«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يەنە يېڭىلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يەنە يېڭىلاندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» دېتالىنىڭ تۇنجى نۇسخىسى 1999-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 1997-يىلى يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان ئىملا قائىدىسى بويىچە ياسالغان ئىدى، بۇ دېتال MS-DOS مۇھىتىدا بېيدا فاڭجېڭ، سەنلى،…قاتارلىق مەتبەئە سىستېمىلىرىدا كىرگۈزۈلگەن تېكىستلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ بېرەتتى. كېيىن يەنە Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا يېڭىلىنىپ، Microsoft Word مۇھىتىدا ئەلكاتىپ كىرگۈزگۈچتە كىرگۈزۈلگەن ھۆججەت-ماقالىلەرنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرىدىغان ۋە توغرىلايدىغان ئىقتىدارلار قوشۇلدى.

«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالى دۇنيادىكى باشقا تىللارنىڭ كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىغا ئوخشاش مۇنداق ئۇسۇلدا ئىملا تەكشۈرىدۇ.
تەكشۈرمەكچى بولغان تېكىستلەرنى سۆزگە پارچىلاپ، ھەربىر سۆزنى سۆزلۈك ئامبىرىدىن ئىزدەپ، تېپىلمىسا گۇمانلىق سۆز دەپ بېكىتىدۇ. ھەربىر گۇمانلىق سۆزنى ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەرگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ چۈشۈپ قېلىشى، ئارتۇق يېزىلىپ قېلىشى ياكى ئالمىشىپ قېلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقلىرىنى بايقاپ، ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ بېكىتىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ نامزات سۆزلەردىن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بىر سۆزنى تاللاپ ئىملا تۈزىتىدۇ، ناۋادا ئىملادىكى خاتالىق ئېغىر بولسا (يەنە ئاساسىي ئامباردىكى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزگە نىسبەتەن ئوخشاشلىق نىسبىتى %60 دىنمۇ تۆۋەن بولسا)، نامزات سۆزلەرنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئىملا لۇغىتى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى ئۆزى توغرىلايدۇ. ئەمما بۇنداق ئېھتىماللىق ئادەتتە %5 دىن تۆۋەن بولىدۇ.

ئىلگىرى پەقەت 80 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەتتى، كېيىن 2003-يىلى 3-ئايدا كەلگەندە 180 مىڭغا يېقىن سۆزلۈككە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن سۆزلەرنى يەنىلا گۇمانلىق سۆز دەپ قارايتتى. شۇ يىلى 4-ئايدا «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى»نىڭ پىنسىيۇنېرى 40 يىللىق كوررېكتورلۇق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىلياس رەھىمى ئاكا 3 قېتىم كۆرۈپ بەردى ۋە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەردى. شۇنداق قىلىپ «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ 3-نەشرىدە زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. مەسىلەن: ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش، ئىملا تەكشۈرۈش دوكلاتى،…دېگەندەك. ئەمما 2006-يىلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىدىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى رەسمىي باشلاندى. شۇنىڭ بىلەن «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى داۋاملىق ياخشىلاش، سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىش خىزمىتىمۇ رەسمىي توختىتىلدى. جەمئىيەتتە ئىملا قائىدىسى ئۆزگىرىدىكەن دېگەن پاراڭلار تارقالغاندىن كېيىن، بۇ مەھسۇلاتىمىزغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلەپ كەتتى، كېيىن بىزمۇ سېتىشنى رەسمىي 3-4 يىل توختاتتۇق.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى 2009-يىلى 10-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىندى، بىر قىسىم مەتبۇئاتلار 2010-يىلىدىن باشلاپ سىناپ ئىشلەتتى، بىزمۇ ئىملادىكى يېڭى ئۆزگىرىش بويىچە «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ئىملا ئامبىرىنى قايتىدىن توغرىلاپ چىقىپ، يېڭى سۆزلەرنى داۋاملىق قوشۇپ، 250 مىڭغا يەتكۈزدۇق. كېيىن يەنە گىرامماتىكىلىق قائىدىلەر بويىچە ئىسىم ۋە پېئىلارنى ئاپتوماتىك تۈرلەپ 50 مىليونغا يېقىن سۆزلۈك ھاسىل قىلدۇق. ئەمما ھەقىقىي تېكىستلەردە بۇنداق سۈنئىي تۈرلەنگەن (توكتا چىققان) سۆزلەر %99 ئىشلىتىلمەيدىكەن، سۆزلەرنىڭ كۆپ بولۇشى كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىنىڭ ھالقىلىق ئىقتىدارى بولالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قولۇمدا بار بولغان بارلىق ھەقىقىي سۆزلۈك ئامبىرىنى قايتىدىن توپلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، 23 مىليونغا يېقىن ھەقىقىي سۆزلۈك ئامبىرىغا ئېرىشتىم، سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ كۆرسەم، تەكرارلانمىغان 367741 سۆزلۈك قالدى. بۇلارنىڭ ئىملاسى يېڭى ئىملاغا ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ 250 مىڭ سۆزلۈك ئاساسىي ئامبىرىغا كىرگۈزۈلمىگەن سۆزلەرنىڭ سانى 29120 ئىكەن (23 مىليونغا يېقىن سۆزلەر ئىچىدىن يېڭىدىن قوشۇلغان سۆزلەر 30 مىڭغىمۇ يەتمىدى يەنى %99.87 سۆزلۈك ئامبىرىمىزدا بار دېگەن گەپ). 2013-يىلى 10-ئايدا «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ سۆزلۈك ئامبىرى 280 مىڭغا يەتكۈزۈلدى. كېيىن يەنە «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى 2008»دىكى بارلىق كەسپىي سۆزلەرنى توپلىساق، يېڭىدىن 16 مىڭ كەسپىي سۆزلۈك قوشۇلدى. شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» قاتارلىق دىننىي كىتابلار ۋە Windows قاتارلىق نۇرغۇن ئەپلەرنىڭ تەرجىمىسىدىن يەنە 4500 گە يېقىن كەسپىي سۆزلۈكنى قوشتۇق. شۇنداق قىلىپ 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرى 305 مىڭغا يەتكۈزۈلدى. ئەمدى سەل ئارام ئالايلى، چۈنكى مېنىڭ بىلىشىمچە ئىنگلىزچە داڭلىق كوررېكتورلۇق يۇمشاق دېتالىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى 308 مىڭ بولۇپ، مۇشۇ يېتەرلىك دېيىلگەن. چۈنكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇنداقلا ئۆز ئەمەلىيىتىمگە ئاساسلانغاندىمۇ، بىرەر تىلدىكى 300 مىڭ سۆزلۈك شۇ تىلنى %95 قاپلايدىكەن، ئۇنداقتا ئېشىپ قالغان %5 سۆزنى قانداق قىلىمىز؟ ئاۋۋال ماۋۇ %95 ئەھۋالنى يەنى ھازىرقى ئەڭ يېڭى ئامباردا كوررېكتورلۇق قىلغان ھالىتىنى كۆرۈپ بېقىڭلار.

دىققەت: بۇ بىر ئىلمىي تەكشۈرۈش بولغاچقا، ئىزدىنىش مۇنبىرى ياكى ئاپتورى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇلارغا پىكىر يازماقچى بولساڭلار، شۇ مۇنبەرگە كىرسەڭلار بولىدۇ. ئەسەر مەزمۇنىمۇ بۇ بىلوگ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. پەقەت كوررېكتورنىڭ ئىقتىدارىنى كۆرۈپ تەكلىپ-پىكىر بەرسەڭلار بولىدۇ.
http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=55912


(1) تەجرىبە قىممەتنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن خالىغان مۇنبەردىكى بىرەر جەۋھەرلەنگەن ماقالىنىڭ ئىملاسىنى كۆرۈپ باقايلى. مەسىلەن ئىزدىنىش مۇنبىرىگە كىرىپ، بۇ جەۋھەرلەنگەن ماقالىنى كۆچۈرەيلى.
===================================================


(2) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۈچۈن يەنە ئايرىم تەھرىرلىگۈچ ياسالغان بولۇپ، بۇرۇنقىدەك پەقەت Microsoft Word بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ ماقالىنى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»غا چاپلايمىز، ئاندىن قورال ئىستونىدىن «ئىملا تەكشۈرۈش»نى تاللايمىز. بۇ بىر سىناق تەھرىرلىگۈچ بولغاچقا، ئارايۈزى ئۇچۇرلىرى ھازىرچە خەنزۇچە ياسالدى. دىققەت بۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى سۆيمەيدىغانلىقىمنى ئىپادىلىمەيدۇ.
=================================================

(3) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» بۇ ماقالىدىكى ئىملاسى گۇمانلىق سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. قىزىل رەڭگە بويالغانلىرى ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىن تېپىلمىغان سۆزلەردۇر، يېشىل رەڭدىكى بولسا پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدىغان سۆزلەردۇر.
===================================================

(4) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»دا يەنە تىنىش بەلگىلەردىكى خاتالىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى. ئۇنداقتا تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ رولى زادى قانچىلىك؟ يۇقىرىدىكى رەسىمگە قاراڭ. سېرىق رەڭدە بويالغان جايدا تىنىش بەلگە مۇۋاپىق ئەمەس، بەلكىم ئىككىدىن ئارتۇق بوش ئورۇن، ياكى سىزىقنىڭ ئالدىدا ياكى كەينىدە بوش ئورۇن بار،…دېگەندەك. بۇنداق خاتالىقلارنى دەل جايىدا تاپىدۇ ۋە پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلايدۇ.
====================================================

(5) قىزىل رەڭدە بويالغان گۇمانلىق سۆزلەرنى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ ياردىمىدە تەكشۈرۈپ باقايلى، يۇقىرىقى رەسىمدىن قورال ئىستونىدىن «قول سېلىپ تەكشۈرۈش»نى تاللايمىز.
=======================================================

(6) قىزىل رەڭدە بويالغان گۇمانلىق سۆزلەرنى تەكشۈرگەندە، ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىن ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. يۇقىرىقى رەسىمگە قارىساق بۇ سۆزنىڭ ئەڭ توغرىسىنى دەلمۇدەل تېپىپ بەرگەن. خاتالىق 1 ياكى 2 ھەرپتىن ئېشىپ كەتمىگەندە نامزات سۆزلەر تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ.
=======================================================

(7) بۇ رەسىمدىكى گۇمانلىق سۆز «غورۇرىنىڭ» غا ماس كەلگەن نامزات سۆزلەرگە قاراپ بېقىڭ. ئەڭ ماس كېلىدىغانلىرىنى يەنىلا ئەڭ ئالدىغا تىزىپ بەرگەن. بۇ يەردە ئەمەلىيەتتە بەك مۇرەككەپ ھېسابلاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ. ئەمما سىز مۇشۇنداق راھەت كوررېكتورلۇق قىلىسىز، بەزى نامزات سۆزلەرنى ئاۋۇ جۈملىلەردىكى گۇمانلىق سۆزنىڭ ئورنىغا قويسىڭىز تېخى كۈلكىلىك جۈملىلەرگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق خۇشال-خۇرام ئىشلەيسىز، بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى كوررېكتورلۇق خىزمىتىدەك زېرىكىشلىك ئەمەس. نەچچە قېتىم ئىشلەتسىڭىز، سىزمۇ پىشقان تەجرىبىلىك كوررېكتوردىن قېلىشمايدىغان بولىسىز. بۇ دېتالنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىدا بىز 10 يىلدىن ئارتۇق قان-تەر سىڭدۈردۇق. بۇ جاپانى ئۆزىمىزلا بىلىپ قالايلى بولدى.
==============

(8) بۇ رەسىمدە ئاۋۇ گۇمانلىق سۆز «قۇرقىدۇ»غا قاراپ قالماڭ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى يېشىل رەڭگە بوياپ قويۇلغان «دېگەندەك» دېگەن سۆزگە دىققەت بىلەن قاراڭ. «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى ئۆزى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئەسلى سۆز «دىگەندەك» ئىدى. ئادەتتىكى ئەھۋالدا %30 سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرەلەيدۇ. ھەي، مۇمكىن بولسا، يەنىمۇ بىر كۈچەپ باقساڭلار پۈتۈن بىر ماقالىنى %100 ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەرسە-ھە؟ بۇنداق قىلساق بارلىق كوررېكتورلار بىزنى قارغىۋېتەر، لېكىن خاتىرجەم بولۇڭ %100 ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيدۇ. لېكىن %60 ئاپتوماتىك توغرىلاش مېنىڭچە مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە نەچچە يىل ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
===============

(9) قېنى %30 بولسىمۇ ئالدى بىلەن ئاپتوماتىك توغرىلاپ باقسۇن، بەزىلەرنىڭ ئىشەنمىگەن چېغى بار. ئۇنداقتا ئۈستىدىكى رەسىمگە قاراڭ، ئاپتوماتىك كوررېكتورلۇق دېگەننى چېكىپ بېقىڭ.
==============================================

(10) ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدىغان بارلىق سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەردى. ئۈستىدىكى رەسىمدىكى بارلىق يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ. سىزمۇ بەلكىم مۇشۇنداق خاتا يازامسىز تېخى. %30 دېگەن بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ. ئالىم مۇئەللىم مۇشۇنداق زىيادە كەمتەر بولۇۋېلىپ، 10 يىللىق بۇنداق ياخشى مەھسۇلاتنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە بىلدۈرۈپ بولالمىدى. چۈنكى نۇرغۇن ئادەم يەنىلا ئەلكاتىپ ياكى ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىنىلا بىلىدۇ.
==========================================

(11) ئەمدى «ئاپتوماتىك توغرىلاش»نى چەكسىڭىز، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان سۆزلەردىن بىرسىمۇ قالمىدى، باشقا قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى نامزات سۆزلەر ئارقىلىق توغرىلىسىڭىز بولىدۇ.
===========================================

(12) يۇقىرىقى رەسىمدە سېرىق رەڭدە بويالغانلار ئۇيغۇرچە سۆز بولمىسا، قانداق خاتالىقلاردۇر؟ ئۇنداقتا قورال تىزىملىكىدىن «تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش» دېگەننى بېسىپ باقايلى
======================================

(13) ئەمەلىيەتتە تىنىش بەلگىلەر مۇۋاپىق بولمىغان بولۇپ، ئاپتوماتىك توغرىلاپ بەردى، يېشىل تەگلىك رەڭدە بويالغان جايلارغا قاراڭ. لېكىن تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك قويۇپ بەرمەيدۇ ئەلۋەتتە، سۆزلەرنىمۇ ئاپتوماتىك پەيدا قىلىپ قويۇپ بېرىدىغان ئىش بارمۇ يا؟ بۇ پەقەت تىنىش بەلگە ئالدى-كەينىدىكى خاتالىقلار، بوش ئورۇن، تەكرار بەلگە ئىشلىتىش،…دېگەندەك خاتالىقلارنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ. ماقالىڭىز تېخىمۇ پاكىزە ۋە رەتلىك چىقىدۇ.
========================

(14) ئەمدى يەنە بىر قېتىم تىنىش بەلگىلەرنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشنى تاللىسىڭىز، سېرىق رەڭدە بويىلىدىغان جايلار قالمىدى.
====================

(15) ئەمدى باشقا جايلارنى يەنى پۈتۈنلەي قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى پۈتۈنلەي قول سېلىپ كوررېكتورلۇق قىلىمىز.
===============================

(16) يۇقىرىدىكى ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات سۆزنى تاللاپ، قوش چەكسىڭىز ياكى «توغرىلاش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق سىزمۇ كوررېكتورلۇق قىلالايسىز.
=========================

(17) ناۋادا يۇقىرىدىكى سۆزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان نامزات سۆز چىقمىسا، ئۇنىڭ توغرىسىنى يېزىپ، «ئاپتوماتىك لۇغەتكە قوشۇش»نى تاللىسىڭىز، كېيىنكى قېتىم بۇنداق سۆزلەرگە يولۇققاندا، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىپ تاشلايدۇ.
========================================

(18) بۇنداق چەتئەلچە سۆزلەرنى نۇرغۇن ئادەملەر خاتا يازىدۇ، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئەمەلىيەتتە بۇنداق سۆزلەرگە بەك ئۇستا، بۇنداق سۆزلەرگە يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى تېخىمۇ دەل جايىدا تېپىپ بېرەلەيدۇ. ئۈستىدىكى سۆزلەر ئەكس سادا بولۇپ كېتىپتۇ، بىر تەكشۈرۈپ باقاي.
=================

(19) بۇنداق سۆزلەردىمۇ كىشىلەر ئوڭايلا خاتالىشىدۇ، چۈنكى 1985-يىلىدىكى ئىملا لۇغىتىدە «خاراپ» ئىدى، يەنە «كىتاپ»، «ھېساپ» دەپ يازاتتۇق. مەن دەل باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5-يىللىقىدا چىققان ئىملا قائىدىسى بولۇپ، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يازاتتۇق. 1997-يىلى چىققان ئىملا قائىدىسىدە بىردەم ئەرەبلەرنىڭ، بىردەم رۇسلارنىڭ كۆڭلىگە كەلمىسۇن دەپ شۇلارنىڭ تەلەپپۇزىنى ئۇيغۇرچە ھەرپ بىلەن يازىدىغان بولدۇق، شۇنداق قىلىپ «كىتاپ» ئەمەس «كىتاب»، «ھېساپ» ئەمەس «ھېساب» دەپ يازىدىغان بولدۇق، ئەمما ئەرەبچە «لىبىيە» دەپ يازماي ئۇيغۇرچە «لىۋىيە»، «كاتىب» دەپ يازماي «كاتىپ»، ئەمما «كاتىباتلار ئىشخانىسى» دەپ يازىدىغان، «فارس» ئەمەس «پارس» دەپ يازىدىغان بولدۇق، ئەمما 2011-يىلى يولغا قويۇلغان ئىملا قائىدىسىدە يەنە بىر قىسىم سۆزلەر مەسىلەن: رادىيو، بىيولوگىيە دېگەندەك سۆزلەر 1985-يىلىدىكى ئۇيغۇرچە ئىملاغا قايتۇرۇلدى، ئەمما بىر قىسىم سۆزلەر يەنە شۇ پېتى. بۇنداق ئۇماشنىڭ دەستىدىن نۇرغۇن كىشىلەر توغرا ئىملانى ھېچ بىلىپ بولالمايۋاتىدۇ. يات مىللەتنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ئويلاپ، ئۇيغۇرچە ئىملا قائىدىسى تۈزۈش بىزدىلا بار ئوخشايدۇ. سۆز قوبۇل قىلغاندا قاچانغىچە مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ، «كېلىڭ، مەرھەمەت» دەپ ئۆتىمىز. 2025-يىلىغا بارغاندا يەنە ئىملا ئۆزگەرتىدىغان ئىشنى قىلمايلى.
========================

(20) بەزىدە مۇشۇنداق نامزات سۆزلەر توغرا چىقماي قالسا، يامانلاپ قالماڭ، چۈنكى بۇ سۆز بەك كېلەڭسىز، ھازازۇل ئىكەن، بىزنىڭ ئامبىرىمىزدا بار ئەڭ يېقىن كېلىدىغان سۆز پەقەت شۇ ئىكەن، ئەمما ئاۋۇ نامزات سۆز ئىچىدىن بۇ سۆزنىڭ سۆز تومۇرىنىڭ توغرىلىقىنى بىلەلەيسىز، «-لاشقان» دېگەن قوشۇمچىنى ئۇلاپ باقسىڭىز مەسىلە يوق دېگەن گەپ. بۇنداق سۆزنى توغرا دەپ ئۆتكۈزۈۋەتسىڭىز بولىدۇ، ئامبارغا بۇنداق ھازازۇل سۆزلەرنى ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
====================

(21) ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدا 300 مىڭدىن ئارتۇق سۆزلۈك بار دەپ پو ئاتقان ئىدىڭلار، ماۋۇ «بۆشۈك» دېگەن نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ بېرەلمىدىغۇ-دەپ ئويلاۋاتىسىز ھەقاچان؟ ئەسلىي سۆزگە ئوبدان قاراپ بېقىڭ. «بۈشۇك» بىلەن «بۆشۈك»نىڭ پەرقىدە گەرچە ئىككى ھەرپتە خاتالىق كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يەنە بىر ھەرپ بار. ناۋادا بۇنىڭغا يول قويىدىغان بولسىڭىز، بۇنداق ئېھتىماللىقنى ئويلاپ بېقىڭ، بەك كۆپ نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، تاللاپ بولالماي ھېرىپ قالىسىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 2-3 سېكۇنت ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭغا سەۋر قىلىپ بولالمايسىز. شۇڭا ھەممە سۆزنى كۆرسىتىپ بەرسە كوررېكتورلۇق ئەمەس لۇغەت بولۇپ قالىدۇ.
=========================

(22) توغرىسى «بۈشۈك»مۇ ياكى «بۆشۈك»مۇ دەپ ئويلاپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى بۆشۈككە بۆلەپ باققان بىلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى دائىم «بۈشۈك» دەپ خاتا يازىدۇ. ئۇنداق قىلماڭلار، ھەممىمىز بۆشۈكتە چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئىملاسىنى توغرا يېزىڭلار. توغرا ئىملاسىنى «ئىملا لۇغىتى»مىزدىن ئىزدەپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى بۇ سۆزنىڭ توغرا ئىملاسى «بۆشۈك».

(23) بۆشۈك دېگەن توغرا ئىملاسىنى كىرگۈزۈپ، «توغرىلاش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېردا ئىملا توغرىلاش جەريانى دەل مۇشۇنداق بولىدۇ. ھەرگىزمۇ %100 توغرىلاپ بېرىدىغان ياكى %100 نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىش يوق.


(24) بۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئارايۈزى ئۇيغۇرچە بولۇپ، ئىشلىتىش تېخىمۇ ئوڭاي.

يۇقىرىقى ئەمەلىي تەجرىبە قىممەتتىن نېمىنى ھېس قىلدىڭلار؟ «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نىڭ لايىھەلىنىش باش پىرىنسىپى مۇنداق: ئامبارغا تېخى كىرمىگەن ھېلىقىدەك %5 سۆزلەرنى گۇمانلىق سۆز دەپ قارىسا مەيلىكىن لېكىن بىرەرمۇ خاتا سۆزنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك. لېكىن ئۇ %5 سۆزنى ھەل قىلىشنى ئاساسىي نىشان قىلمايمەن، ئارتۇق زېھنىمنى ئۇنى ھەل قىلىمەن دەپ جېدەللەشكەندىن كۆرە، ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىشكە بولىدىغان ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشقا كۈچەيمەن.

دۇنيادا ئىنسان قىلغان ئىشلار %100 بولمايدۇ. ئەمما بۇ بىزنىڭ تىرىشماسلىقىمىزنىڭ باھاسىنى بولالمايدۇ، بىز يەنە ھەر يىلى، ھەر ئايدا، ھەر ھەپتىدە مۇشۇنداق ئىشلار ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. 10 يىلدىن ئېشىپتۇ، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق ئىشلىتىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى گەرچە دۆلەت ئىچىدە كومپيۇتېر ساھەسىدە خەنزۇ تىل-يېزىقىدىن قالسا، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئەڭ ئالدىدا (خەلقئارادا ئالدىنقى 100 ھەتتا 50 نىڭ ئىچىدە) بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە ئىملادىكى مەسىلە بەكلا ئېغىر. ھەتتا چوڭ گېزىتلەردە، تېلېۋىزىيەدە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرچە سۆزلەردىمۇ ئېغىر خاتالىقلار بار. توردىكى ئۇيغۇرچە ماقالىلەرنى دېمەي تۇرايلى بولدى، يۈزىمىز قىزىرىپ قالمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى ئىملانى ياخشى ئۆگىنەيلى، توغرا ئىشلىتەيلى ۋە باشقىلارغا ئۆگىتەيلى. مۇشۇنداق بولغاندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقى تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
98 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىمجان مۇئەللىم، زاكات دېگەن غېرىپ غورۋالارغا بېرىلىدۇ. سىز دېگەن مىكروسوفتنىڭ دوللىرىنى ھەدەپ سۇغۇرۋاتقان تۇرسىڭىز، سىزگە زاكات دۇرۇس ئەمەسمىكىن دەيمەن (چاقچاق)، مېنىڭچە يەنىلا ھەقلىق بولغىنى مۇۋاپىق. بازاردىكى گازىر پۇرچاقنى پۇلغا ئالىمىز. ئەقىلنى پۇلغا ئالساق نېمىشقا بولمىغۇدەك؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:36
    • قېرىندىشىم، گەپ-سۆزنى ئويلىنىپراق قىلسىڭىز قانداق؟ چاقچاقنى كەلتۈرەلىسىڭىز قىلىڭ بولمىسا شۇ پېتى قالسۇن.ئالىم مۇئەللىم ھېچقاچان Microsoft دىن پۇل ئۈندۈرۋېلىش مەقسىتىدە بۇ ئىشلارنى قىلغىنى يوق. ئالىم مۇئەللىممۇ دېگەن ئەيني ۋاقتتا بىز خالىس قىلىپ بېرەيلى دېگەندە ئۇلار بىزگە پۇل كەم ئەمەس دەپتىكەن. چاقچانىمۇ ئويلىنىپ قىلىڭ.چاقچاق ئارىلاشتۇرۇپ پەتىۋا بەرمەڭ. بۇ دېگەنلىرىڭىزنىڭ قانچىلىك بىمەنە چاقچاق ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسىڭىز بۇنچە يەڭگىلتەكلىك قىلىپ چاقچاق قىلماس بولار ئىدىڭىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 18:19
    • مىكروسوفتتىكىلەرنىڭ پۇل بېرىشى مۇقەرەر ئىش . شۇنداق چوڭ شىركەت تۇرسا ئۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:32
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، مەزكۇر تىمىڭىزنى ۋە ئىنكاسلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقىپ ئاجايىپ ھاياجانلاندىم .
    ئىشلىرىڭىزغا ئۇلۇغ ئاللاھ بەرىكەت ئاتا قىلسۇن ، تىنىڭىزنىڭ ساق ئۆمرىڭىزنىڭ ئۇزۇن بولىشىغا نىسىپ قىلسۇن .
    ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ساھەسىگىلا ئەمەس ئۇيغۇر تىل – يىزىق ساھەسىگىمۇ قوشقان ئەجىرلىرىڭىز ئاز ئەمەس .
    كورىكتورنى تور بەتلەرنىڭ ئىملاسىنى توغۇرلىغىلى بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتكەنلىكىڭىز ئاجايىپ ئۇلۇغ ئىش بولدى ئەمدى تور يىزىقچىلىقىدىكى ئىملا مەسىلىسىمۇ ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى .
    سىزنىڭ مۇشۇ تۆھپىلىرىڭىز ئۈچۈن ئۆزۈم ۋە ماڭا ئوخشاش پىكىردىكىلەرگە ۋاكالىتەن چوڭقۇر تەشەككۈر بۈلدۈرىمەن.
    ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 23:05
  • كوررېكتور ھەقىقەتەن ياخشى ئىقتىدارلارنى ھازىرلاپتۇ . مەن مۇشۇ كىنو فىلىم تەرجىمە قىلىپ شۇ ئىشلارغا بىر تۇتۇش قىلاي دىگەن . سىلەردىن لۇغەت ، كوررېكتور دىگەندەك دىتاللارنى سىتىۋالاي دىگەن . ماڭا كۆپ خىل تىل لازىم ئەمەس . لىكىن سۆزلۈك كۆپ بولسا ياخشى بولاتتى . سۆزلۈكنىڭ ئاز كۆپلىكىدە كارخانا نۇسخىسىدىكىدەك . لىكىن تىلدا شەخسىيلەر نۇسخىسىدىكىدەك . شۇنداق قىلغىلى بولارمۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:43
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم
    بۇ كوررېكتور ئاخىر بازارغا سېلىنىپتۇ. بەكمۇ خۇش بولدۇم. تولا سوراپ كەتكەن ئىدى خېرىدارلار.
    مەن قارسىام ئىقتىدارى بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئىلغارلاشقاندەك تۇرىدۇ ھەم كېلىپ تىنىش بەلگىلەرنمۇ تۈزەپ بېرەلىگۈدەك. بىزنىڭ خەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغان باللارنىڭ شۇ تىنىش بەلگە ۋە ئارتۇق بوشلۇقلىرىنى قولدا ئوڭشاپ بەكلا جاپا تارتقان ئىدىم، ئەمدى ماۋۇنىڭدىن بىرنى ئىشلەتسەم ئۇ ئىشلارمۇ ئاسانلاشقۇدەك.
    ئاۋۇ تەھرىرلگۈچ قىسىمىغا قارىسام خەنزۇچە تىزىملىكلەر تۇرىدۇ. شۇنى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىشكە بولماسمۇ. بۇ دېتالنى خەنزۇلار ئىشلەتمەيدىغۇ دەيمەن. شۇڭا ئاشۇ تىزملىكلەرنى ئۇيغۇرچە قىلىۋېتىشكە بولماسمۇ. خەنزۇچە بىلىدىغانلارغۇ ئىشلىۋېرىمىز، بەزىدە خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارغىمۇ لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ… بۇنى ئويلىشىپ باققان بولسىلا بوپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:21
    • تېمىنى ئوقىسىڭىز « بۇ دېتال سىناق نۇسخسىسىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا كۆرۈنمە يۈزى خەنزۇچە قىلىندى » دېگەن بىې گەپ بار . بۇنى ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە قىلىپ بېرىدۇ . بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولۇڭ

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:28
      • ئالدىراپ كېتىپ ئۇ قۇرلارنى ئوقىمىدىممۇ نېمە مەن. سەت بوپتۇ. قايتا بىر ئوقاي

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 15:20
    • بۇنى سىناق قىلىۋاتقان ئىدىم، تەلىپىڭىز بويىچە ئالدىراپلا ئۇيغۇرچە ئارايۈزنى قوشۇپ قويدۇم، بۇ تېمىنى قايتا ئوقۇپ، ئەڭ ئاستىدىكى رەسىمگە قاراڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 15:01
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ئۇستازلار ماڭا ھەقلىق بولسىمۇ بىر ياردەم قىلساڭلا،مەن ۋىن8نى بىر ئاي بولدى نۇرمال ئاكتىپلاپ ئشلىتىپ كىلۋاتقان،تۆت كۇن بولدى پەقەتلا ئاكتىپلىيالمىدىم،ھەممە ئامالنى قىپ باقتىم بولمىدى،ئەمدى شۇ مىكروسوفىتقا تىلفۇن قىلپ ئاكتىپلاپ بېردىغانلار بولسا بۇ كىيۇ كىيۇ نۇمۇرۇمنى1085128800 قۇشۇپ ،ئاكتىپلاپ بەرسەڭلا،مەن خەنزۇچىنى پەقەتلا بىلمەيمەن،مىنى قوشقاندا،ئاكتىپلاش دەپ قۇشۇڭلار،ئۇستازلا

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 01:10
  • ئالىم ئاكا ھازىرمۇشۇ ھەرخىل مەشخۇلات سېستىمىلىرىدا ئاۋازلىق .مەشخۇلات قىلىش ئەۋجە ئېلىپ كىتىپ بارىدۇ .شۇڭا بوسا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ شۇنداق قىلغىلى بولامۇ .دىمەكچى مەنكى ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق مەشخۇلاتنىمۇ يانفونلار تونىسىكەن دەيمەن .مەسلەن ئالما سىرىي دىگەندەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 20:45
    • ئەلۋەتتە قىلغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ پۇل كېتىدۇ، ئىشلەش ئۈچۈن كۆپ ئادەم كەتمىسىمۇ، لېكىن نەچچە يۈزمىڭ مىنۇتلۇق تېلېفون خاتىرىسى كېرەك بولىدۇ، بۇنى تېلېگىراف ئىدارىسى بىزگە بېرەمدۇ؟ ساتىمەن دېسە بۇ پۇلنى كىم چىقىرىدۇ؟
      ئەڭ ياخشى ئامال ئالدى بىلەن ماۋۇ Windows (ئۇيغۇرچە تىل بولىقى) كەڭ ئومۇملاشسۇن، Microsoft بۇ يەردىن تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا ئىشەنچىسى ئاشقاندا، Windows نىڭ ئىچىدە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى بار، ئۇلار بۇ مەسىلىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:28
      • مەن بەش يىلنىڭ ئالدىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىنىمدا، فىزىكا فاكۇلتېتىدا ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش تەجرىبىسى ئىشلەۋېتىپتىكەن، مەنمۇ بەش بەت ئورگىنال ئوقۇپ، ئاۋاز بەرگەن، مۇشۇ ئىشلار قانداق بولۇپ كەتكەندۇ، بىلسىڭىز ئۇچۇر بەرگەن بولسىڭىز بوپتىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 12:37
        • بىلمىدىم، پۈتكەن بولسا ئېلان قىلار ئىدى، مۇكەممەل كوررېكتور بولماي تۇرۇپ، ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش، OCR تېخنىكىلىرىدا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، پەقەت تار دائىرىدە چەكلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:14
      • ئالمىنىڭ siri ئاۋازلىق ياردەمچىسىمۇ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى ، بىزنىڭ ئاۋازلىق ياردەمچى تېخنىكىمىز تېزراق بارلىققا كېلىپ تەرەققىي قىلسا بولاتتى ، ئالدىنقى ئايدا دىلشات مۇئەللىم ، ھۇشۇر ئىسلام مۇئەللىم ۋە سىز يىغىلغاندا بۇ توغرىلىق سۆھبەتلەشتۇق دېگەنتىڭىز ، ئىشلىرىڭلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنى تىلەيمەن .

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:03
  • ئالىم مۇئەللىم، يېڭى ئىملا قائىدىسىدە ئە تاۋۇشىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئەمەلدىن قاپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم. بۇ راستمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:59
    • پەقەت تۈپ سۆزى «-ىيە» بىلەن ئاخىرلاشقان بولسا شۇنداق بولدى، مەسىلەن: ئاجىزلاشماي يېزىلدىغانلىرى ئارمىيەسى، پارتىيەسى، ناھىيەسى،…دېگەندەك باشقىلىرى يەنە جىم

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 22:35
    • ئىملانى نىمانداق تۇلا ئۆزگەرتىدىغاندۇ ؟؟ ناھيىمىز ، خېلى …. دەيتتۇق ئەمدى ناھىيەمىز ، خېلە دەمدىكەنمىز ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى am 09:25
    • تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالدا «ئە» تاۋۇشى «ئى» غا ئاجىزلاشمايدۇ:
      1) ئاخىرىقى «ئە» لىك سۆزلەرنىڭ ئۇرغۇسى يېڭى قوشۇلغان مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلارغا يۆتكەلمىسە، «ئە» تاۋۇشى ئاجىزلاشمايدۇ. مەسىلەن:
      تەۋە+سى= تەۋاسى
      شىرە+سى= شىرەسى
      قىتئە+سى= قىتئەسى
      ۋەقە+سى= ۋەقەسى

      2) «-ىيە» بىلەن ئاخىرلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا بوغۇم ئاخىرىسىدىكى «ئە» ئاجىزلاشتۇرۇلمايدۇ. مەسىلەن:
      ئارمىيە+سى= ئارمىيەسى
      پارتىيە+سى= پارتىيەسى

      «خېلى» دېگەن سۆزنى ھېچكىم «خېلە» دەپ تەلەپپۇز قىلمايدىغاندۇ؟….
      مېنىڭچە بۇ قېتىمقى ئىملا ئۆزگەرتىشتە بۇ تارماقنى خېلى ياخشى تۈزتۈپتۇ. (لېكىن بۇ مېنىڭ دائىم ئىملا ئۆزگەرتىش كېسىلىنى قوللىغىنىم ئەمەس.) بىز ئاۋۋال ئىملانى ئۆزىمىز ياخشى ئىگەللىساك، باشقىلارنى ئىملانى ئۆزگەرتىمەن دېسە، ئۆز ئاساسىمىز بىلەن ئۇلارغا رەدىيە بەرسەك بولىدۇ. بولمىسا بىز ئۆزىمىزنى تۈزەتمىسەك، ھېچكىم بىزنى توغرىلاپ قويمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:09
  • تىل يېزىقىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئانا تىل مۇھاببىتىنى كۈچەيتىش ۋە تىلىمىزنىڭ گىرامماتىكىسنى ياخشى تەتقىق قىلىش كىرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:25
  • سالام ئالىم مۇئەللىم،ئاۋۇ ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچكە بىلەت تاشلاش دىگەن تىمىدا ئاۋۇ توربەتكە كىرىپ قارىسىڭىز ،مىكروسوفىت 2 بىلەت تاشلىغان تىمىنى قۇبۇل قىپتۇ. Add File Manager to Windows Phone بىلەن Store apps & attachments on e دىگەننى. ئاستىدا This request was mistakenly marked as completed دەپ بار ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 10:29
  • مېنىڭچىمۇ ئۇيغۇر سوفىتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى مۇكەممەلرەك,مېنىڭچە بولغاندا باشقىلار يەنە كوررىكتورنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا كۈچەيمەن دېمەي ھەمكارلىشىپ بىرئىش قىلىشنى ئويلىشىپ باقسا دەپ ئويلايمەن . مەسىلەن نۇرقۇت ئۇيغۇر سوفىت بىلەن ھەمكارلىشىپ،سۆزلۈك ئامبىرىنى ئورتاق ئىشلىتىپ دىسكازلام ئەمەس بارىلىق تور يۈزىگە ماس كېلىدىغان تور كوررىكتورى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ باقسا ، ئۇيغۇرسوفىت بولسا ھەرخىل يۇمشاق دېتاللارغا سەپلەشكە بولىدىغان (ئىشخانا يۇمشاق دېتاللېرى ۋە باشقا دېتاللار) كوررىكتور ئۈستىدە ئىشلەپ باقسا، قارلۇق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئالما كومپىيۇتېرىدېمۇ خىزمەت قىلالايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزلسە دېگەندەك…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 06:44
    • ياخشى تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەھمەت! ھازىر تور بېكەتلەرنىڭ ئىملا خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پىروگرامما ئىشلەۋاتىمەن، بۇنى يەنە تور يۈزىدە ئىملا تەكشۈرۈشكە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، باشقا تور بېكەت قۇرغۇچىلىرى ئىشلىتىمەن دېسە، ئىشلىتىش ئېغىزىنى تەمىنلەپ بەرسەم، 5 مىنۇت ئىچىدە تور بېكىتىگە ئىملا قىستۇرمىسى قىلىپ قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇنى يەنە Android, iOS قاتارلىق سۇپىلارغا كېڭەيتىشكە بولىدۇ، سۇپا تاللىمايدۇ. ئىشلىتىمەن دېسە مەن تەييار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 07:52
      • ما گېپىڭىزنىڭ جېنى بار ،

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 09:40
      • ئانداق بولسا مەن ئىشلىتەي قۇتيارغا ۋە تەرجىمە فىلىم مۇنبىرىگە.
        قانداق تەلەپلەر بار مەن ئورۇندايدىغان. جاۋابلىرىغا ئوتتەك تەشنا ئەمىسە مەن ھە ئالىم مۇئەللىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 18:23
      • مۇشۇ توربەتنىڭ چىراي ئىپادىسى ، تىللا ، تەڭگە دىگەندەك نەرسىلىرى يوق ، يا بۇيەردە ناۋات يوق ئىغىزلىرىغا بىر ئاتاي دىسەم . (ئىغىزىنى تۇتۇپ كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:57
    • مەنمۇ مۇشۇ پىكىرنى قوللايمەن ، مەسىلەن ھازىرقى ئەھۋالدا سۆزلۈك ئامبىرىغا نىسبەتەن ھەممىسىنىڭ توپلىماقچى بولغىنى بىر تىلنىڭ سۆزلۈك ئامبىرى بولغاندىكىن بىرلىشىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغىنى تۈزۈوك . ئاددىسى ھازىر نۇرقۇت تورىدىمۇ مۇئەييەن سۆزلۈك ئامبىرى بار ئەمما ئۇ ئامبار چىرىكلىك ئەۋىج ئالغان ئەلدە پاكلىق گۇناھتۇر دىگەندەك بىرتوپ كىشىلەر خاتا يازغان سۆزنى توغرا سۆز دەپ ھېسابلاپ توغرا يىزىلغىنىنى ئىملاسى توغىرلانغان سۆز قىلىپ قويىدىكەن.
      يەنە ئۇنىڭدىن باشقىمۇ بىرمۇنچە مەسىلىلەر ساقلانغان بولىشى مومكىن ، شۇڭا ئىقتىساسلىقلار توپلىنىپ بىر لىكتە ئىش قىلغىنى ياخشى ئۇنىڭدا پەرىق ۋە خاتالىق سەل ئازراق بولىدۇ . ئىش سەل پۇختىراق بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 22:56
  • سىزنىڭ قوللىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن، ئالىم ئاكا.. تاپقان دەردىڭىزنى سىز ۋە سىزنىڭ گۇرۇپىڭىزدىكى كىشلەر بىلىدۇ، ئەمما ھالاۋىتىنى بىز سۈرىۋاتىمىز.. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:56
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇر كومپىيۇتېر ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ قوشۇۋاتقانلارغا ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بولسۇن.
    ياخشى كىشىلەرگە سالام يوللىماسلىققا كۆڭۈل قويمىدى. بۈگۈن گۈدۈكتە بۇ ئۇلانمىنى كۆرۈپ كىرىشىم. ئالىم مۇئەللىمنىڭ تەسىر دائىرىسگە بېقىپو مەزكۇر بلوگدا يازمىلارنى ئاز ھىس قىلدىم، (ئەلبەتتە بىز خەق مۇشۇنداق، كىمدىن جىق نەرسە چىقسا شۇنىڭدىن جىق نەرسە كۈتىمىز) گۈدۈكتىكى ئاكونتىغىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان بىر نەرسىمۇ يوللانماپتۇ… ئەسلىدە گۈدۈككىمۇ خېلى كۆپ كومپىيۇتېرچى يىغىلىپ قالغان ئىدى. ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ بلوگىغا گۈدۈك قىستۇرمىسى قىلىۋالغان بولسا بىزمۇ يېڭىلىقتىن تېزراق بەھرىمەن بولغان، بلوگمۇ يېڭىلىق ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان بىر مەنبەگە ئىگە بولار ئىكەن.
    خەنزۇلاردا بىر ئادەمنىڭ تەسىرىنى بىلوگىغا ئەگەشكەن ئادەم بىلەن ئۆلچەيدىغان ئىش بار، ئالىم مۇئەللىم شىنجاڭدىكى مەشھۇر كومپىيۇتېرچىلارنىڭ بىرى بولغاندىكىن مىكرو بىلوگىغا نەچچە يۈزمىڭ ئادەم ئەگەشسىمۇ ئازلىق قىلاتتى… بۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان تەسىر كۈچ بولاتتى ئەلبەتتە. مەزكۇر بلوگدا يېڭىلىقلارنىڭ تېز يۈز بېرىپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:09
    • خەنزۇلاردا بىر ئادەمنىڭ تەسىرىنى بىلوگىغا ئەگەشكەن ئادەم بىلەن ئۆلچەيدىغان ئىش بار،
      =============
      مەن ئۇيغۇر بولغاچقا، بۇنداق ئىشلارغا قىزىقمايمەن. مەن ئىمكان بار ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر ئاز قاتنىشىپ، ئۈزۈمنىڭ ئىزدىنىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرمىسام بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى am 07:54
  • ئالىم مۇئەللىم مەن Office2013نىڭ ھەقلىق نۇسخسنى سېتىۋىلىپ قاچىلىغان ئىدىم. ھەمدە ئۇيغۇرچە تىل بولقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان . تۆۋەندىكى ئەھۋال تەرجىمىدىكى خاتالىققا تەۋە بولامدۇ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا تەرجىمە قىلغانلارغا يەتكۈزۈپ قويالاسىزمۇ؟
    Excel2013دە كاتەكچىنىڭ ئۈسىتدە مائۇسنىڭ ئوڭ كونۇپكىسىنى چەككەندە كۆرۈنىدىغان تىزىملىكتىكى «كاتەكچە پىچىم تەڭشىكى» (خەنزۇچىسى 设置单元格格式 ) نى تاللىغاندا كۆرۈنىدىغان كۆزنەكنىڭ ئىسمى «كاتەكچە ئەندىزىلەش» دەپ كۆرۈنىدىكەن.
    مېنىڭچە بولغاندا بۇيرۇق بىلەن ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ نامى ئوخشاش بۇلۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. 格式 (format) دېگەن سۆز ئىككى خىل تەرجىمە قىلىنىپ قالدىمۇ قانداق؟ ھېچ بولمىغاندا تاللىغان بۇيرۇق بىلەن ئېچىلغان كۆزنەكنىڭ نامى ئوخشاش بۇلۇش كېرەكقۇ دەيمەن.لېكىن كۆپ جايلاردا ئەندىزە دەپ تەرجىمە قىلىنىپتىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:00
  • ياخشى ئىش بۇلاپتۇ مۇئەللىم . تىرىشقايلا .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:52
  • يەنە سوراپ باقسام . سىلەرنىڭ ئىشلەتمەكچى بولغىنىڭلار مىكروسوفىتنىڭ Windows azureتېخنىكىسىمۇ ؟ ياكى hadoop توپ ھېساپلاش تېخنىكىسمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:38
    • ھازىرچە دېسەم بولمايدۇ. ئەمما ئەڭ يېڭى بۇلۇت تېخنىكىسى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:10
    • بەلكىم ئالى بابا ياكى تىڭشۇن.ئاۋۇ ئىككىسى بەزىدە تامنىڭ سىرتىدا قىلىپمۇ قالىدۇ،يەنە كىلىپ دولەت ئىچىدە cdnنى يوق. ئۇيغۇر سوفىت ئاساسلىق شىنجاڭدىكى ئابونتلارنى ئاساس قىلغاندىن كىيىن بەلكىم ئىچكىرىدىكى مۇشۇ ئىككىسىنى تاللاپ قىلىشى مۇمكىن.چەتئەلنىڭ ياخشى بولغىنى بىلەن ئىچىكىر ئولكىدە تىزلەتكۇچ مۇلازىمىتىرى يوق، شىنجاڭدىكى تورداشلارنىڭ تور سۇرئىتنى ئويلاشسا يەنىلا مۇشۇلار بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 12:14