• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • خېروئىن بىلەن ساختا دورىنىڭ سۆھبىتى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-02
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    بۇ كۈنلەردە خېروئىن بىلەن ساختا دورا بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالداپ، ئىگىلىرىنى نۇرغۇن ئىقتىسادقا ئىگە قىلىپ كەلمەكتە.VJjئاقيول تور بىكىتى

    راستىنى ئېيتقاندا خېروئىن ساختا دورىغا بەكلا ھەسەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتى.VJjئاقيول تور بىكىتى

    بىر كۈنى خېروئىن ساختا دورىغا ئىچىنى تازا بوشىتىپ ئۇنىڭ شۇنچە بازار تېپىپ كېتىشىدىكى سىرىنى بىلمەكچى بولۇپ ئۇنى چاي سۆھبىتىگە تەكلىپ قىلدى.VJjئاقيول تور بىكىتى

    خېروئىن ساختا دورىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش كويىدا مول داستىخان ھازىرلىغان ئىدى. ساختا دورا خېروئىننىڭ داستىخىنىغا ئۆز ۋاقتىدا داخىل بولدى. ئۇ بەكلا سالاپەتلىك ھەم تەكەببۇر بولۇپ كەتكەن ئىدى.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -دوستۇم ساختا دورا ئېيتىپ باققىنا بىز بىر يولدىكى دوستمۇ- ئەمەسمۇ؟VJjئاقيول تور بىكىتى

    -ھەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە زور زىيان سالىدىغان، ئۇلارنىڭ قىسقىغىنا ھەم قىممەتلىك ھاياتىنى ناھايىتى تېز نابۇت قىلىدىغان مەلئۇن بىز- دېدى ساختا دورا جاۋابەن.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -سۆزلىرىڭ بەك ئورۇنلۇق بولدى دوستۇم، ھەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتنىڭ رەزىل دۈشمىنى. ئەمما مەن بەزىدە سېنىڭ شۇنچىۋالا بازار تېپىپ كېتىۋاتقىنىڭغا قاراپ ساڭا ھەسەت قىلىپمۇ قويىمەن. بۇ، ئىنسانلارنىڭ ھازىرقى زامان تىلى بويىچە «رىقابەت» دېيىلىدۇ.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -ئېيتىپ باقە، سېنىڭ نېمە سىرىڭ بار؟- دېدى خېروئىن ساختا دورىغا ئېسىل شارابنى بېلىق كۆزى رومكىغا قۇيغاچ .       VJjئاقيول تور بىكىتى

    -دوستۇم ساڭا ئېيتىپ بېرەي،- ساختا دورا تەمكىن سۆزلەشكە باشلىدى.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -مېنىڭ ئىگىلىرىم ھېسابلىنىدىغان ئاشۇ بىر قىسىم كىشىلەر خۇددى سېنىڭ ئىگىلىرىڭگە ئوخشاشلا رەزىللىكتە ئۇچىغا چىققان بولغاچقا ئۇلاردا ۋىجدان،ئىنساب، دىيانەت نېمە قىلسۇن؟ شۇڭلاشقا ئىگىلىرىم مېنى ھەرقايسى تاراتقۇ بولۇپمۇ رادىيو -تېلېۋىزىيە ئارقىلىق بولۇشىغا كۆپتۈرۈپ ماختايدۇ. ئۇنداق پايدا قىلىدۇ يەي،بۇنداق تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدۇ يەي دەپ، كۈندە نەچچە قېتىملاپ ئېلان قىلىۋەرگەچكە ماڭا خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئاسانلا ئىشىنىدىغان بولۇپ كەتتى......VJjئاقيول تور بىكىتى

    ساختا دورا بەكلا مەنمەنچى سۆزمەن بولغاچقا سۆزدىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -ساڭا دېسەم دوستۇم، بىزنىڭ بازار تېپىشىمىز ئىگىلىرىمىزنىڭ ھىيلىگەرلىكىگە، چىرايلىق گەپ بىلەن ئېيتقاندا ئەقىل-پاراسىتىگە باغلىق. مېنى ئوچۇقتىن-ئوچۇق ماختاپ ساتىدۇ، سېنى بۇلۇڭ-پۇچقاقتا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ساتىدۇ. شۇڭا ھازىر مېنىڭ ئىگەمگە يەتكۈزىدىغان ھارام پايدام سېنىڭ يەتكۈزىدىغان ھارام پايداڭدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. بۇ گەپلەرنى مەن ئۆزۈمچە دېۋالمىدىم. مەن بۇنى ئىگەمدىن كۆپ ئاڭلىغان.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -ماڭا ئىشىنىپ راست گېپىڭنى ئېيتقىنىڭغا رەھمەت،- دېدى خېروئىن ھەرخىل مەزەلەر بىلەن تويۇپ كەتكەن قورسىقىنى سىلىغاچ.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -بىر قىسىم ئىنسانلار ھەقىقەتەنمۇ بەك نادان، مەنمۇ قايسى مىللەتتە نادانلىق ئەۋج ئالسا شۇ توپ ئىچىدە بەكلا بازار تاپىمەن. مېنى ئىستېمال قىلىدىغانلارنىڭ ياش قۇرۇلمىسى بارغانسېرى كىچىك ياشتىكىلەرگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. مەن ئۇلارنى ئۇ دۇنياغا بالدۇرراق ئۇزىتىۋېتىش بىلەن ئالدىراشلا يۈرىمەن.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -مەنمۇ شۇ،– دېدى ساختا دورا.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -گەرچە نۆۋەتتە تېببىي ئىلىم زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئايرىم كىشىلەرنىڭ ھاماقەتلىكى تۈپەيلى مەنمۇ بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلاندىم. جەمئىيەت ماڭا زەربە بېرىۋاتقان بولسىمۇ مېنىڭ ئىگىلىرىم تۈرلۈك قانۇنسىز يوللار بىلەن مېنى يەنىلا كەڭ كۆلەمدە سېتىپ چىقىرىپ كېسەل داۋالاش تۈگۈل تېخىمۇ ئېغىر، غەلىتە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلماقتا. بىز ھازىر رەزىللىكتە رېكورت ياراتتۇق دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. قىسقىسى ھەر ئىككىلىمىز ئىنسانىيەتكە ئاپەت ھېسابلىنىمىز. شۇڭا ئىنسانلار بىزگە ھەر ۋاقىت غەزەپ-نەپرەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، بىزنى يوقىتىشقا تىرىشماقتا.VJjئاقيول تور بىكىتى

    -جان جىگەر دوستۇم، سەن ھاراقنى جىق ئىچىۋالدىڭ،سەن بۈگۈن مېنىڭ يېنىمدا قونۇپ قالغىن، بىز كېچىچە ئىگىلىرىمىزگە ئۆمۈر بويى سادىق بولۇش، ئىنسانىيەتكە تېخىمۇ كۆپ زىيانكەشلىك قىلىشنىڭ يېڭىدىن-يېڭى پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقايلى،- دېدى كەيپى چاغ بولغان خېروئىن.VJjئاقيول تور بىكىتى

    ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك سۆھبەتلىرى ھېچ ئاخىرلىشىدىغاندەك قىلمايتتى.VJjئاقيول تور بىكىتى

     VJjئاقيول تور بىكىتى

    بايىنغولىن رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىمVJjئاقيول تور بىكىتى

     مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىVJjئاقيول تور بىكىتى


    VJjئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز