نۆۋەتتە دۇنيادا كېسەللكىلەر شىددەت بىلەن يامراپ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا قورقۇچلۇق سايە تاشلاپ تۇرماقتا. ئەيدىز كېسىلى بىر نەچچە يىللار ئىلگىرى بىز ئاندا-ساندا گېزىت-ژۇرناللاردىن ئاڭلاپ قالىدىغان، خۇددىي قورقۇنچلۇق رىۋايەتتەك ئاڭلىغاندا كىشىنىقورقۇنچقا سالىدىغان، بىراق ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن دەرھاللا ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدىغان، بىزدىن ناھايىتى يىراق بىلىنىدىغان خەۋەرلەر ئىدى. ئاشۇ چاغلاردا بىز ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغىمۇ تارقىلىپ، بىر نەچچە يىلدىن كېيىنلا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قورقۇنچلۇق بىر ئاپەتكەئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغانىدۇق. مانا بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىققا ئايلىنىپ قالدى. ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن باشقىلارنى ھەيران قالدۇرغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى باشقىلار ئېچىشقا تېگىشلىك غايەت زور بايلىق ئىكەن دەپبايقاپ ئۇلارنى زور مەبلەغ ئاجىرىتىپ ئېچىۋاتقاندا ئاشۇ ئۇيغۇر قىزلىرى بۇنى ئۆزلىرىگە كەلگەن زور ئامەت بىلىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۆزىنى ئاتتى، ئەمىلىيەتتە ئۇلار قورقۇنچلۇق داۋاسىز ۋابا كېسىلىگە ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. پۈتۈن ئىنسانىيەت بۇ قورقۇنچلۇقۋابانىڭ ئالدىدا قاتتىق ۋەھىمىگە چۆمۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ بۇزۇقچىلىقى ۋە روھىي خارابچىلىققا تەڭرىنىڭ بەرگەن ئاشۇ گۇمران قىلىش خاراكتېرلىك جازاسىدىن نالە-پەريات قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىز نەنمىندىن دۆڭ كۆۋرۈككىچە گۇگۇم چۈشكەن چاغلاردا پىيادە مېڭىپ بېقىڭ، يول بويىدا يولدىن ئۆتكەنلەرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان مەينەت نەزەر بىلەن قارىشىپ تۇرغان توپ-توپ ئۇيغۇر قىزلىرى ۋە ئاياللىرىغا قاراپ بېقىڭ. ئۇلار نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇلار قىلىدىغان ئىش يوق بىكارچىلىقتا يول بويىغا چىقىۋېلىپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى تاماشا قىلىۋاتامدۇ؟ ھەر قايسى ئىدارىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان، كوچىلاردا تىجارەت قىلىۋاتقان، ئېتىزلاردا ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆمرىدە زادىلا قەدەم باسالمايدىغان ئاشۇ ئالىي رېستۇرانلاردا غۇۋا چىراق يورىقىدا تاماكىسىنى يانتۇچىشلەپ، رېستۇرانغا كىرگەن، مېھرى بەختىيار كۈلكىلەر بىلەن تولغان مېھمانلارغا مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ھەددى ھېسابسىز ئۇيغۇر قىزلىرى زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇيغۇر يىگىتلىرىچۇ؟ سىز ئەگەر بىر ئىپپەتلىك قىز بولسىڭىز ياكى ئايال بولسىڭىز دۆڭكۆۋرۈكتىن ياكى سەنشىخاڭزىدىن گۇگۇم چۈشكەندە زادى پىيادە ئۆتمەڭ. پىيادە ئۆتسىڭىزمۇ ئالدى-كەينىڭىزگە قارىماي مېڭىڭ. بولمىسا بىراۋ سىزگە گەپ قىلماي قالمايدۇ. ئۇيغۇر قىزلىرى ئۆزىنىڭ ئەمدىلا سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن غايەت زور بايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاچقا، رېستۇرانلاردا ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ناھايىتى بايۋەچچە ياشاپ كۆنۈپ قېلىپ ياراتماسلىقى تۈپەيلىدىن يېشى خېلى بىر يەرگە بارغىچىمۇ توي قىلالماي يۈرگەن ئۇيغۇر يىگىتلىرى ئازمۇ؟ ئۇلار ئالدىڭىزنى توسۇپ ياكى كەينىڭىزدىن يېتىشىپ كېلىپ سىزگە گەپ قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلسڭىز سىزگە ھۆكىرەپ ئېتىلىدۇ. (ھەممىسى بۆرە ئەۋلادى ئەمەسمۇ؟ بۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ بۆرە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىدىكى تارىخىتىن بېرىقى بىردىنبىر پۇرسەت _ ھەم ھاياجانلىق ھەم بىخەتەر) مانا ئاشۇنداق قىلىپ بىزنىڭ خەلقىمىز پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت بولىۋاتقا ساقايماس ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ. ۋاباغا قانماس ئاچكۆزلۈك بىلەن ئۆزىنى ئېتىۋاتىدۇ.
جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى بولىدۇ. ئاشۇ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىك بولمىغان بولسا باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى، نەچچە يىللار ئىلگىرى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر كۆپىيىپكەتكەندە كىشىلەر «مىللىتىمىز زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن تۈگىشىدىغان بولدى» دەپ قاخشاپ كېتىشكەنىدى. بىراق ئەمدىچۇ؟ ئەمدى ئەيدىز كېسىلى شىددەت بىلەن تارقالغاندا مىللەتنىڭ كەلگۈسىدىن قايغۇرىدىغان ئاشۇ كىشىلەر نەگە كەتتى؟ ئۇلار نېمىشقاقاينىمايدۇ، نېمىشقا داۋراڭ سالمايدۇ؟! ئەلبەتتە بۇنىڭدا سەۋەب بار. بىز ئىككى خىل ئىجتىمائىي ئاپەتنى سېلىشتۇرۇپ باقساقلا بولىدۇ. سوتسىئولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جەمئىيەتتىكى مەلۇم بىرخىل جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسىسىنى جىنايەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى مەلۇم ماددىي ئۇبيېكت ۋە جىنايەتچىنى ئازدۇرغان نەرسىدىن كۆرسەك بولمايدۇ. بۇ پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تولۇقمۇكەممەللىككە ئېرىشمىگۈچە جەمئىيەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈش ھادىسىسى تۈگىمەيدۇ. بۇ خىل ھادىسىلەر گاھ بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقسا، گاھ يەنە بىرخىل ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. ئاشۇ خىروئىن چەككۈچىلەر جەمئىيەتتىكى جىنايەتئۆتكۈزگۈچىلەر توپى بولۇپ، ئەگەر خىروئىن بولمىغان بولسا ئۇلار باشقا جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان بولاتتى. مېنىڭچە ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىدىكى سەۋەب خىروئىننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىدىنلا ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئەخلاققارىشىنىڭ يوقلىقى ۋە مەدەنىيەتسىزلىكىدىن. ئەگەر خىروئىن بولمىسىمۇ ئۇلاردىكى ناچار پىسىخىكا، قالاقلىق، مەدەنىيەتسىزلىك ۋە ئەخلاق قارىشىنىڭ مۇكەممەل بولماسلىقى ئۇلارنى باشقا جىنايەتلەرگە باشلاۋەرگەن بولاتتى. مەيلى جىنايەتنىڭ مەنبەسى نېمەبولۇشىدىن قەتئىينەزەر زەھەرلىك چېكىملىك چەككەچىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاقىۋىتى ئۆزىنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت. ئۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئېھتىياجى ئۈچۈن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ مال-مۆلۈككە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، جەمئىيەتتە مەلۇم دەرىجىدە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، بىراق ئەڭ ئاخىرىقى ھالاكەت زەھەر چەككۈچىنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. مانا بۇ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش ئاپىتى بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئوخشىمايدىغان تەرىپى. ئەيدىز كېسىلى تارقىلىشچانلىققا ئىگە. ئۇ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىروئىن چېكىدىغانلار ئۆزىنىڭ قانداق ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ چېكىدۇ. بىراق ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۇنداق بولىشى ناتايىن.