• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئېزىپ كەتكەن ئوغۇلبالىچىلىق

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-02
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

    كەيىپ قىلالمىغان ئوغۇلبالا ئەمەس، ئوغۇلبالا ھاراق ئىچەلەيدۇ،  تاماكا چېكىش دېگەن ئەركىشىنىڭ ئىشى، قىزبالا چېكەلىگەن خىروئىننى چېكىشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئادەم ئەركەك ئەمەس...FwZئاقيول تور بىكىتى

       بىز دائىم يۇقۇرقىدەك بىر تەرەپلىمە ئوغۇلبالىچىلىق توغرىسىدىكى گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. كەيىپ-ساپا سورۇنىدا  ئوغۇلبالىچىلىقنى تەلەپ قىلىش ھەم كەيىپ-ساپا سورۇنىدا بىر تەرەپلىمە غورۇر چۈشەنچىسى بۇيىچە ئوغۇلبالىچىلىقنى نامايەن قىلىپ، ئوغۇلبالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناپ ئوغۇلبالىنىڭ جىسمى بىلەن روھىنى نابۇت قىلىشقا يۈزلىنىش ئەھۋاللىرى خەلقىمىز ئارىسىدا خېلى ئېغىر بولىۋاتىدۇ. دىمىسىمۇ ھاراق ئىچىشنى ئۆگۈنۈش، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىش، پائىشە بىلەن پائىشەخانىلارنى يوقلاپ تۇرۇش، خىروئىن چېكىش ھەم ئوكۇل قىلىپ ئورۇشقا قىزىقتۇرۇپ زەھەرگە  خۇمار بولۇشقا باشلاپ بارىدىغان ئوغۇلبالىچىلىقنىڭ  ھەقىقى مەنىدىكى ئوغۇلبالىچىلىق ئەمەسلىگىنى كۆپ ساندىكىلىرىمىز بىلمەي قالمايمىز. ئەمما، ئەنە شۇنداق مۇھىت-سورۇنغا دۈچ كەلگەندە غورۇر پىسخىكىمىزدىكى بىر تەرەپلىمە ئوغۇلبالىچىلىق قارىشىمىزدىن باشقىلار ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ بىزنى يامان يوللارغا باشلايدۇ. دېمەك، ئوغۇلبالىچىلىقنى نەدە، نېمە ئۈچۈن  ئىشلىتىشنى بىلمەسلىك بىلەن زىيان تارتىۋاتقان، نابۇت بولىۋاتقان ئوغۇلبالا-ئەركەكلىرىمىز كەيىپ-ساپا سورىنىدا ئاز بولمايۋاتىدۇ.   بۇنداق چۈشەنچە مەدەنىيەت پىسخىكىمىزدىكى ئاجىزلىق،شۇنداقلا   ئاتا-ئانىلارنىڭ بالا تەربىيىلەش قارىشى بىلەن مىللى مەدەنىيەت مۇھىتىمىزدىكى ئوغۇل-قىزلىق پەرق چۈشەنچىمىزدىكى مەسىلىلەر بولۇپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا ئوغۇلبالا يۈرەكلىك بولۇشى كېرەك، ئوغۇلبالا باشقىلار قىلالىغاننى قىلالايدىغان  بولۇشى كېرەك، ئوغۇلبالا   قىزبالىنىڭ ئالدىدا سۇندۇرۇلسا بولمايدۇ دېگەندەك ياخشى نىيەتتىكى  تەربىيىلەش قاراشلىرىغا نېمە قىلسا بولىدىغان ھەم  نېمە قىلسا بولمايدىغانلىقى بەك سىڭدۈرۈلمىگەچكە، توغرا-خاتانى بەك ئايرىيالمايدىغان ئوغۇلبالىچىلىق چۈشەنچىسىدىكىلەر ئۆز چۈشەنچىسىدىكى ئوغۇلبالىچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كىتىۋاتىدۇ.FwZئاقيول تور بىكىتى

       مەن ئاڭلىغان گەپ-سۆزلەردە ھەم ئوقۇغان كىتاپلاردا ھاراق ئىچىش بىلەن خىروئىن چېكىشنى ئوغۇلبالىنىڭ قىلىدىغان ئىشى دەپ قاراپ، ئاقىۋەت ئوغۇلبالا بولالماي بەلكى خارلىنىپ، كەمسىتىلىپ،ھۆرمىتى- قەدىر-قىممىتى بولماي قالغان ئەھۋاللار خېلى كۆپ بولۇپ، بىر تەرەپلىمە ئوغۇلبالدارچىلىق چۈشەنچىسى نۇرغۇن ياشلارنى يامان يوللارغا باشلاپ كەتكەن ئىدى. . ئەسلىدە ئوغۇلبالا دېگەن كەيىپ-ساپادا ئوغۇلبالىچىلىق قىلىپ ئوتتۇرىغا سەكرىمەي، بەلكى ناھەقچىلىق، يولسىزلىق، ئادالەتسىزلىك، كەمسىتىش-كۆزگە ئىلماسلىق، بوزەك قىلىش ئالدىدا مەيدانغا چىقىپ، ئوغۇلبالىچىلىقنى نامايەن قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەتراپىمىزدىكى تۇنۇش خارەكتېرلىق خاتالىققا سۈكۈت قىلىش، توغرا بولمىغان چۈشەنچىلەرگە پەرۋا قىلماسلىق، بىر تەرەپلىمە قاراشلارغا رەددىيە-تەنقىت بەرمەسلىك پۇزىتسىيەدىكى سۇسلۇق بولۇپ، بۇنداق مەدەنىيەت پىسخىكىسى مۇھىتى يامان سۈپەتلىك ئايلىنىشنى داۋاملاشتۇرىۋىرىدۇ.  FwZئاقيول تور بىكىتى


    FwZئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز