جەمئىيەتتە قېرىشنى چۆرىدىگەن نۇرغۇن ئىشەنچسىز قاراشلار ئېقىپ يۈرمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئون خاتا قاراش كىشىنى ئاسانلا ئىشەندۈرۈپ قويىدۇ.
1. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئورۇقلاش قىيىنلىشىدۇ
بەدەننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، مېتابولىزم سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. لېكىن بۇ سەۋەبلىك ئورۇقلاش جەريانىدا يولۇققان قىيىنچىلىقلارنى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىڭىز مايسىزراق ياكى تۆۋەن ئېنېرگىيەلىك بولمىسا ئورۇقلاشتا تەبىئىي ھالدا قىيىنچىلىققا ئۇچرايسىز. تۆۋەن كاربونلۇق يېمەك - ئىچمەك قۇرۇلمىسى ئورۇقلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ياشانغانلار ئىستېمال قىلىدىغان بىر قىسىم رېتسېپ دورىلىرى كۆپىنچە ھاللاردا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئارتىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
2. چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ ئىشلىتىش، مەسىلەن: چاچ يىلىمى(摩丝)، چاچ مېيى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىشلىتىش، چاچنىڭ چۈرۈكلىشىشىنى ۋە چاچنىڭ مايلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن ھەرگىزمۇ چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. چاچنىڭ ئۆسۈشى چاچ خالتىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرى باش تېرىسىنىڭ ئىچكى قىسمىغا سىڭىپ كىرەلمەيدۇ، شۇنداقلا چاچنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. لېكىن ساغلام چاچقا ئىگە بولۇش ۋە كۆڭۈلدىكىدەك چاچ پاسونىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش مەھسۇلاتلىرىنى ئەڭ تۆۋەن مىقداردا ئىشلەتكەن ياخشى.
3. چاچ چۈشۈش بىلەن ئانا گېنى مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ
ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ چاچ چۈشۈشىنى گېن بەلگىلەيدۇ. لېكىن چاچ چۈشۈش بىلەن ئانا گېنى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بار دېيىش خاتا. گەرچە تاقىرباش بولۇپ قېلىش خەۋپى بىلەن ئىرسىيەت مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي سەۋەبنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، يەنىلا ئاتا - ئانا ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلە تارىخىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن ئانىغا ئارتىپ قويۇشقا بولمايدۇ.
4. 50 ياشتىن ئاشقانلار ئەڭ ياخشىسى تۆۋەن كۈچىنىشلىك چېنىقىش ئېلىپ بېرىشى كېرەك
ھەر قانداق شەكىلدىكى ھەرىكەت بەدەن ساغلاملىقىغا ئوخشاشلا پايدىلىق. بۇ ھۇرۇنلۇق بىلەن تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرغاندىن يۈز ھەسسە ياخشى. نۇرغۇن كىشى 50 ياشتىن ئاشقانلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، يۇقىرى كۈچىنىشلىك چېنىقىش بەدەنگە زىيانلىق دەپ ئەندىشە قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بەدەن چېنىقتۇرماسلىق ساغلاملىقنى ئاسانلا زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. چۈنكى بەدەن چېنىقتۇرغاندا يۈرەك قان - تومۇرلارنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. يۈرەك كېسىلى ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشقا ياردىمى بولىدۇ. مەسىلەن: قەنت كېسىلى قاتارلىقلار. يەنە ئورۇقلاشقىمۇ ياردەم بېرىدۇ.
5. قۇۋۋەت دورىلىرىنى ئىستېمال قىلغاندا، قېرىشنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ
ئامېرىكىدا ھەر يىلى بازاردىكى ساغلاملىق قۇۋۋەت دورىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنىپ، قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ ئاتالمىش «ساغلاملىق بۇلىقى» ئوبرازى يارىتىلىدۇ. لېكىن تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ھەر قانداق قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ دېيىلگەن قۇۋۋەت دورىسىدا قايىل قىلارلىق ئىسپاتلار ناھايىتى كەمچىل ئىكەن. ۋىتامىن، ئېنزىم ۋە باشقا قۇۋۋەت دورىلىرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىش بىلەن ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش يوق. بۇ خىل دورىلارنىڭ تەسىرى گۇماننى قوزغىغاندىن سىرت، كۆپ خىل قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىلىرىنى قەرەللىك ئىستېمال قىلىشنىڭ بىخەتەرلىكىمۇ كىشىنى گۇمانلاندۇرىدۇ. بەدەن ئېھتىياجلىق ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى قوبۇل قىلىش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىڭىز، ھەرگىزمۇ قۇۋۋەت دورىلىرىغا تايىنىۋالماسلىقىڭىز لازىم.
6. مۇسكۇل زەخىملىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ
كىشىلەر ئادەم 40 ياشقا بارغاندا مۇسكۇل زەخىملىنىش تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، بۇ ساقلانغىلى بولمايدىغان ئەھۋال، دەپ قارايدۇ. كانادا تەتقىقاتچىلىرى 53 ياشتىن 75 ياشقىچە بولغان دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ئوتتۇرا ياشلىقلار بىلەن ئوخشاش ياشتىكى ئۇزاق ئولتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن كىشىلەرنى سېلىشتۇرۇپ ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 40 ياشتىن كېيىن پەيدا بولغان مۇسكۇل خوراش ئۇزاق ئولتۇرۇش ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، ھەرگىزمۇ قېرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولمايدىكەن.
7. قىشتا ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش ھاجەتسىز
بۇلۇتلۇق كۈنلەردىمۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇر رادىياتسىيەسى يەنىلا يەر شارىغا يېتىپ كېلەلەيدۇ ۋە تېرىمىزدىن ئۆتەلەيدۇ، بالدۇر قېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياز پەسلىگە سېلىشتۇرغاندا، باشقا پەسىللەردىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرغا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشىمىز لازىم. تېرە راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كىشىلەر كۈندە SPF30 ئاپتاپتىن ساقلاش مەلھىمىنى ئىشلىتىشى لازىم، بۇ يامغۇرلۇق ۋە ھاۋا تۇتۇق كۈنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
8. تېرىسى ئاق كىشىلەرنىڭ قېرىشى تېز بولىدۇ
بۈگۈنگە قەدەر دوختۇر ۋە ئالىملار تېرىسى ئاق كىشىلەرنىڭ قېرىش سۈرئىتى تېرىسى نىسبەتەن قارا كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپاتنى بايقىغىنى يوق.
تېرە قانچىكى قارا بولسا بەدەندىكى قارا پىگمېنتنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. تېرىنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ ئاپتاپتا كۆيۈش خەۋپىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. نىسبەتەن ئاق تېرە دائىم دېگۈدەك قۇرغاق كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئىنچىكە قورۇق ۋە قورۇقلار پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى ئېشىپ بارىدۇ. ئەگەر تېرىڭىز ناھايىتى تاتىراڭغۇ بولسا سۇ تولۇقلاپ بېرىشىڭىز ۋە ئاپتاپتىن ساقلىنىش مەلھىمى ئىشلىتىشىڭىز لازىم. سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش باش كىيىمى كېيىشىڭىز لازىم.
9. سۇ تولۇقلاش مەھسۇلاتى ئەكسىچە تېرىنىڭ قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، نۆۋەتتە ھېچقانداق تېرە ئاسراش مەھسۇلاتى تېرىمىزنىڭ «ۋاقىت ساياھىتى»دىكى ياش ھالىتىگە كەلتۈرۈش رولىنى ئۆتېيەلمەيدىكەن. ناھايىتى قالتىس سۇ تولۇقلاش مەھسۇلاتى ۋە قان پىلازمىسى بولغان تەقدىردىمۇ پەقەتلا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنىلا ئوينايدىكەن. سىرتقى تېرە قىسمىنى قارىماققا پاكىز ۋە نەم كۆرسىتىپ، سۇ تولۇقلايدىكەن. قۇرغاقلىشىشنى تۆۋەنلىتىدىكەن، يۈز قىسمىدىكى ئىنچىكە قورۇقلارنى ئازايتىش بىلەن بىللە، كۆز ئەتراپىدىكى ئىنچىكە قورۇقلارنى سۇسلاشتۇرىدىكەن.
10. ئىرسىيەت قېرىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ
قېرىش مەسىلىسىگە ئائىت ئەڭ چوڭ خاتالىق «ئىرسىيەت ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە قېرىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ» دېگەن قاراش. گەرچە ئاتا - ئانىدىن كەلگەن ئىرسىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بەدەندىكى توقۇلمىلارغا تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لېكىن قېرىش جەريانىدا سىرتقى ئامىل ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۆز بەدىنىمىزنى تىرىشىپ كونترول قىلىش ئارقىلىق، قارىماققا تېخىمۇ ياش كۆرسىتەلەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ. قېرىش سۈرئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىت ئامىللىرىنىڭ بەدەننى زەخىملەندۈرۈشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، بىۋاسىتە قۇياش بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئازايتىشىمىز، مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى ساقلىشىمىز، چېنىقىشنى كۈچەيتىشىمىز، بۇلغانما ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئازايتىشىمىز لازىم.
ئامانگۈل تۇرسۇن تەرجىمىسى