1. بەرەڭگى ياپراقچىسى. بەرەڭگى ياپراقچىسىدا كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك بولغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددا −− ئاكرىلامىد بولىدۇ. ئاكرىلامىد خام ئەشياسىدا كۆپ مىقداردا كاربون سۇ بىرىكمىلىرى بولغان ۋە قىزدۇرۇلۇش تېمپېراتۇرىسى ℃120تىن ئېشىپ كېتىدىغان يېمەكلىكلەردە بولىدۇ. بەرەڭگى ياپراقچىسى بۇ شەرتكە تولۇق چۈشىدۇ. ياپونىيە يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ۋازارىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدە بەرەڭگى ياپراقچىسىدا ئاكرىلامىدنىڭ مول ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
2. مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگى قەلەمچىسى. مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگى قەلەمچىسىمۇ ئاكرىلامىد مول بولغان يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مايدا پىشۇرۇلغان بەرەڭگى قەلەمچىسىدىكى ئاكرىلامىدنىڭ ئەڭ يۇقىرى قويۇقلۇقى بەرەڭگى ياپراقچىسىنىڭ 1.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. مەيلى ئۆزى پىشۇرغانلىرى بولسۇن ياكى ئاشخانىلاردىن سېتىۋالغانلىرى بولسۇن ھەممىسىلا ئوخشاش بولىدىكەن.
3. تورت. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇغداي ئۇنىنى خام ئەشيا قىلىپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا پىشۇرۇلغان تورتلاردىكى ئاكرىلامىدنىڭ قويۇقلۇقى بەرەڭگى ياپراقچىسى بىلەن ئوخشاش بولىدىكەن، ئەمما تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا پىشۇرۇلغان تورتلاردا بۇنداق مەسىلە مەۋجۇت بولمايدىكەن.
4. تېز ئېرىيدىغان قەھۋە. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە قەھۋە پۇرچىقى، قورۇلغان چاي ۋە قۇرۇق قورۇلغان بۇغدايلاردىكى ئاكرىلامىدنىڭ قويۇقلۇقىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئاكرىلامىد راك پەيدا قىلىپلا قالماستىن، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا، نېرۋا سىستېمىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدىكەن.
بۇلاردىن باشقا تۈرلۈك قورۇما، پېچىنە - پىرەنىك ۋە كاۋاپ قاتارلىقلاردىمۇ ئاكرىلامىد بولىدىكەن. ئەمما قىزدۇرۇلمىغان يېمەكلىكلەر بىلەن ھوردا ياكى سۇدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردە ئاكرىلامىد بولمايدىكەن.
نۇسرەتگۈل ئۆمەر تەرجىمىسى
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بالىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ
سېمىزلىك بالىياتقۇ راكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى خاتا قاراشلار
ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىچىشتىكى 7 خىل خاتا قاراش
قېرىشنى كېچىكتۈرىدىغان يېمەكلىك
تەنگە شىپا
ئاق نېلۇپەر ئۇرۇقى ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ
شېكەر سۈيى ئىچىپ بېرىش ئەتىيازدا چارچاشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمنى نابۇت قىلغان چۇمادۇ
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بالىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ
