زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈپ زەھەرلىك بۇيۇمدىن يىراق تۇرايلى
زەھەرلىك بۇيۇم دىگەن نىمە؟
دۆلىتىمىزنىڭ ‹جازا قانۇنى›نىڭ 357 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسلانغاندا: زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ كۆرسىتىدىغىنى، ئەپيۇن، خىروئىن، كىرىستال زەھەر، مورفىن، نەشە، كوكايىن ۋە دۆلەت بىكىتكەن باشقۇرۇش دائىرسىگە كىرىدىغان ياكى كىشىنى خۇمار قىلىش كۈچىگە ئىگە مەست قىلغۇچى ۋە روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى كۆرسىتىدۇ (باش چايقاش كۇمۇلىچى، K تالقىنى).
زەھەر چەكسە نېمىشقا خۇمار بولۇپ قالىدۇ؟
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، زەھەر چەككەندە خۇمار بولۇپ قېلىش زەھەرلىك بۇيۇم ۋە ئادەم بەدىننىڭ ئۆزئارا بولغان تەسىرىنىڭ نەتىجىسى. بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىكى بار، بۇ ئالاھىدىلىك دەل ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ئادەمنىڭ مېڭىسىدىكى ئۆگۈنۈش ۋە ئەستە تۇتۇش خاتىرسىگە ئالاقىدار بولغان نىرۋا سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسۈتىدىغان بولۇپ، تەدرىجى ھالدا روھى بېقىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (روھى خۇمار)، شۇ تۈپەيلى دورىنى قوغلۇشۇپ ئىشلىتىشتەك قىلمىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، زەھەرلىك بۇيۇم ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم بەدىنىدىكى نورمال بولغان تەڭپۇڭلىققا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، زەھەرلىك بۇيۇمنىىڭ تەسىرىدە يېڭى تەڭپۇڭلىقنى پەيدا قىلىدۇ (بەدەن بېقىنىشى). زەھەر چىكىشنى توختۇتۇپ قويغان زامان، بىئارامچىلىق ھىس قىلشقا باشلايدۇ. شۇڭا پەقەت توختىماستىن كۆپ مىقتاردا زەھەرلىك بۇيۇمنى چىكىش ئارقىلىق ئاندىن بەدەننىڭ يېڭى پەيدا بولغان تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.
زەھەر چىكىشنىڭ قانداق خەۋىپلىرى بار؟
زەھەر چىكىشنىڭ زىيىنىنى ‹ئۆزىنى ۋەيران قىلىش، ئائىلىسىنى بالاغا تىقىش، جەمىيەتكە خەۋىپ ئېلىپ كېلىش› دەپ يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
(1) زەھەر چىكىشنىڭ ئۆزىگە بولغان زىيىنى: زەھەر چىكىش ئېغىر دەرىجىدە روھى ۋە بەدەن ساغلاملىقىغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىپ، ئۆلۈشنى تىزلىتىدۇ. زەھەر چىكىش ئادىمىيلىكنى يوقۇتۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تۈگەشتۈرىدۇ. زەھەر چىكىش ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىش، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. زەھەر چىكىش ئاسانلا ئەيدىز قاتارلىق تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كىسەللەرگە گىرىپتار بولۇشقا سەۋەپچى بولىدۇ.
(2) زەھەر چىكىشنىڭ ئائىلىگە بولغان زىيىنى: زەھەر چىكىش ئائىلىگە زور روھى يوقۇتۇش ئېلىپ كېلىدۇ. زەھەر چىكىش ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا، ئىقتىسادى تۈگەپ ھېچ نەرسىسى قالماسلىققا باشلاپ ماڭىدۇ. زەھەر چىكىش يەنە ئەۋلادلارنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىتىدۇ.
(3) زەھەر چىكىشنىڭ جەمىيەتكە بولغان تەسىرى: زەھەر چىكىش جىنايەت يولىغا باشلايدۇ. نورمال بولغان جەمىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. زەھەر چەككۈچى ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلىكىنى خورۇتۇپ بولغاندىن كېيىن تەۋەككۈل قىلىپ، قانۇنغا خىلاپ بولغان جىنايەت يولىدا مېڭىشقا باشلاپ، زەھەر سېتىش ئارقىلىق خۇمارىنى قامداش، پارىخورلۇق، ئالدامچىلىق، ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق قاتارلىق جىنايەت قىلمىشلىرى بىلەن شۇغۇللۇنىدۇ. زەھەر چېكىش جەمىيەت ئىقتىسادىغا زور دەرىجىدە زىيان سالىدۇ. زەھەر چېكىش جەمىيەت ياخشى ئوبرازىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپ، كىشىلەرنىڭ روھىيتىنى چىرىتىپ، مىللى روھقا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ، بۇ مەسىلە ھازىر پۈتۈن دۇنيادا ئومۇملاشقان مەسىلىگە ئايلاندى. تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى %80 ئايال زەھەر چەككۈچى ئىپپىتىنى سېتىشقا تايىنىپ زەھەر چىكىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن. زەھەر چىكىش دۆلەت پۇخرالىرىنىڭ ساپاسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. زەھەر چەككۈچى نورمال بولغان ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
زەھەر چىكشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەپلەر نېمە؟
(1) قىزىقىش. چۈنكى يېڭىلىق تۇيۇلۇپ قىزىقىپ، سىناپ بېقىشنى ئويلاپ ئەكسىچە زەھەر چىكىشكە ئۆگۈنۈپ قالىدۇ.
(2) خوشاللىق ئىزدەش. زەھەر چىكىشنى خۇددى تاماكا چەككەندەك، ھاراق ئىچكەندەك ئورۇنغا قويۇپ، خوشاللىقتىن بەھرىمان بولۇش ۋە ھاياجانغا چۆمۈش تەلىپىنى قاندۇرىدۇ. بۇنداق قىلمىش، كۆپ ساندىكى ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە ئاممىۋى سورۇنلار ياكى يالغۇز پاراڭلىشىش مۇھىتلىرىدا ئاسانلا يۈز بېرىدۇ، زەھەر چىكىشنى ئاتالمىش بىر خىل روھى جەھەتتىكى ھوزۇرلۇنۇش دەپ بىلىش.
(3) ئۆز-ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش. زەھەر چىكىشنى بىر خىل ئىسىلزادىلىك دەپ قاراش. ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى زەھەر چەككۈچىلەردە مۇنداق بىر بىمەنە قاراش بار : ‹ خىروئىن چىكىش بولسا ھازىرقى جەمىيەتتىكى مودا بولۇپ چەكمىسە مودىدىن قالغانلىق، چەكسە ھەقىقەتەن يارايدىغان نوچى ئادەم بولىدۇ›. ئاز بولمىغان ياش-ئۆسمۈرلەر نۇرغۇن پۇل خەجلەپ خىروئىن چىكىشى دەل ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن.
(4) ئاممىغا ئەگىشىش. ئاممىغا ئەگىشىشنىڭ دىمەكچى بولغۇنى دەل باشقىلار نىمە قىلسا ئۆزىمۇ باشقىلارغا ئەگىشىپ شۇنداق قىلىش. ياش-ئۆسمۈرلەر ئاممىغا ئەگىشىشكە ئامراق كېلىدۇ، دوستى زەھەر چەكسە ئۆزىمۇ چەكسەم بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بىر نەپەر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ زەھەر چىكىشنى باشلىغاندىكى قىلمىشىنى ئېيتىپ: ‹ مەن ئەسلىدە تاماكا چېكەتتىم. بىر كۈنى، بىر دوستۇم ماڭا بىر تال تاماكا بەردى، قارىسام ئۇ تاماكىغا ئوخشۇمايتتى، شۇنىڭ بىلەن دوستۇمدىن ئۇنىڭ نىمىلىكىنى سورۇدۇم. ئۇ چېكىۋەر، ئىشقىلىپ سەن چىكىدىغان تاماكىدىن كۆپ ياخشى دېدى. مەن ئويلاپ قالدىم، بەرىبىر ھەممىسى تاماكىغۇ، چەكسەم چىكەي. شۇنداق قىلىپ، بىر نەچچە تال تاماكا چىكە-چەكمەيلا خۇمار بولۇپ قالدىم، ئىككىنچىلەپ تاشلىيالمىدىم›.
(5) خاپىلىقلارنى ۋە ئىچ-پۇشۇقلارنى چىقىرىش ئۈچۈن بەزى ياش-ئۆسمۈرلەر قىيىنچىلىققا ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرىسا بىردەملىك خوشاللىق ئۈچۈن زەھەر چىكشىنى تاللايدۇ.
(6) باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىش، ئازدۇرۇش.
ياش-ئۆسمۈرلەر قانداق قىلىپ زەھەر چىكىشتىن ساقلىنىدۇ؟
(1)ئاساسى بولغان بىلىملەر ۋە زەھەر چەكلەش قانۇن-نىزاملىرى تەربىيەسىنى ئېلىش، «تۆتنى بىلىش»نى ئەستە چىڭ ساقلاش: زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ نىمىلىكىنى بېلىش؛ زەھەر چەكسە ئىنتايىن ئاسان خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، تاشلىماقنىڭ ئىنتايىن تەسلىكىنى بىلىش؛ زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ زىيىنىنى بىلىش؛ زەھەرلىك بۇيۇمنىڭ قانۇنغا خىلاپ نەرسىلىكىنى، چېتىلىپ قالسا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىرايدىغانلىقىنى بىلىش؛
(2) توغرا بولغان دۇنيا قارىشى تۇرغۇزۇش، قارغۇلاچە راھەت-پاراغەتنى قوغلاشماسلىق، قىزىقىشنى باھانە قىلىپ سىناپ باقماسلىق، ناچار بولغان ئازدۇرۇشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ كەتمەسلىك.
(3) زەھەرلىك بۇيۇم كېسەل داۋالايدۇ، ئازاپ ۋە ئىچ-پۇشۇقنى تۆگىتىدۇ، ئادەمگە خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلەيدۇ دىگەندەك ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشەنمەسلىك.
(4) زەھەر چىكىش ۋە زەھەر سېتىش قىلمىشى بىلەن شۇغۇللۇنىدىغان كىشىلەرنى دوست تۇتماسلىق. ئەگەردە دوست-بۇرادەرلەر ئۇرۇق-تۇققانلار ئارىسىدا زەھەر چىكىدىغان ياكى زەھەر ساتىدىغانلار بولۇپ قالسا، بىرىنچىدىن، چوقۇم نەسىھەت قىلىش، ئىككىنچىدىن، يىراقلىشىش، ئۈچۈنچىدىن، ج خ تارماقلىرىغا دىلو مەلۇم قىلىش.
(5) ياخشى بولغان ئادەت يىتىلدۈرۈپ، تاماكا چىكىش ۋە ھاراق ئىچىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەردىن يىراق تۇرۇش، ياش-ئۆسمۈرلەر كىرىشى مۇۋاپىق بولمىغان سورۇنلارغا قەتئىي كىرمەسلىك، باش چايقاش كۇمۇلىچى، k تالقىنى قاتارلىق روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى قەتئىي ئىستىمال قىلماسلىق.
(6) ئەگەردە ئۆزىمۇ ئەھۋالنى بىلمىگەن ھالدا ئازدۇرۇشقا ئۇچۇراپ ئالدىنىپ بىرەر قېتىم چىكىپ قالسىمۇ، يەنىلا ھاياتىنى قەدىرلەپ، ھەرگىزمۇ ئىككىچى قېتىم چەكمەسلىك.
يارپ تورىدىن : يارقىن توختى تەرجىمىسى