«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يەنە يېڭىلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يەنە يېڭىلاندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» دېتالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1999-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 1997-يىلى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئىملا قائىدىسى بويىچە ياسالغان ئىدى، بۇ دېتال MS-DOS مۇھىتىدا بېيدا فاڭجېڭ، سەنلى،…قاتارلىق مەتبەئە سىستېمىلىرىدا كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ بېرەتتى. كېيىن يەنە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا يېڭىلىنىپ، Microsoft Word مۇھىتىدا ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزۈلگەن ھۆججەت-ماقالىلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرىدىغان ۋە توغرىلايدىغان ئىقتىدارلار قوشۇلدى.

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى دۇنيادىكى باشقا تىللارنىڭ كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىغا ئوخشاش مۇنداق ئۇسۇلدا ئىملا تەكشۈرىدۇ.
تەكشۈرمەكچى بولغان تېكىستلەرنى سۆزگە پارچىلاپ، ھەربىر سۆزنى سۆزلۈك ئامبىرىدىن ئىزدەپ، تېپىلمىسا گۇمانلىق سۆز دەپ بېكىتىدۇ. ھەربىر گۇمانلىق سۆزنى ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەرگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، ئارتۇق يېزىلىپ قېلىشى ياكى ئالمىشىپ قېلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرىنى بايقاپ، ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ بېكىتىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ نامزات سۆزلەردىن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بىر سۆزنى تاللاپ ئىملا تۈزىتىدۇ، ناۋادا ئىملادىكى خاتالىق ئېغىر بولسا (يەنە ئاساسىي ئامباردىكى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزگە نىسبەتەن ئوخشاشلىق نىسبىتى %60 دىنمۇ تۆۋەن بولسا)، نامزات سۆزلەرنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئىملا لۇغىتى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى ئۆزى توغرىلايدۇ. ئەمما بۇنداق ئېھتىماللىق ئادەتتە %5 دىن تۆۋەن بولىدۇ.

ئىلگىرى پەقەت 80 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەتتى، كېيىن 2003-يىلى 3-ئايدا كەلگەندە 180 مىڭغا يېقىن سۆزلۈككە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن سۆزلەرنى يەنىلا گۇمانلىق سۆز دەپ قارايتتى. شۇ يىلى 4-ئايدا «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»نىڭ پىنسىيۇنېرى 40 يىللىق كوررېكتورلۇق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىلياس رەھىمى ئاكا 3 قېتىم كۆرۈپ بەردى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. شۇنداق قىلىپ «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ 3-نەشرىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. مەسىلەن: ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش، ئىملا تەكشۈرۈش دوكلاتى،…دېگەندەك. ئەمما 2006-يىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى داۋاملىق ياخشىلاش، سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىش خىزمىتىمۇ رەسمىي توختىتىلدى. جەمئىيەتتە ئىملا قائىدىسى ئۆزگىرىدىكەن دېگەن پاراڭلار تارقالغاندىن كېيىن، بۇ مەھسۇلاتىمىزغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلەپ كەتتى، كېيىن بىزمۇ سېتىشنى رەسمىي 3-4 يىل توختاتتۇق.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى 2009-يىلى 10-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىندى، بىر قىسىم مەتبۇئاتلار 2010-يىلىدىن باشلاپ سىناپ ئىشلەتتى، بىزمۇ ئىملادىكى يېڭى ئۆزگىرىش بويىچە «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ئىملا ئامبىرىنى قايتىدىن توغرىلاپ چىقىپ، يېڭى سۆزلەرنى داۋاملىق قوشۇپ، 250 مىڭغا يەتكۈزدۇق. كېيىن يەنە گىرامماتىكىلىق قائىدىلەر بويىچە ئىسىم ۋە پېئىلارنى ئاپتوماتىك تۈرلەپ 50 مىليونغا يېقىن سۆزلۈك ھاسىل قىلدۇق. ئەمما ھەقىقىي تېكىستلەردە بۇنداق سۈنئىي تۈرلەنگەن (توكتا چىققان) سۆزلەر %99 ئىشلىتىلمەيدىكەن، سۆزلەرنىڭ كۆپ بولۇشى كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىنىڭ ھالقىلىق ئىقتىدارى بولالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قولۇمدا بار بولغان بارلىق ھەقىقىي سۆزلۈك ئامبىرىنى قايتىدىن توپلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، 23 مىليونغا يېقىن ھەقىقىي سۆزلۈك ئامبىرىغا ئېرىشتىم، سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرسەم، تەكرارلانمىغان 367741 سۆزلۈك قالدى. بۇلارنىڭ ئىملاسى يېڭى ئىملاغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ 250 مىڭ سۆزلۈك ئاساسىي ئامبىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن سۆزلەرنىڭ سانى 29120 ئىكەن (23 مىليونغا يېقىن سۆزلەر ئىچىدىن يېڭىدىن قوشۇلغان سۆزلەر 30 مىڭغىمۇ يەتمىدى يەنى %99.87 سۆزلۈك ئامبىرىمىزدا بار دېگەن گەپ). 2013-يىلى 10-ئايدا «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ سۆزلۈك ئامبىرى 280 مىڭغا يەتكۈزۈلدى. كېيىن يەنە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»دىكى بارلىق كەسپىي سۆزلەرنى توپلىساق، يېڭىدىن 16 مىڭ كەسپىي سۆزلۈك قوشۇلدى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» قاتارلىق دىننىي كىتابلار ۋە Windows قاتارلىق نۇرغۇن ئەپلەرنىڭ تەرجىمىسىدىن يەنە 4500 گە يېقىن كەسپىي سۆزلۈكنى قوشتۇق. شۇنداق قىلىپ 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرى 305 مىڭغا يەتكۈزۈلدى. ئەمدى سەل ئارام ئالايلى، چۈنكى مېنىڭ بىلىشىمچە ئىنگلىزچە داڭلىق كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى 308 مىڭ بولۇپ، مۇشۇ يېتەرلىك دېيىلگەن. چۈنكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇنداقلا ئۆز ئەمەلىيىتىمگە ئاساسلانغاندىمۇ، بىرەر تىلدىكى 300 مىڭ سۆزلۈك شۇ تىلنى %95 قاپلايدىكەن، ئۇنداقتا ئېشىپ قالغان %5 سۆزنى قانداق قىلىمىز؟ ئاۋۋال ماۋۇ %95 ئەھۋالنى يەنى ھازىرقى ئەڭ يېڭى ئامباردا كوررېكتورلۇق قىلغان ھالىتىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

دىققەت: بۇ بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش بولغاچقا، ئىزدىنىش مۇنبىرى ياكى ئاپتورى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇلارغا پىكىر يازماقچى بولساڭلار، شۇ مۇنبەرگە كىرسەڭلار بولىدۇ. ئەسەر مەزمۇنىمۇ بۇ بىلوگ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. پەقەت كوررېكتورنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈپ تەكلىپ-پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ.
http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=55912


(1) تەجرىبە قىممەتنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن خالىغان مۇنبەردىكى بىرەر جەۋھەرلەنگەن ماقالىنىڭ ئىملاسىنى كۆرۈپ باقايلى. مەسىلەن ئىزدىنىش مۇنبىرىگە كىرىپ، بۇ جەۋھەرلەنگەن ماقالىنى كۆچۈرەيلى.
===================================================


(2) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۈچۈن يەنە ئايرىم تەھرىرلىگۈچ ياسالغان بولۇپ، بۇرۇنقىدەك پەقەت Microsoft Word بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ ماقالىنى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»غا چاپلايمىز، ئاندىن قورال ئىستونىدىن «ئىملا تەكشۈرۈش»نى تاللايمىز. بۇ بىر سىناق تەھرىرلىگۈچ بولغاچقا، ئارايۈزى ئۇچۇرلىرى ھازىرچە خەنزۇچە ياسالدى. دىققەت بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى سۆيمەيدىغانلىقىمنى ئىپادىلىمەيدۇ.
=================================================

(3) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» بۇ ماقالىدىكى ئىملاسى گۇمانلىق سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. قىزىل رەڭگە بويالغانلىرى ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىن تېپىلمىغان سۆزلەردۇر، يېشىل رەڭدىكى بولسا پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدىغان سۆزلەردۇر.
===================================================

(4) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»دا يەنە تىنىش بەلگىلەردىكى خاتالىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. ئۇنداقتا تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ رولى زادى قانچىلىك؟ يۇقىرىدىكى رەسىمگە قاراڭ. سېرىق رەڭدە بويالغان جايدا تىنىش بەلگە مۇۋاپىق ئەمەس، بەلكىم ئىككىدىن ئارتۇق بوش ئورۇن، ياكى سىزىقنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە بوش ئورۇن بار،…دېگەندەك. بۇنداق خاتالىقلارنى دەل جايىدا تاپىدۇ ۋە پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلايدۇ.
====================================================

(5) قىزىل رەڭدە بويالغان گۇمانلىق سۆزلەرنى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ياردىمىدە تەكشۈرۈپ باقايلى، يۇقىرىقى رەسىمدىن قورال ئىستونىدىن «قول سېلىپ تەكشۈرۈش»نى تاللايمىز.
=======================================================

(6) قىزىل رەڭدە بويالغان گۇمانلىق سۆزلەرنى تەكشۈرگەندە، ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىن ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يۇقىرىقى رەسىمگە قارىساق بۇ سۆزنىڭ ئەڭ توغرىسىنى دەلمۇدەل تېپىپ بەرگەن. خاتالىق 1 ياكى 2 ھەرپتىن ئېشىپ كەتمىگەندە نامزات سۆزلەر تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ.
=======================================================

(7) بۇ رەسىمدىكى گۇمانلىق سۆز «غورۇرىنىڭ» غا ماس كەلگەن نامزات سۆزلەرگە قاراپ بېقىڭ. ئەڭ ماس كېلىدىغانلىرىنى يەنىلا ئەڭ ئالدىغا تىزىپ بەرگەن. بۇ يەردە ئەمەلىيەتتە بەك مۇرەككەپ ھېسابلاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما سىز مۇشۇنداق راھەت كوررېكتورلۇق قىلىسىز، بەزى نامزات سۆزلەرنى ئاۋۇ جۈملىلەردىكى گۇمانلىق سۆزنىڭ ئورنىغا قويسىڭىز تېخى كۈلكىلىك جۈملىلەرگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق خۇشال-خۇرام ئىشلەيسىز، بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى كوررېكتورلۇق خىزمىتىدەك زېرىكىشلىك ئەمەس. نەچچە قېتىم ئىشلەتسىڭىز، سىزمۇ پىشقان تەجرىبىلىك كوررېكتوردىن قېلىشمايدىغان بولىسىز. بۇ دېتالنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىدا بىز 10 يىلدىن ئارتۇق قان-تەر سىڭدۈردۇق. بۇ جاپانى ئۆزىمىزلا بىلىپ قالايلى بولدى.
==============

(8) بۇ رەسىمدە ئاۋۇ گۇمانلىق سۆز «قۇرقىدۇ»غا قاراپ قالماڭ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى يېشىل رەڭگە بوياپ قويۇلغان «دېگەندەك» دېگەن سۆزگە دىققەت بىلەن قاراڭ. «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى ئۆزى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئەسلى سۆز «دىگەندەك» ئىدى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا %30 سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. ھەي، مۇمكىن بولسا، يەنىمۇ بىر كۈچەپ باقساڭلار پۈتۈن بىر ماقالىنى %100 ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەرسە-ھە؟ بۇنداق قىلساق بارلىق كوررېكتورلار بىزنى قارغىۋېتەر، لېكىن خاتىرجەم بولۇڭ %100 ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. لېكىن %60 ئاپتوماتىك توغرىلاش مېنىڭچە مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە نەچچە يىل ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
===============

(9) قېنى %30 بولسىمۇ ئالدى بىلەن ئاپتوماتىك توغرىلاپ باقسۇن، بەزىلەرنىڭ ئىشەنمىگەن چېغى بار. ئۇنداقتا ئۈستىدىكى رەسىمگە قاراڭ، ئاپتوماتىك كوررېكتورلۇق دېگەننى چېكىپ بېقىڭ.
==============================================

(10) ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدىغان بارلىق سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەردى. ئۈستىدىكى رەسىمدىكى بارلىق يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ. سىزمۇ بەلكىم مۇشۇنداق خاتا يازامسىز تېخى. %30 دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ. ئالىم مۇئەللىم مۇشۇنداق زىيادە كەمتەر بولۇۋېلىپ، 10 يىللىق بۇنداق ياخشى مەھسۇلاتنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە بىلدۈرۈپ بولالمىدى. چۈنكى نۇرغۇن ئادەم يەنىلا ئەلكاتىپ ياكى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىلا بىلىدۇ.
==========================================

(11) ئەمدى «ئاپتوماتىك توغرىلاش»نى چەكسىڭىز، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان سۆزلەردىن بىرسىمۇ قالمىدى، باشقا قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى نامزات سۆزلەر ئارقىلىق توغرىلىسىڭىز بولىدۇ.
===========================================

(12) يۇقىرىقى رەسىمدە سېرىق رەڭدە بويالغانلار ئۇيغۇرچە سۆز بولمىسا، قانداق خاتالىقلاردۇر؟ ئۇنداقتا قورال تىزىملىكىدىن «تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش» دېگەننى بېسىپ باقايلى
======================================

(13) ئەمەلىيەتتە تىنىش بەلگىلەر مۇۋاپىق بولمىغان بولۇپ، ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەردى، يېشىل تەگلىك رەڭدە بويالغان جايلارغا قاراڭ. لېكىن تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك قويۇپ بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە، سۆزلەرنىمۇ ئاپتوماتىك پەيدا قىلىپ قويۇپ بېرىدىغان ئىش بارمۇ يا؟ بۇ پەقەت تىنىش بەلگە ئالدى-كەينىدىكى خاتالىقلار، بوش ئورۇن، تەكرار بەلگە ئىشلىتىش،…دېگەندەك خاتالىقلارنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ. ماقالىڭىز تېخىمۇ پاكىزە ۋە رەتلىك چىقىدۇ.
========================

(14) ئەمدى يەنە بىر قېتىم تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشنى تاللىسىڭىز، سېرىق رەڭدە بويىلىدىغان جايلار قالمىدى.
====================

(15) ئەمدى باشقا جايلارنى يەنى پۈتۈنلەي قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى پۈتۈنلەي قول سېلىپ كوررېكتورلۇق قىلىمىز.
===============================

(16) يۇقىرىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات سۆزنى تاللاپ، قوش چەكسىڭىز ياكى «توغرىلاش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق سىزمۇ كوررېكتورلۇق قىلالايسىز.
=========================

(17) ناۋادا يۇقىرىدىكى سۆزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات سۆز چىقمىسا، ئۇنىڭ توغرىسىنى يېزىپ، «ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش»نى تاللىسىڭىز، كېيىنكى قېتىم بۇنداق سۆزلەرگە يولۇققاندا، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىپ تاشلايدۇ.
========================================

(18) بۇنداق چەتئەلچە سۆزلەرنى نۇرغۇن ئادەملەر خاتا يازىدۇ، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئەمەلىيەتتە بۇنداق سۆزلەرگە بەك ئۇستا، بۇنداق سۆزلەرگە يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا تېپىپ بېرەلەيدۇ. ئۈستىدىكى سۆزلەر ئەكس سادا بولۇپ كېتىپتۇ، بىر تەكشۈرۈپ باقاي.
=================

(19) بۇنداق سۆزلەردىمۇ كىشىلەر ئوڭايلا خاتالىشىدۇ، چۈنكى 1985-يىلىدىكى ئىملا لۇغىتىدە «خاراپ» ئىدى، يەنە «كىتاپ»، «ھېساپ» دەپ يازاتتۇق. مەن دەل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا چىققان ئىملا قائىدىسى بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يازاتتۇق. 1997-يىلى چىققان ئىملا قائىدىسىدە بىردەم ئەرەبلەرنىڭ، بىردەم رۇسلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ شۇلارنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۇيغۇرچە ھەرپ بىلەن يازىدىغان بولدۇق، شۇنداق قىلىپ «كىتاپ» ئەمەس «كىتاب»، «ھېساپ» ئەمەس «ھېساب» دەپ يازىدىغان بولدۇق، ئەمما ئەرەبچە «لىبىيە» دەپ يازماي ئۇيغۇرچە «لىۋىيە»، «كاتىب» دەپ يازماي «كاتىپ»، ئەمما «كاتىباتلار ئىشخانىسى» دەپ يازىدىغان، «فارس» ئەمەس «پارس» دەپ يازىدىغان بولدۇق، ئەمما 2011-يىلى يولغا قويۇلغان ئىملا قائىدىسىدە يەنە بىر قىسىم سۆزلەر مەسىلەن: رادىيو، بىيولوگىيە دېگەندەك سۆزلەر 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇرچە ئىملاغا قايتۇرۇلدى، ئەمما بىر قىسىم سۆزلەر يەنە شۇ پېتى. بۇنداق ئۇماشنىڭ دەستىدىن نۇرغۇن كىشىلەر توغرا ئىملانى ھېچ بىلىپ بولالمايۋاتىدۇ. يات مىللەتنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ئويلاپ، ئۇيغۇرچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈش بىزدىلا بار ئوخشايدۇ. سۆز قوبۇل قىلغاندا قاچانغىچە مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، «كېلىڭ، مەرھەمەت» دەپ ئۆتىمىز. 2025-يىلىغا بارغاندا يەنە ئىملا ئۆزگەرتىدىغان ئىشنى قىلمايلى.
========================

(20) بەزىدە مۇشۇنداق نامزات سۆزلەر توغرا چىقماي قالسا، يامانلاپ قالماڭ، چۈنكى بۇ سۆز بەك كېلەڭسىز، ھازازۇل ئىكەن، بىزنىڭ ئامبىرىمىزدا بار ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز پەقەت شۇ ئىكەن، ئەمما ئاۋۇ نامزات سۆز ئىچىدىن بۇ سۆزنىڭ سۆز تومۇرىنىڭ توغرىلىقىنى بىلەلەيسىز، «-لاشقان» دېگەن قوشۇمچىنى ئۇلاپ باقسىڭىز مەسىلە يوق دېگەن گەپ. بۇنداق سۆزنى توغرا دەپ ئۆتكۈزۈۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئامبارغا بۇنداق ھازازۇل سۆزلەرنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
====================

(21) ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق سۆزلۈك بار دەپ پو ئاتقان ئىدىڭلار، ماۋۇ «بۆشۈك» دېگەن نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدىغۇ-دەپ ئويلاۋاتىسىز ھەقاچان؟ ئەسلىي سۆزگە ئوبدان قاراپ بېقىڭ. «بۈشۇك» بىلەن «بۆشۈك»نىڭ پەرقىدە گەرچە ئىككى ھەرپتە خاتالىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە بىر ھەرپ بار. ناۋادا بۇنىڭغا يول قويىدىغان بولسىڭىز، بۇنداق ئېھتىماللىقنى ئويلاپ بېقىڭ، بەك كۆپ نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، تاللاپ بولالماي ھېرىپ قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2-3 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭغا سەۋر قىلىپ بولالمايسىز. شۇڭا ھەممە سۆزنى كۆرسىتىپ بەرسە كوررېكتورلۇق ئەمەس لۇغەت بولۇپ قالىدۇ.
=========================

(22) توغرىسى «بۈشۈك»مۇ ياكى «بۆشۈك»مۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى بۆشۈككە بۆلەپ باققان بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى دائىم «بۈشۈك» دەپ خاتا يازىدۇ. ئۇنداق قىلماڭلار، ھەممىمىز بۆشۈكتە چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئىملاسىنى توغرا يېزىڭلار. توغرا ئىملاسىنى «ئىملا لۇغىتى»مىزدىن ئىزدەپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ سۆزنىڭ توغرا ئىملاسى «بۆشۈك».

(23) بۆشۈك دېگەن توغرا ئىملاسىنى كىرگۈزۈپ، «توغرىلاش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېردا ئىملا توغرىلاش جەريانى دەل مۇشۇنداق بولىدۇ. ھەرگىزمۇ %100 توغرىلاپ بېرىدىغان ياكى %100 نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىش يوق.


(24) بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئارايۈزى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئىشلىتىش تېخىمۇ ئوڭاي.

يۇقىرىقى ئەمەلىي تەجرىبە قىممەتتىن نېمىنى ھېس قىلدىڭلار؟ «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ لايىھەلىنىش باش پىرىنسىپى مۇنداق: ئامبارغا تېخى كىرمىگەن ھېلىقىدەك %5 سۆزلەرنى گۇمانلىق سۆز دەپ قارىسا مەيلىكىن لېكىن بىرەرمۇ خاتا سۆزنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك. لېكىن ئۇ %5 سۆزنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلمايمەن، ئارتۇق زېھنىمنى ئۇنى ھەل قىلىمەن دەپ جېدەللەشكەندىن كۆرە، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا كۈچەيمەن.

دۇنيادا ئىنسان قىلغان ئىشلار %100 بولمايدۇ. ئەمما بۇ بىزنىڭ تىرىشماسلىقىمىزنىڭ باھاسىنى بولالمايدۇ، بىز يەنە ھەر يىلى، ھەر ئايدا، ھەر ھەپتىدە مۇشۇنداق ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. 10 يىلدىن ئېشىپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى گەرچە دۆلەت ئىچىدە كومپيۇتېر ساھەسىدە خەنزۇ تىل-يېزىقىدىن قالسا، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئەڭ ئالدىدا (خەلقئارادا ئالدىنقى 100 ھەتتا 50 نىڭ ئىچىدە) بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە ئىملادىكى مەسىلە بەكلا ئېغىر. ھەتتا چوڭ گېزىتلەردە، تېلېۋىزىيەدە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە سۆزلەردىمۇ ئېغىر خاتالىقلار بار. توردىكى ئۇيغۇرچە ماقالىلەرنى دېمەي تۇرايلى بولدى، يۈزىمىز قىزىرىپ قالمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى ئىملانى ياخشى ئۆگىنەيلى، توغرا ئىشلىتەيلى ۋە باشقىلارغا ئۆگىتەيلى. مۇشۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
98 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئەگەردە سىز كوررېكتورنى بۇلۇتقا يۆتسىڭىز ،  webservice ئۇلانمىسى بىلەن بىز بىز تەكشۈرمەكچى بولغان سۆزلۈكلەرنى ھازىر بار بولغان بىر نەچچە كوررېكتورنىڭ ھەممىسىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى بىلەن بىر قېتىمدىن سېلىشتۇرۇپ چىقىپ تەۋىسيەلىك سۆزلەرنى كۆرستىپ بەرسە ئىقتىدارى تېخمۇ كۈچلۈك بولامدىكىن دەيمەن
    بۇنداق بولغاندا بىر بولاققا تاينىش … سۆزلۈك ئامبىرى ئاز بولۇش ….دېگەندەك مەسىللەر بىراقلا ھەل بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:34
    • ئەلۋەتتە، WebService قا يۈكلەيمەن. ئەمما «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ئۆزىلا يېتىپ ئاشىدۇ، چۈنكى مەن ئۈزۈمنىڭ ئامبىرىغا بەك ئىشىنىمەن. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ئامبىرى مېنىڭ قولۇمدا (يەنى تەكرارلانمىغان 50 مىليون سۆزلۈك بار)، سۆزلۈك ئامبىرى جەھەتتە باشقىلارغا ئېھتىياجىم چۈشمەيدۇ. تۈپ سۆزگە ئاجرىتىش، ئاجىزلاشتۇرۇش، سۆز تۈرلەش، سۆز خارەكتېرىنى بېكىتىش،…قاتارلىق ھالقىلىق تېخنىكىلار بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:10
      • بۇلۇتقا يۆتكىسە تېخىمۇ بىخەتەر بولىدىغۇ دەيمەن ، شۇنداقمۇ ئالىم مۇئەللىم ؟
        دېتالىنى بۇلۇت مۇلازىمىتىگە يۆتكىگەندە چۈشۈرۈش بولىقىنى يىشىۋېتىپ باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى يوققا چىقىرىدىغان قارا نىيەتلەرنىڭ زىيانكەشلىك كەلتۈرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:03
  • ئالىم مۇئەللىمنىڭ يۇقارىقى سۆزلىرىدىن قارىغاندا تور بېكەتلەرگە ئىملا تۈزىتىش ئىقتىدارى سەپلەنگەن قىستۇرما ياساش ۋە كېڭەيتىش دەۋرنىڭ ئېھتىياجى بولغان پەيت يېتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ.
    مەسىلەن: نۇرقۇت تورىنىڭ دىسكازدا ئىجرا بولىدىغان ئىملاخورى يامان ئەمەس ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھېس قىلىشىمچە نۇرقۇت تورى ئاتامانى ئىملا ئامبىرىنى تولۇقلاۋاتقان بولسا كېرەك. ئەگەردە نۇرقۇت تورىدىكى سىناق ئىشلىتىلىۋاتقان كوررېكتور مۇۋاپىق باھادا تور بېكەتچىلەرگە يۈزلەنسە، ئۇ ھالدا ئۇيغۇر تور بېكەتچىلىكى يېڭى بىر باھارنى كۈتىۋالغۇدەك.
    ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھازىر بىرنەچچىلىگەن كوررېكتورلارنىڭ ئىملا ئامبىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ…. بۇ تازا ياخشى بولمىغان ئەھۋال. چۈنكى ھەر بىر ئىملاخور ياسىغان ۋە ياساۋاتقانلار ئۆز كوررېكتورىنىڭ خاسلىقىنى نامايەن قىلىشقا كۈچىسە، باشقا كوررېكتورلاردا بولمىغان ئىملا ئامبىرىنى تولۇقلىسا، ئاپتوماتىك ئىملا تورىلاش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتەرسە… ۋاھاكازلار. بىرلا بۇلاققا تايىنىۋېلىش خەتەرلىكتۇر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 17:06
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،

    مۇشۇ ئىملا توغرىلىغۇچ تېمىسىنىڭ باھانىسىدە، مېنى ئۇزۇندىن بۇيان ئويغا سېلىپ كېلىۋاتقان بىر سوئالنى سوراپ، سىزدىن بىر قانائەتلىنەرلىك جاۋابقا ئېرىشىۋالسام، دەيمەن. قىممەتلىك ۋاقىتىڭىزدىن بەش مىنۇت ئاجرىتىپ بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت.

    سوئال: تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ئىملاسى توغرىمۇ؟
    ئاپتۇ (ئال)، ساپتۇ (سال)، كەپتۇ (كەل)، ئەكىلىپتۇ (ئېلىپ كەل)، قاپتۇ (قال)، بوپتۇ (بول)، بىرسى (بىر)، ئۈچسى (ئۈچ)، كۆڭلى (كۆڭۈل)، ئوغلى (ئوغۇل)، ۋاقتى (ۋاقىت)، ئورنى (ئورۇن)…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 13:50
    • ھازىرقى گىرامماتىكىلىق قائىدىلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۆزلەرنىڭ ئىملاسى مۇنداق بولۇشى كېرەك.
      ئېلىپتۇ (ئال)
      سېلىپتۇ (سال)
      كېلىپتۇ (كەل)
      ئەكېلىپتۇ (ئېلىپ كەل)
      قېلىپتۇ (قال)
      بولۇپتۇ (بول)
      بىرسى (بىر)
      ئۈچى (ئۈچ)
      =========
      كەينىدىكىلىرى توغرا ئىكەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 17:12
  • (8) دە مۇنداق بىر جۈملە بار ئىكەن «بۇنداق قىلساق بارلىق كوررېكتورلارنى بىزنى قارغىۋېتەر، ….» بۇ جۈملە خاتا بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟….. «كوررېكتورلار» نىڭ كەينىدىكى بىر «-نى» ئارتۇق بولۇپ قاپتۇ.
    ئەسلىي «بۇنداق قىلساق بارلىق كوررېكتورلار بىزنى قارغىۋېتەر، …» بولسا بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:09
  • ئەستا، ئالىم مالىم ئاۋۇ ئۈستىدىكىسىدە ئىملا خاتالىقى ۋە رەقەم خاتالىقى باركەن. ماۋۇ ئىنكاسىمدا توغرىلاپ قويدۇم.
    ئالىم مۇئەللىم كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان ۋىن9 سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىگە ئىملانى توغرىلاش ئىقتىدارى بولغان(ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدەك ئۇنچە يۇقىرى ئىملاخورلۇق ئالاھىدىلىكى بولمىسىمۇ) ئاددىي ئىملا تۈزىتەلەيدىغان كىرگۈزگۈچنى قېتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ باقسىلىرى بولارمۇ؟ يەنە بىر سوئال بار ئىدى، يېقىندا «ۋىن8.2 نى كېلەر يىلى 1 – ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ» دېگەن پاراڭلار بولىنىۋاتىدۇ، قانداق قارايدىلىكىن(ما سوئالنى سوراش ئۇسلۇبۇم موخبىرلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالغان چىراي – ھە)؟
    ئەسلىدە ئوففىس 2013 دە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلارمىكىن دەپ ئويلىغانتىم، مىكروسوفت تەرەپنىڭ بۇ جەھەتتە بىزنى ئوففىس 2013نى ئىشلىتىش ئەھۋالىمىزغا قارايدىغانلىقىدەك ئەھۋالنى سىزىۋاتىمەن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:54
    • ئەگەر شۇنداق قىلسا شىنخەي ئىنقىلابىدەك ئىش بولىدۇ، يەنى بار جاپانى ئالىم مۇئەللىم قاتارلىقلار تارتىپ، غەلبە مېۋىسىگە مىكروسوفت ئىگە بولارمىكىن، ئەمما شۇنداق بولسا كوررىكتورنى پۈتۈن كومپيۇتېرغا ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 07:44
      • ئەلتۇغ دېگىنىڭىزمۇ توغرا، لېكىن بۇ ھامان بولىدىغان ئىش. چۈنكى ۋىندوۋسنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىشلەش خىزمىتىنى باشلاشتىن ئاۋۋال مىكروسوفت تەرەپ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل كىرگۈزگۈچىسى، كوررېكتورى، لۇغەت… دېگەندەك شارائىتلىرى ھازىرلانغانمۇ يوق دېگەندەك تەلەپلەر بىلەن ئۇيغۇرسوفتقا تەلىپىنى قويغان، بەختىمىزگە يارىشا ئۇيغۇرسوفت بۇ تەلەپلەرنى ئاللىقاچان ھازىرلاپ بولغان-دە. بۇنىڭ ئىچىدىكى «مۇستەقىل كىرگۈزگۈچىسى ۋە كوررېكتورى» بولۇش بىكار ئېيتىلمىغاندۇ بەلكىم…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:17
        • توغرا دەيسىز، كىرگۈزگۈچ، ئىملا تەكشۈرگۈچ، لۇغەت،…قاتارلىقلار بىر تىلنىڭ كومپيۇتېردىكى ئورنىنى بەلگىلەشتىكى ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم نەرسە ئىملا تەكشۈرگۈچ. چۈنكى كىرگۈزگۈچ بىلەن لۇغەت بولغاندىلا ئاندىن كوررېكتورنى ياساشقا بولىدۇ. ناۋادا كوررېكتور ئومۇملىشىدىغان بولسا، ھەر كۈنى توردا ئېلان قىلىنىۋاتقان مىڭلىغان ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئۇچۇرلار كۆپەيسە نۇرغۇن تىل تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:33
      • مىكروسوفت ھەرگىز ئۆزى ياسىمايدۇ، Microsoft Word دىكى ئىنگلىزچە كوررېكتورنىمۇ ئۆزى ياسىغان ئەمەس. Windows دىكى نۇرغۇن خەت نۇسخىلىرىنىمۇ ئۆزى ياسىغان ئەمەس. ئۇلار پۇل تۆلەپ مۇشۇنداق پاتېنتلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىدۇ ياكى ئىشلىتىش ھەققى تاپشۇرىدۇ. ئۇنداق بولسا مەن ئەلۋەتتە ياق دېمەيمەن-دە.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:40
  • ئالىم مۇئەللىم كېلەر يىلى ئېلان قىلىنىدىغان ۋىن9 سىستېمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسىگە ئىملانى توغرىلىش ئىقتىدارى بولغان(ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىدەك ئۇنچە يۇقىرى ئىملاخورلۇق ئالاھىدىلىكى بولمىسىمۇ) ئاددىي ئىملا تۈزۈتەلەيدىغان كىرگۈزگۈچنى قېتىش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىپ باقسىلىرى بولارمۇ؟ يەنە بىر سوئار بارتى، يېقىندا ۋىن8.1 نى كېلەر يىلى 1 – ئايدا ئېلان قىلىنىدۇ دېگەن پاراڭلار بولىنىۋاتىدۇ، قانداق قارايدىلىكىن(ما سوئالنى سوراش ئۇسلۇبۇم موخبىرلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالغان چىراي – ھە)؟
    ئەسلىدە ئوففىس 2013 دە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قوشۇلارمىكىن دەپ ئويلىغانتىم، مىكروسوفت تەرەپنىڭ بۇ جەھەتتە بىزنى ئوففىس 2013نى ئىشلىتىش ئەھۋالىمىزغا قارايدىغانلىقىدەك ئەھۋالنى سىزىۋاتىمەن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:49
  • ئالىم مۇئەللىم، مۇشۇ كورىكتورنىڭ ھازىرقى باھاسى قانچە پۇلدۇ؟
    ئەگەر تور بىكەتلەرگە قىستۇرما شەكلىدە ئورناتماقچى بولساق ھەقلىق ئورنىتىپ بىرەرسىلەرمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:15
    • بۇ قېتىم دەل شۇنداق قىلماقچى، WebService ئېغىزى بىلەن تەمىنلەيمىز، ئىملا تەكشۈرمەكچى بولغان بەتنى ئۇيغۇرسوفت تور مۇلازىمىتىغا ئەۋەتسەڭلار، گۇمانلىق سۆزلەر كۆرسىتىلگەن بەتنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ ياكى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان بارلىق سۆزلەرنى ئۆزگەرتىپ قايتۇرۇپ يوللاپ بېرىدۇ. ئىملا تەكشۈرۈشنى يەنە بۇلۇت سۇپىسىغا يۆتكەپ باقماقچى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:42
      • ئۇنداقتا مۇشۇ بۇلۇت سۇپىسىدا ئىملا تۈزەش ئۈچۈن بەلگىلىك ھەق ئېلىنامدۇ ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 19:17
        • تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى بۇلۇت مۇلازىمىتېرى سېتىۋېلىش كېرەك، ھەر يىلىدا ئاز دېگەندىمۇ 20-30 مىڭ يۈەن چىقىم بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ دېتالنىڭ بۈگۈنكى ھالەتكە كېلىشى ئۈچۈن 10 يىلدىن ئارتۇق بەدەل تۆلەندى، سىزچە ھەق ئالساق مۇۋاپىق بولارمۇ؟ شىركەتنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمنى ئويلىشىشى خاتا ئىش ئەمەس. ئەگەر بىرەر بايدىن بىرسى چىقىپ (زاكات ئايرىيدىغان پۇلغا) سېتىۋالسا، بىز ئەلۋەتتە ھەقسىز قىلىۋېتىمىز.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:34
    • ماڭ قايلىسلا غۇجېم ، ھازىرچۇ ، مۈشۈكمۇ بىكاغا ئاپتاپقا چىقمايمىش .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:58
      • مەزكۇر كورىكتورنىڭ تىزراق ئىشقا كىرىشىنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز ئالىم مۇئەللىم. ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى am 00:11
  • مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم.

    ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن.

    سىزگە ئەقىل، تىرىشچانلىق بەرگەن خۇدايىم، يا سودا ئېڭى، يا سودىغا يامان تۇققاندىن بىرنى بەرمەپتىكەن …..

    تارتقان جاپايىڭىزغا ……. تاپقانلىرىڭىز يەنىلا يىتەرلىك ئەمەستەكلا … تۇيىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 22:04
    • ئۇنداق دىمەڭلا ئەركىنجان
      مۇئەللىمنىڭ سودا ئىڭىمۇ ھازىر ئۇنداق ئەمەسدۇ ، مىنىڭچە مۇئەللىممۇ ھازىر خېلى يامان ئەمەس سودىگەر بوپ قالدىمىكىن دەيمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:42
  • بولسا مائارىپ نازارىتى مۇشۇ كوررىكتورنى شىنجاڭدىكى پۈتۈن ئاز سانلىق تىلىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدىغان مەكتەپلەرگە چۇقۇم ئېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش قىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى. نەدىكى تۈزۈك بىر نەرسە يوق ئوپتىك دېسكىلارنى نەچچە مىڭ يۈەندىن مەجبۇر ئالغۇزۇپ يۈرگىچە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:30
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، بۇ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم خۇشخەۋەر بولدى، جاپا چەكتىڭىز. مەن سىزدىن مۇنداق بىر مەسىلىنى سورىۋالاي. بۇرۇن ئانا تىلىمىزدىكى بىئولوگىيە، رادىئو دىگەن ئاتالغۇلار ھازىر بىيولوگىيە، رادىيو دەپ ئۆزگەردىمۇ؟ ھازىر ۋىۋىسكىلاردا رادىيو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسى، دەرىسلىك كىتاپتا بىيولوگىيە دەپ بار. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۆزگەرتىش زۆرۈر بۇلۇپ قالدى، بولسا ئىزاھات بىرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز. كوررىكتوردا قايسى ئاتالغۇنى توغرا دەپ چىقىرىپ بېرىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:27
    • 2011-يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان ئىملا قائىدىسىدە «رادىيو»، «بىيولوگىيە»….دەپ يازىدىغان بولدى. چۈنكى 1985-يىلىدىكى ئىملا قائىدىسى شۇنداق ئىدى. ئەمما 1997-يىلى «رادىئو»، «بىئولوگىيە» دەپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇ دەل ئىنتېرنېت ئومۇملىشىشقا باشلىغان دەۋر ئىدى، توردىكى مۇتلەق كۆپ ماقالىلار شۇنداق يېزىلغان ئىدى، ھازىر باشتا دېگەندەك 1985-يىلىغا قايتىپ كەلدۇق، ئەمما يەنە نۇرغۇن سۆزلەر يەنە يېڭى تالاش-تارتىشلارنى قالدۇرۇپ، 1997-يىلىدىكى سەۋىيەدە قالدى. ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەتتە يېزىق ئۆزگەرتىش ئۇياقتا تۇرۇپ تۇرسۇن پەقەت ئىملادىكى نەچچە مىڭ سۆزنى ئۇياق-بۇياق قىلىشمۇ بەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن. ناۋادا ئاتالغۇلارنى تولا ئۆزگەرتىپ تۇرىدىغان بولساق، پەن-تېخنىكىلىق ماقالىلەر چۈشىنىكسىز بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:42
  • ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ يېڭىلىنىشى ئانا تىلىمىزدىكى ئىملا قەھەتچىلىكىنىڭ ئازىيىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 20:26
  • ئوبدان ئىش بولدى،بىژنى ئالىدىغان يېرى كەلدى جۇما!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:56
  • ئالىم مۇئەللىم،تىنىش بەلگىلىرىنى توغرىلاشقىمۇ سەل قارىماپسىز.كوررىكتور ھەقىقەتەن بىر تىل ئۈچۈن بەك مۇھىم.
    ئىملا ئشىلىرىمۇ تولا ئۆزگىرىپ سىزنىڭ بۇ كوررىكتورنىڭ تارقىتىلىشىمۇ بەكلە كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى.ھەي، بۇ ئىشلارنى دېسەك قوساق كۆپۈكى تۇرغانلا گەپ.ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاز ئەجىر سىڭدۈرمىدىڭىز، سىزگە رەھمەت مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 19:12
  • ناھايتى ياخشى ئىشتىن يەنە بىرسى روياپقا چىقىپتۇ. ئەمدى بۇنىڭ بۇرۇنقى خېرىدارغا تەمىنلەيدىغان باھاسى ۋە ئەڭ يېڭى باھاسى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بېرىۋەتسىڭىز، سىز ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوللاش ئۈچۈن، بۇ دېتالنى مەكتەپلەرگە بىر يۈرۈشتىن كىرگۈزسەك بولغۇدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 18:58
  • كوررېكتور ھەقىقەتەنمۇ بىر تىل ئۈچۈن پەن-تېخنىكا دەۋرىدە بولمىسا بولمايدىغان زۆرۈر نەرسە. ئۇيغۇرسوفت بۇ ساھەدە ئەڭ بۇرۇن ئىزدىنىپ، ھەم كوررېكتورنى ياساپ چىقىپ ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى. ھەقىقەتەن ئىسمى-جىسمىغا لايىق ئىش قىلدى.
    مۇمكىن بولسا ئەمدى بۇ تەھرىرلىگۈچنى باشقا ھەر قايسى سىستېما ۋە سۇپىلاردا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدىغان ھالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كۈچىسىڭىز ناھايىتى ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:05
    • توغرا دەيسىز، ئۆز ۋاقتىدا پەقەت Microsoft Word بىلەنلا چەكلىنىپ قاپتۇق، 2010-يىلى رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ماقالە سىستېمىسىدا كوررېكتورنى بىرىكتۈرۈپ، ياخشى ئىنكاسلارغا ئېرىشتۇق.
      ئەمدى بۇنى ھەرقايسى ساھەلەرگە، ھەرقايسى دېتاللارغا، ھەرقايسى سۇپىلارغا كېڭەيتىدىغان پەيت كەلدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:41
باھا بېتى: 1 2 3 4