بەزىلەنىڭ قىزلىق پەردە ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرى جاۋابسىز قالغان ئىدى. پايدىلىنىپ قالسۇن دەپ تۆۋەندىكى ماتېرياللارنى رەتلەپ قويدۇم.
قىزلىق پەردىسى جىنسىي يول سىرىتقى ئاغزىنى توسۇپ (يېپىپ)تۇرىدىغان بىر پارچە ئوتتۇرسى بوش،نېپىز پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 1-2مىللىمىتىر كېلىدۇ.پەردىنىڭ سىرىتقى ۋە ئىچكى يۇزى سىلىق شىللىق پەردە بولۇپ،بۇ ئىككى قەۋۋەت شىللىق پەردە ئوتتۇرسىدىكى تۆشۇك قىزلىق پەردە تۆشىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ تۆشۇكنىڭ چوڭ-كېچىكلىكى، پەردىنىڭ قېلىن-نېپىزلىكى ۋە ئەۋرىشىمچانلىقى ھەر قانداق قىزلاردا ئوخشاش بولمايدۇ.قىزلىق پەردىدىكى تۇشۇكنىڭ دىئامىتىرى تەخمىنەن1-1.5 سانتېمېتىر كېلىدۇ.ئۇنىڭ شەكلى كۆپىنچە يۇمىلاق، سوقىچاق،بەزىدە يېرىم ئايسىمان بولىدۇ، بەزىلىرىنىڭ پەردىسىدە ئىككى تۆشۇك بولۇپ، ئۇلار يۇقىرى-تۆۋەن ياكى ئوڭ سولدا قاتار ھالەتتە بولىدۇ. بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىدە ناھايىتى كۆپ ئۇششاق تۆشۇكلەر بولۇپ خۇددى خەلۋىرنىڭ تۇشۇكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.قىزلىق پەردە سىرتىدىكى پاكىز بولمىغان نەرسىلەرنىڭ جىنسىي يولغا كېرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ جىنسىي يولنى مۇھاپىزەت قىلىش رولىنى ئوينايدۇ.قىزلارنىڭ ياشلىق مەزگىلىدىن كېيىن تۇخۇمداننىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ بەدەندە ئاياللىق ھورمۇنلارنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ بارىدۇ. جىنسىي يولنىڭ قارشىلىق كۇچى كۇچىيىپ قىزلىق پەردىسى تەدرىجىي ھالدا ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىدۇ.قىزلىق پەردىدىكى تۇشۇكلەر فىزىئولوگىيلىك جەھەتتە ئىنتايىن زۆرۇر بولۇپ، قىزلار بالاغەتكە يەتكەندىن كېيىن ھەر ئايدا بىر قېتىم كېلىدىغان ھەيىز قانلىرىنى مۇشۇ تۇشۇك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ. ئەگەر قىزلىق پەردىدە ئۇششاق تۇشۇكلەر بولمىسا ھەر ئايدا كېلىدىغان ھەيىز قانلىرى توسۇلۇپ قېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقالمايدۇ. بۇ تىببى پەندە پۇتەي پەردە دېيىلىدۇ.ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال ۋاقتىدا سېزىلمىسە ھەيىز قېنى جىنسىي يول ئىچىدە يېغىلىپ قېلىپ، ئايلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆپىيۋىرىپ يۇقىرى ئكرلەپ، بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم تۇشۇش(ئۆتۇش)نەيچىسى ئارقىلىق ھەتتا قورساق بوشلۇقىغا ئېقىپ كېرىشى ،تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىنى ،ئۇچەينىڭ چاپلىشىىپ قېلىشىنى،قورساق بوشلىقىدا يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنىڭ پەيدا بولۇشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يېڭى نىكاھلانغان توي كىچىسى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى يىگىتنىڭ زەكىرىنىڭ قىزنىڭ جىنسى يولىغا كىرىشى بىلەن ئىتتىرىلىپ يىرتىلىدۇ. قىزلىق پەردىنىڭ يىرتىلىشش شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئوتتۇرسىدىن تۆت ئەتراپقا قاراپ تۇۋىگىچە يېرتىلسا بۇ ‹‹پۇتۇنلەي بۇزۇلۇش ››دېيىلىدۇ. بەزىدە يىگىتلەرنىڭ زىيادە قاتتىق كۇچىشى ،ئىتتىرىشى بىلەن قىزلىق پەردە بىلەن بىللە جىنسىي يول دىۋارلىرىمۇ زەخمىلىنىشى مۇمكىن. تۇغقان ئاياللاردا بالا جىنسىي يولدىن ئۆتكەنلىكى ئۇچۇن قىزلىق پەردە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزۇلۇپ ئانچە-مۇنچە تاتۇق ياكى قالدۇق بەلگىسى قالىدۇ بۇ قىزلىق پەردە تاتۇقى دېيىلىدۇ.
يېڭى نىكاھلانغان توي كىچىسى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى يىگىتنىڭ زەكىرىنىڭ قىزنىڭ جىنسى يولىغا كىرىشى بىلەن ئىتتىرىلىپ يىرتىلىدۇ. قىزلىق پەردىنىڭ يىرتىلىشش شەكلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ئوتتۇرسىدىن تۆت ئەتراپقا قاراپ تۇۋىگىچە يېرتىلسا بۇ ‹‹پۇتۇنلەي بۇزۇلۇش ››دېيىلىدۇ. بەزىدە يىگىتلەرنىڭ زىيادە قاتتىق كۇچىشى ،ئىتتىرىشى بىلەن قىزلىق پەردە بىلەن بىللە جىنسىي يول دىۋارلىرىمۇ زەخمىلىنىشى مۇمكىن. تۇغقان ئاياللاردا بالا جىنسىي يولدىن ئۆتكەنلىكى ئۇچۇن قىزلىق پەردە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا بۇزۇلۇپ ئانچە-مۇنچە تاتۇق ياكى قالدۇق بەلگىسى قالىدۇ بۇ قىزلىق پەردە تاتۇقى دېيىلىدۇ.
ئادەتتە قىزلىق پەردە بۇزۇلغاندىن كېيىن ئۇنى قىز دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇنداقمۇ ئەمەس. خېلى كۆپ ھاللاردا راسىت قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى بۇزۇلغان بولىدۇ. ھالبۇكى بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى گەرچە پۇتۇن(بۇزۇلمىغان )بولسىمۇ ، لېكىن ئۇ ئاللىبۇرۇنلار قىز ئەمەس-چوكان بولىدۇ.ئۇ خىلدىكى چوكانلارنىڭ قىزلىق پەردە تۇشۇكى نىسبەتەن چوڭ ،ئەۋرىشىملىكى ياىشى،پەردە ئىچىدە قان تومۇر ئاز بولىدۇ. جىنسىي ئالاقە قىلغان ۋاقىتتا ئەرنىڭ ھەرىكىتى سىلىق،سىپايە بولۇپ، كۆپ قېتىم جىنسىي ئالاقە ئۆتكۇزسىمۇ قىزلىق پەردىسى بۇزۇلمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكىسچە بەزى قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى كۇتۇلمىگەن ياكى ئويلىمىغان بەزى سەۋەبلەر تۇپەيلىدىن بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. مەسىلەن:بەزى قىزلار بالا مەزگىلىدە بىلمەسلىك سەۋەبى بىلەن ئۇششاق ئۇيۇنچۇقلارنى جىنسىي يولىغا كىرگۇزىۋىلىپ قىزلىق پەردىسىنى بۇزىۋىتىدۇ.بەزىلىرىنىڭ تاسادىپى سىرىتتىن زەخمىلىنىدۇ. بەزىلىرى قولى بىلەن لەززەتلىنىش(ئانالىزىم قىلىش)، يۇيۇنۇش ياكى جىنسىي يولغا دورا كىرگۇزۇش قاتارلىقلار بىلەن زەخمىلىنىدۇ. يەنە بەزىلىرىنىڭ قىزلىق پەردىسى ئەسىلىدىلا ناھايىتى ئاجىز بولۇپ توي قىلىشتىن بۇرۇن توپ ئويناش،يۇگۇرەش،ئىگىزگە سەكرەش،ئاتقا مېنىش،ۋېلىسپىت مېنىش،چامباشچىلىق قاتارلىق نىسبەتەن ئېغىر جىسمانىي ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىپ بۇزۇلۇپ كېتىشىى مۇمكىن. شۇڭلاشقا قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسىنىڭ ساق ياكى ساق ئەمەسلىكىگە قاراپ ئۇنىڭ قىز ياكى پاك ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشكە بولمايدۇ.
مەنبە: داۋائىي
مەلۇم بىر تورداش بۇ ھەقتە مۇنداق قاراشنى ئوتتۇرغا قويدى:
قىزلارنىڭ قىزلىق پەردىسى ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى قىزنىڭ ئىپپىتى. يىگىتلىرىمىز بۇ تېمىنى ئوقۇپ غەم تارتىپ قالمىغايسىلە، ئىپپىتى يوق قىزلار بۇنداق باھانە - سەۋەپلەر بىلەن ئۆزىنى ئاقلاپ بولالمايدۇ. بۇنى بېلىش تەس ئەمەس. ئىپپەتلىك قىزدا جىنسىي ئىنتىلىش كۈچلۈك بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن بىرخىل قورقۇش، جىددىيلىشىش ئىپادىسى ئېنىق كۆرۈنىدۇ. ھىسياتىنىڭ ئەۋجىگە چىققىنىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئىپپىتى يوق قىز ھەرقانچە ئۇستىلىق قىلسىمۇ ھىسياتى ئازراق كۆتۈرۈلسە يەنە چاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنىڭ بېلىپ بىلمەي سىزگە ماسلىشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالايسىز. ھىسياتى ئەۋجىگە چىققاندا ھەرقانچە ئۇستىلىق قىلغىنى بىلەنمۇ بىكار. قىسقىسى ئەقىللىقراق بولسىڭىز ھەممىنى بېلىۋالالايسىز. بىلگەن ئىكەنسىز ھىچقانداق ئىشتا ئىككىلەنمەڭ. ئىپپىتى يوق قىز بىلەن ئۆي تۇتسىڭىز ئۆمرىڭىز غەم بىلەن ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. ھەممىمىز بىرلىشىپ ئىپپىتى يوق قىزلارغا جەمئىيەتتە ئورۇن قالدۇرماسلىق ئۈچۈن تېرىشايلى. ئىشنى ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلايلى.
تەقۋا ئىسلام تورىدا بىر ئايالنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى سۇئالىغا جاۋاپ بىرىلىپتۇ:
سوئال:
مەن مۇسۇلمان بىر ئايالمەن. پۈتۈن ئىشلىرىمدا ئاللاھتىن قورقىمەن. خۇددى ئۆزۈمدەك ئېسىل بىر ئەرگە ياتلىق بولغانتىم. مۇناسىۋىتىمىز ناھايىتى ياخشى ئىدى. مۇھەببەت، بىر - بىرىمىزنى ھۆرمەتلەش، ئىناقلىق، ئائىلىمىزنى سۆيۈش ھەممىسى تولۇق ئىدى. لېكىن ئەپسۇسكى، شامال كېمە خالىمىغان تەرەپتىن چىقىپ قالدى. بۇ كۈنلەردە مېنىڭ قىز ئەمەسلىكىمنى بايقاپ قالدۇق. لېكىن مەن زىنا قىلغان ئەمەسمەن. مۇشۇ ئېرىمدىن باشقا ھېچكىم مېنىڭ قولۇمنىڭ ئۈچىنى تۇتۇپ باققان ئەمەس.
جاۋاب:
ئېرىڭىز دىيانەتلىك ۋە ئەقىللىق كىشى بولۇپ، سىزگە راستىنلا ئىشەنسە، ئۇنىڭ سىزنىڭ سۆزىڭىزگە ئىشنىشى كېرەك. چۈنكى قىزلىقنىڭ يوقىلىشى جىنسىي ئالاقە بىلەنلا ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن بولىدۇ. قىزلىقى يوقالغان قىزنىڭ ھەممىسىنى زىنا قىلدى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ سىلەرنىڭ بىرلىكتە سىزنىڭ قىز ئەمەسلىكىڭىزنى كەشپ قىلغىنىڭلارغا ئاساسەن شۇنداق. ئەمما بەزىدە ئاراڭلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكەن بولسىمۇ قىزلىق پەردىسى يىرتىلمايدىغان، قان چىقمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. بۇ قىزلىق پەردىسىنىڭ ھەممە ئايالدا ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبتىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ پەردىسى رېزىنكىدەك سوزۇلىدىغان قاتتىق كېلىدۇ. مۇنداق پەردىلەر جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈش بىلەن يىرتىلمايدۇ. ئۇنى ئوپېراتسىيە قىلىپ كېسىشكە توغرا كېلىدۇ. دوختۇرلارغا بۇ مەسىلە ناھايىتى ئېنىقتۇر.
قىزلىق پەردىسى پەقەتلا ماددىي بىر ئالامەت بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئايال كىشىنى قىز ياكى يولدىن چىققان دەپ باھالىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەھكىمىلەردە ئاياللارنى قىزلىق پەردىسى يىرتىق چىققانلىقى سەۋەبلىك ئېيىبلىمايدۇ. چۈنكى ئۇ نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن يىرتىلىپ كېتىدۇ.
ئۇنداقتا قىزلىق پەردىسىنىڭ يىرتىلمىغانلىقى ئۇ ئايالنىڭ قىز ئىكەنلىكىگە دەلىل بولالمايدۇ. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ يوقالغانلىقى ئۇنىڭ ئەكسىگە دەلىل بولالمايدۇ. سىلەرنىڭ دوختۇرغا بېرىپ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.