• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئاق ئالۋاستىىڭ ئازابى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-02
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    (‹‹ئا›› ھەرپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنى)Zn0ئاقيول تور بىكىتى

        ئاسىم ئابلىز ئاخۇننىڭ ئارزۇلۇق ئاسراندىسى. ئاسىمنىڭ ئاجايىپ ئاقىللىقلىقى ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى ئاشۇراتتى. ئابلىز ئاخۇنمۇ ئاسىمغا ئاكا-ئاچىلىرىدىن ئارتۇق ئامراق،ئايالى ئايشەمخانمۇ ئامراقلىقىدىن ئاجايىپ ئارزۇلايتتى. Zn0ئاقيول تور بىكىتى

        ئابلىز ئاخۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاسىمنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئاخىرىغىچە ئاسىمنىڭ ئارزۇلىغىنىدىن ئاشۇرۇپراق ئاقلايتتى.ئاسىمنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى ئايلارنىڭ ئاۋۇشىدا ئاۋۋالقىدىنمۇ ئاۋۇپ، ئاچكۆز ئادەمگە ئايلاندى.Zn0ئاقيول تور بىكىتى

        ئاسىمنىڭ ئادىل،ئابدىمەمەت ئاتلىق ئاغىنىلىرى ئاخشاملىرى ئادەملەرنى ئاق ئالۋاستىدا ئالداپ ئاقچا ئالاتتى. ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازابىدا ئارام ئالالمىغان ئادەملەر ئامالسىز ئاق ئالۋاستىنى ئاتا-ئانا،ئاكا-ئاچىلىرىنى ئازابلاپ ئالغان ئاقچىلىرىغا ئالاتتى. ئادىل،ئابدىمەمەتلەر ئاشۇنداق ئاچكۆزلىكىدە ئادەملەرنى ئازابلاپ، ئاچكۆزلۈكى ئارام ئالسا،ئارزۇ-ئارمانلىرى ئازراق ئازلايتتى.Zn0ئاقيول تور بىكىتى

         ئادىل،ئابدىمەمەتلەر ئاخىر ئاسىمنىمۇ ئالداپ ئاق ئالۋاستىنى ئاغزىغا ئالدۇردى،ئاق ئالۋاستى ئاسىمنى ئارىغا ئالدى. ئاسىم ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازدۇرىشىدا ئائىلىسىگە ئاجايىپ ئاپەتلەرنى ئاپىرىپ،ئايالى ئايگۈلنى ئازاپلاپ ئايلاندۇردى. ئاسىم ئايگۈلگە ئاتا-ئانىسى ئالغان ئالتۇنلارنى ئاپىرىپ ئاق ئالۋاستىغا ئالماشتۇردى. ئايگۈل ئاسىمنىڭ ئازابلىرىدىن ئارام ئالالماي، ئاتا-ئانىسىغا ئاشكارىلاپ ئاسىمدىن ئاجراشتى. ئاسىم ئايگۈلدىن ئاجرىشىپ ئاتا-ئانا،ئاكا-ئاچىلىرىنىڭ ئالتۇن-ئاقچىلىرىنى ئاق ئالۋاستىغا ئالماشتۇردى. ئابلىز ئاخۇننىڭ ئائىلىسىنى ئارزۇلۇق ئاسراندىسى ئازاب ئارىلىغا ئايلاندۇردى. ئابلىز ئاخۇن ئاسىمنىڭ ئازابىدىن ئاخشاملىرىمۇ ئارام ئالالمىدى. ئاق ئالۋاستى ئاسىمنى ئازابلاپ،ئاخىرەتكە ئاپاردى. ئابلىز ئاخۇن ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازابىدىن ئارام ئالسىمۇ،ئارزۇلۇق ئاسراندىسى ئاسىمدىن ئايرىلدى. Zn0ئاقيول تور بىكىتى

         ئابلىز ئاخۇن ئاسىمدىن ئايرىلغان ئاچچىقىدا ئادىل،ئابدىمەمەتلەرنى ئاشكارىلاپ،ئالاقىدار ئادەملەرگە ئاق ئالۋاستى ئامبىرىنى ئادىل،ئابدىمەمەتلەرنىڭ ئاچقانلىقىنى،ئاسىمنى ئاق ئالۋاستى ئاپىتىنىڭ ئاخىرەتكە ئاپارغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئالاقىدار ئادەملەر ئادىل،ئابدىمەمەتلەر ئاچقان ئاق ئالۋاستى ئامبىرىنى ئاختۇرۇپ، ئامباردىكى ئاق ئالۋاستىلارنى،ئادىل،ئابدىمەمەتلەردەك ئاچكۆز،ئازغۇن ئادەملەرنى ئازراقمۇ ئاۋايلىماي ئازابلىدى. ئابلىز ئاخۇن ئائىلىسىدەك ئاق ئالۋاستىنىڭ ئازابىدا ئازابلانغان ئائىلىلەرنى ئازابتىن ئارام ئالدۇردى. Zn0ئاقيول تور بىكىتى

    مەنبە:‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› 3230-سانىدىن،ئاپتورى: مۇھەممەتساقى ساۋۇرZn0ئاقيول تور بىكىتى


    Zn0ئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز