاشتۇرۇش يوق،تىل يېزىق كومېتىتى نېمىنى ئويلايدىكىن،-تاڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 02:40
    • شۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 06:43
    • ئۇلارنىڭ كاللىسدا نىمە ئويلايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان ئەمەسمۇ…. ئۇلار كىچە كۈندۈز خەلىق ئۈچۈن قۇلايلىق ئاتالغۇلارنى ئىجاد قىلىش ئۈچۈن باش چۈكۈرۈپ ئىشلىمەكتە. شۇڭا بىزنى بىلمەي قالمىسۇن دەپ ئۇلارنىڭ شۇئارىمۇ تام تاملارغا ئېسىقلىق. بۇز ئۇلارغا چەكسىز مىننەتتارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:40