نۇرغۇن كىشىلەر قوينىڭ بۆرىكى قاتارلىق بەزى يىمەكلىكلەر جىنسىي قابىلىيەتنى كۈچەيتسە، ئاشكۆكى قاتارلىق بىر قىسىم يىمەكلىكلەر جىنسىي قابىلىيەتنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كۆز قاراشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئەلۋەتتە، ئادەمنىڭ ئۇنىۋېرسال سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولغاندا جىنسىي ئىپادىسىمۇ مۇناسىپ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر، ۋېتامىنلىق يىمەكلىكلەر، تالالىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش؛ ماي، تاتلىق- تۇرۇم ، ئۇن- گۈرۈچ تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى نىسپىي ئازراق ئىستىمال قىلىش جىنسىي ئىپادىنىڭ ياخشىراق نامايەن قىلىنىشىدا ئاكتىپ رول ئوينىشى مۇمكىن. ئاقسىللىق يىمەكلىكلەر سۈت، تۇخۇم، گۆش قاتارلىق ھايۋانات تېنىدىن كەلگەن يىمەكلىكلەردە مول بولىدۇ. ۋېتامىنلار ھەرخىل سەي- كۆكتات، مىۋە- چىۋىلەر تەركىبىدە مول بولىدۇ. تالالىق يىمەكلىكلەر قوناق قاتارلىق قارا ئاشلىق تەركىبىدە كۆپرەك بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، سەي-كۆكتاتلارنى ئامال بار خامراق يىيىش لازىم. ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەركۈنى مۇۋاپىق مىقداردا قېتىق، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلىپ تۇرۇش كېرەك. يىمەكلىك تەركىبىدىكى كالتسىينىڭ ياخشىراق سۈمۈرۈلۈشى ئۈچۈن كۆپرەك ئاپتاپقا قاقلىنىش كېرەك.
كۇرۇپ قۇيۇشقا تېگىشلىك جىنسى ساۋات
ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ تولماسلىقىنىڭ 5 خىل سەۋەبى
قىزلاردا ئادەت بالدۇر كەلسە، دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرى چوڭ بولىدۇ
ئانالىزىم ھەققىدە (قولدا لەززەتلىنىش)
جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە سالامەتلىك
ئېغىز زىناسى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەر
قىزلىق پەردە ھەققىدە
جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى
مەنى تېز كېتىش
توي-تۆكۈن توغرىسىدا
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمنى نابۇت قىلغان چۇمادۇ
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
