• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-01
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

                                               i4hئاقيول تور بىكىتى

    i4hئاقيول تور بىكىتى


      ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ چۈمادو قاتارلىق زەھەرلىك دورىلارغا ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندە ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ. ياشلاردىمۇ ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالماسلىققا ئىدىيىۋى تەييارلىق شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنى بىلىۋېلىشنىڭ ئەھمىيىتى بار.  
    1. بىلمەسلىكتىن ئىستىمال قىلىنىدۇ. چۈمادو قاتارلىق دورىلارنى ئادەتتە دورا زاۋۇتلىرى قانۇنلۇق ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئادەتتىكى دورىدەكلا قاراپ، بىر ئىككى قېتىم ئىستىمال قىلغاندا ھېچنىمە بولماس دەپ بۇ خىل زەھەرلىك دورىنى بىلمەسلىكتىن ئىستىمال قىلىپ قالىدۇ. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلەتكەندە دورا ھېساپلانسىمۇ، قالايمىقان ئىشلەتكەندە ئۆتكۈر ھەزەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
    2. قىزىقىش ۋە خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ ئىستىمال قىلىش. زەھەرنىڭ خۇمارىنى يىتەرلىك مۆلچەرلىيەلمەسلىك، ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كىتىشتىن چۈمادوغا ئۆگىنىپ قالىدۇ. بىر قانچە قېتىم ئىستىمال قىلغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، خۇمارى تۇتقاندا بەرداشلىق بىرىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلمەسلىك، ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى زەھەرلەپ كېرەكتىن چىقىرىدىغانلىقىنى، بىئەجەل ئۆلۈپ كىتىشكەن ئاپىرىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يىتەلمەسلىك. 
    3. راھەت- پاراغەتنى كۆزلەش، زەھەر ئىستىمال قىلىشنى مودا دەپ قارا 
    4. پىسخىك پەرداشلىق بىرىش كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن زەھەرگە ئۆگىنىپ قېلىش. ئازراق ئۇڭۇشسىزلىققا ئۇچراش سەۋەبىدىن كۆڭلى يېرىم بولسا بەرداشلىق بىرەلمەي، زەھەر ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق دەردىنى بېسىشقا ئورۇنۇش. 
    5. ئائىلىسى ۋەيران بولۇش سەۋەبىدىن زەھەر چىكىشكە ئۆگىنىپ قالىدۇ.
    6. ئاتا- ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى يىتەرلىك بولمىغاچقا ۋە ئائىلە تەربىيىسى لايىقىدا بولمىغاچقا پەرزەنتلەردە بىزار بولۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ زەھەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ. 
    7. ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ناچار تەسىرى بىلەن زەھەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ.
    8. دوستنى تاللاپ تۇتمىغانلىقتىن زەھەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ. 
      چۈمادو قاتارلىق زەھەرلەرگە ئۆگىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن زەھەردىن يىراق تورۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 
          شۇڭا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. 
    1. زەھەرنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم. چۈمادونىڭمۇ كۈچلۈك بىرخىل زەھەر ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. 
    2. چۈمادونىڭ ئادەمنى ئاسانلا خۇمار قىلىپ قويىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنى تاشلاشنىڭ ئۈزىل- كىسىل قىيىنلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم.  
    3. چۈمادونىڭ ئۆزىگە، باشقىلارغا، ئائىلىسىگە كەلتۈرىدىغان مۆلچەرلىگۈسىز ئېغىر ئاقىۋىتىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم. 
    4. بىرىنچى قېتىملىقىنى مەڭگۈ تېتىپ باقماسلىق كېرەك. 
    5. قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىش، ھەرگىزمۇ زەھەردىن پايدىلىنىپ ئاچچىقىنى چىقارماسلىق كېرەك. 
    6. قۇرۇق خياللاردا بولۇش، ھىسياتقا بېرىلىش، مودا قوغلىشىش بولسا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زەھەر ئىستىمال قىلىش يولىغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر، شۇڭا توغرا تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھاياتنى قىزغىن سۈيۈش كېرەك. پۇلنى، راھەت- پاراغەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىن يىراق تۇرۇش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا زەھەردىن يىراقتۇرغانلىق بولىدۇ. 
    7. زور كۆپ ساندىكى زەھەر ئىستىمال قىلغۇچىلار دوستلىرىنىڭ تەسىرىدىن زەھەر پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. شۇڭا دوست تۇتۇشقا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. 
    8. ساغلام بولمىغان كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارماسلىق كېرەك.  
    چۈمادونىڭ كېڭىيىشىنى چەكلەشتە ئالدىنى ئېلىش ۋە خۇمار بولغانلارنى بايقاش، قۇتقۇزىۋېلىشقا تەڭ كۈچ چىقىرىش كېرەك. ئاتا- ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار پەرزەنتلەرنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈمادوغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. 
    تۆۋەندىكى ئۆزگىرىش ئەھۋالىدىن ياشلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈمادوغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىۋالغىلى بولىدۇ. 
    1. تۇرمۇش قانۇنىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.  
    زەھەر ئىستىمال قىلىش ئىھتىياجى ۋە زەھەرنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى تۈپەيلىدىن زەھەر چەككۈچىنىڭ ئۇيقىسى ۋە يىمەك- ئىچمەك قانۇنىيىتىدە دائىم نۇرمالسىز ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. مەسىلەن: كەچ ئۇخلايدۇ ياكى يېرىم كىچىگىچە ئۇخلىمايدۇ. ئەتتىگىنى ئورنىدىن تۇرغىلى ئۇنىمايدۇ. ياكى كۈندۈزى ئۇخلايدۇ. يىمەك- ئىچمىكى رېتىمسىز بولىدۇ. تامىقى ئازىيىپ كېتىىدۇ. 
    2. مىجەز خاراكتىرىدەكۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. 
    زەھەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى دۇرۇس پەزىلىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، كەسىپچانلىقى، ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولغانلار تويۇقسىز ھورۇن، چۈشكۈن، جىمغور، شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ. ئەسلىدە يېقىملىق، ئاقكۈڭۈل بولغانلار قوپال، تەرسا بولۇپ قالىدۇ. ھەتتا ۋەھشى بولۇپ كېتىدۇ. 
    3. ئېنىق بولمىغان چىقىملىرى كۆپىيىدۇ.
    زەھەر ئىستىمال قىلىشقا خىراجەت كېتىدۇ. يىغقان پۇلىنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن ھەرخىل يالغان- ياۋىداق گەپلەرنى توقۇپ چىقىپ ئورۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرىدىن قەرز ئالىدۇ. ھەتتا ئۆيدىن پۇل ئوغۇرلايدۇ. يەنە كېلىپ پۇللارنى نەگە خەجلىگەنلىكىنى دەپ بىرەلمەيدۇ. 
    سالامەتلىك ئەھۋالى كۆرىنەرلىك ناچارلىشىدۇ. 
    4. زەھەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ۋە نۇرغۇن سېستىمىلىرى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەھەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ھەمىشە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ. ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ. نەتىجىدە سالامەتلىك ئەھۋالى كۆرىنەرلىك ناچارلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئالامەتلىرى ئاسان ھېرىپ چارچاش، تىت- تىت بولۇش، جۈدەپ كېتىش، قىزىقىش ۋە ھەۋەسلىرى ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىقلار.   
    5. بەزىدە يېنىدىن، ياتىقىدىن زەھەر تېپىلىپ قالىدۇ.
    6. دوست تۇتۇش دائىرىسى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
    7. زەھەر ئىستىمال قىلىش ھەمىشە باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى، ئالدىشى ياكى كۈشكۈرتىشى بىلەن باشلىنىدۇ. شۇڭا زەھەر چەككەندىن كېيىن كۆپ ھاللاردا بۇرۇن ئارلاشقان دوستلىرىدىن يىراقلىشىپ، زەھەر ئىستىمال قىلغۇچىلار بىلەن قويۇق ئارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىجدىمائى مۇناسىۋەت دائىرىسدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دۇرۇس ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ ئۆتىدىغان ئەھۋاللار بارغانسىرى ئازىيىپ، يولدىن چىققان ئادەملەر بىلەن بولغان باردى-كەلدىلىرى بارا- بارا كۈچىيىشكە باشلايدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە بۇنداق ئادەملەر بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردا ھەمىشە تىمىسقىلاپ، سىرلىق، ئالدىراش يۈرۈيدۇ. نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. 
    8. بەزىدە ئۇلاردازەھەردىن ئۈزىلىپ قېلىش ئىنكاسى كۆرۈلىدۇ.
    زەھەر چەككۈچىلەر خۇمارى تۇتۇپ كېتىپ دەماللىققا زەھەر تاپالماي قالسا ئۇلاردا زەھەردىن ئۈزىلىپ قېلىش ئىنكاسى كۆرۈلمەي قالمايدۇ. كۆزىنىڭ قارچۇغى چوڭىيىپ كېتىدۇ، تىترەيدۇ، بەدەنگە توخۇ ئەت چىقىپ كېتىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدۇ. قورسىقى ئاغرىپ، ئىچىسۈرىدۇ. مۇسكۇللىرى تارتىشىدۇ. يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىدۇ. خۇي- پەيلى ئۆزگىرىپ ھەدىسىلا چېچىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. تىت- تىت بولىدۇ. خاتىرجەمسىزلىنىدۇ. روھى كەيپىياتى ناچارلىشىدۇ. 
      چۈمادوغا ئۆگىنىپ خۇمار بولۇپ قالغانلاردا زەھەردىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بولىدۇ. زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئۆزى بىۋاستە ھېس قىلىپ يەتكەچكە زەھەردىن قوتۇلۇش يولىدا نۇرغۇن قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. بىراق زەھەر بەدەنگە توپلىنىپ ئورگانىزىملارغا زىيان يەتكۈزگەچكە، بولۇپمۇ مىڭىنى زەھەرلەپ روھى كېسەللىكنى پەيدا قىلغاچقا، زەھەر ئىستىمال قىلىشنى توختاتقان ھالەتتىمۇ بەدەن خاراكتىرلىك خۇمار يەڭگىللىسىمۇ روھى جەھەتتىكى خۇمار داۋاملىق ساقلىنىپ قېلىپ، ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇش، جىددىلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق، زىھنىنى يىغالماسلىق، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەردىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا داۋالاشنى تەشۈببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك. ياكى ئۇرۇق- تۇققان، دوست-بۇرادەر پەرزەنتلىرى بولسا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. 
    مۇستەھكەم زەھەر تاشلاش ئىتقادى تەكلەش ھەمدە داۋالاشقا ياخشى ماسلىشىش ئارقىلىق زەھەردىن ئۆزۈل- كېسىل قۇتۇلغىلى بولىدۇ. خىروئىن چەككەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ بۇرۇن چۈمادو ئىستىمال قىلىش ياكى نەشە چىكىش تارىخى بولىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا بايقاش ۋە داۋالىتىش ئىنتايىن مۇھىمi4hئاقيول تور بىكىتى

    ئاپتورى: تۇرغۇنجان توختى. i4hئاقيول تور بىكىتى


    i4hئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى زەھەرلىك چىكىملىك
    • زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
    • زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
    • زەھەر چىكىشنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ھەر خىل ۋاستىلارنى قوللۇنۇپ، بىر تۈركۈم تايىنىشچانلىقى يۇقۇرى دورا ماتىرىياللارنى ئىشلىتىش، ھەمدە بۇنداق ئىشلىتىشنىڭ داۋالاش بىلەن ئالاقىسى يوق بولغاچقا ئاقىۋەتتە قالايمىقان ئىشلەتكە