• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-02
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

     72Xئاقيول تور بىكىتى

    20300205495471135441522372636_02_250_250.jpg72Xئاقيول تور بىكىتى


    72Xئاقيول تور بىكىتى

     ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىشنىڭ قانداق پايدىسى بار؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەندە كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك توسىيالايدۇ. داۋالاشمۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ سانىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە شۇ ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەرخىل يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ.72Xئاقيول تور بىكىتى

      ۋىروسقا قارشى دورىنى قانچىلىك ۋاقىت ئىچىمىز؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئادەتتە ۋىرۇسقا قارشى دورىنى چوقۇم بىر ئۆمۈر ئىچىدۇ، دورا ئىچىشنى خالىغانچە توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. خۇددى يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابىت قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى داۋالىغاندەك، دورىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچىشنى ھەمدە كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۆزگىرىشىگە قاراپ تەڭشەش لازىم.72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نوقتىلىرى ۋە بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلار قايسى؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      تىيانشان رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۇقتىسى، سايباغ رايونىدىكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۇقتىسى، شىمىگو رايونىدىكى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش نۇقتىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك دوستلۇق دوختۇرخانىسى.72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەيدىز كېسىلىدىن مەسلىھەت سوراش ئورنىنىڭ قىسقارتىلمىسى نېمە؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      Vct (سەھىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرى بېكىتكەن داۋالاش ئورگانلىرى)72Xئاقيول تور بىكىتى

    ئىمۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇردىغان بىر نەچچە خىل يېمەكلىك قايسىلار؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      دېڭىز يوسۈنى (خەيدەي)، تەرخەمەك، ئاچچىق كاۋا، پۇرچاق ۋە پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، سامساق، گۈمبۈمەدەك، بامبۇك نوتىسى، تاۋۇز، ئۈزۈم، بۆلجۈرگەن، شاپتۇل، كاۋا.72Xئاقيول تور بىكىتى

      جاننى قۇتقۇزغۇچى دورىنى توختىىشقا بولامدۇ؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ۋىروسقا قارشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دورىنى ھەر دائىم ۋاقتىدا ئىچىش لازىم، يەنى بىر ئايدا دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قېلىش قېتىم سانى ئۈچ قېتىمدىن ئاشماسلىقى لازىم. دورا ئىچىش خۇددى كۈندە تاماق يېيىشتەك، چوقۇم بىمارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس قىسمى بولۇشى لازىم. بۇ بىمارنىڭ كېساللىكنى ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلىشتىكى بىردىنبىر چارىدۇر، ئەگەر دورىنى داۋاملىق ئىچمىسىڭىز، دورا مىقدارى ۋىرۇسنىڭ كۆپىيىشىنى كونتىرول قىلىشقا يەتمەي، داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بولماي ئاسانلا دورا كار قىلماس بولۇپ قالىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ھېچقانداق دورا تەسىر قىلماس بولىدۇ .72Xئاقيول تور بىكىتى

      دورا ئىچكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ھەر كۈنى ۋاقتىدا دورا ئىچىش، دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز دورىنى توختاتماسلىق، مىقدارىنى ئازايتماسلىق ياكى مىقدارىنى ئاشۇرماسلىق كېرەك.72Xئاقيول تور بىكىتى

      كۆپ ساندىكى ۋىرۇسقا قارشى دورىلار كۈندە ئىككى قېتىم، 12 سائەتتە بىر قېتىم ئىچىلىدۇ. بەزى دورىلار كۈندە بىر قېتىم بولۇپ، كۈندىلىك دورا ئىچىش ۋاقتى مۇقىم بولۇشى كېرەك، بۇ دورىلارنى تاماق بىلەن بىللە ياكى ئاچ قورساق ئىچىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش كېرەك. ئەگەر دورا ئىچىش ۋاقتىدىن تۆت سائەت ئۆتۈپ ئاندىن دورا ئىچىش يادىڭىزغا كەلسە، دورىنى تولۇقلاپ ئىچىشكە بولمايدۇ. يەنە بىر قېتىم دورا ئىچىش ۋاقتىغا كەلگەندە دورا ئىچىش كېرەك. بىر قېتىمدا ئىككى ۋاقلىق دورىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچىشكە بولمايدۇ. دورا ئىچىپ بىر سائەت ئىچىدە قۇسۇپ ياندۇرىۋەتكەندە، ئىچكەن دورا بەدەن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغاچقا، دورىنى قايتا ئىچىش كېرەك. ئۆزى ئىچىۋاتقان دورىنى باشقىلارنىڭ ئىچىشىگە بېرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى ھەر بىر كىشىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى، داۋالىنىشى ۋە ئىچكەن دورىسى ئوخشىمايدۇ.72Xئاقيول تور بىكىتى

    دورا ئىستىمال قىلىپ بىئاراملىق ھېس قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورا ئىشلەتكەن دەسلەپكى نەچچە ھەپتىدە، دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى سەۋەبىدىن بەزىلەردە ھېرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، بەدەن ئاغرىش ياكى قاپارتقۇ چىقىش قاتارلىق يېنىك بولغان ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇنىڭدا بىئارام  بولسىمۇ چىدىغىلى بولىدۇ، ھەمدە كۆپ قىسىم ئالامەتلەر ئىككى، ئۈچ ئاي ئىچىدە يېنىكلەيدۇ ياكى يوقايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك يېنىك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دورىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىش كېرەك. ئاز ساندىكى كىشىلەردە ئېغىر بولغان ئەكىس تەسىر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، ئېغىر دەرىجىدىكى قاپارتقۇ، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى ياكى سۈت كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش قاتارلىقلار، بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە ۋاقتىدا دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشش لازىم.72Xئاقيول تور بىكىتى

      دورا ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا بەدەن تەكشۈرتۈش لازىم؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      بەدەن تەكشۈرتۈش ۋاقتى: دورا ئىستېمال قىلغاندىن باشلاپ دەسلەپكى بىر يىلدا ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە قېتىم تەكشۈرتۈش لازىم. يەنى دورا ئىستېمال قىلغاندىن باشلاپ دەسلەپكى يېرىم ئايدا، بىرىنچى ئايدا، ئىككىنچى ئايدا، ئۈچىنچى ئايدا، ئالتىنچى ئايدا ھەم ئون  ئىككىنچى ئايدا تەكشۈرتۈش لازىم.72Xئاقيول تور بىكىتى

      قىزىغاندا قانداق قىلىش لازىم؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ياخشى ئارام ئېلىش، قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش لازىم. سوغۇق سۇدا نەملەنگەن لۆڭگىنى بىمارنىڭ بېشىغا قويۇش ياكى ھۆل لۆڭگە بىلەن بىمارنىڭ قولتۇق، كۆكرەك ھەم دۈمبىسىنى سۈرتۈش لازىم. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى ئىشلىتىش لازىم. مەسىلەن، ئاسپىرىن قاتارلىقلار.72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن روھىي بېسىمنى قانداق يېڭىش كېرەك؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش لازىم. ئاندىن كېيىن يەنە چۈشكۈنلىشىپ كەتمەي، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشاش لازىم. ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغانلىق ھەرگىزمۇ ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئادەتتە يەتتە يىلدىن ئون يىلغىچە ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ. باشقا كىشىلەردەك خىزمەت قىلغىلى، ئەمگەك قىلغىلى، ئۆگىنىش قىلغىلى ھەم تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قورقۇش ھەم چۆچۈش بولسا ناھايىتى نورمال ئەھۋال. ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى بېسىشقا ئۇرۇنماڭ، بىخەتەر ئۇسۇلدا بۇ ھېسىياتىڭىزنى ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ. ئاخىردا، تۇراقلىق روھىي كەيپىيات ساقلاش ناھايىتى مۇھىمدۇر.72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ئوزۇقلىنىشتا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      يۇقىرى ئاقسىللىق، يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىش لازىم. مەسىلەن، تۇخۇم، سۈت، گۆش ھەم پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر، يېڭى كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم. ھەر قېتىملىق تاماقتا نەچچە تۈرلۈك يېمەكلىكنى بىللە ئىستېمال قىلىش، ئاچچىق ۋە غىدىقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق ياكى ئىستېمال قىلىش لازىم. يېمەكلىك تازىلىقىغا دىققەت قىلىپ، مىكروپ بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.72Xئاقيول تور بىكىتى

    ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ھاراق ئىچسە، تاماكا چەكسە بولامدۇ؟72Xئاقيول تور بىكىتى

       ھاراق ئىچىش، تاماكا چېكىش ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، نەپەس يولى ۋە ئۆپكىگە زىيان كەلتۈرىدۇ، جىگەرنىڭ خىزمەت سىجىللىقىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىكنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاسانلا ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۆپكە تۇبىركۇليۇز ياللۇغىغا گىرىپتار قىلىدۇ. ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە كونتروللۇقنى يوقىتىپ، خەتەرلىك ئىش ھەرىكەت ياكى قىلمىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھاراق ئىچىپ تاماكا چەككەندە ئىقتىسادىي بېسىمنى ئاشۇرىدۇ. ئەگەر بۇ ئىقتىسادنى ئوزۇقلىنىشقا ئىشلەتكەندە، سالامەتلىكنى ياخشىلاپ، ھاياتنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەر-ئايال ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بولسا، ئۇلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانسىمۇ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشتىن بەھرىلەنسە بولىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپكە يۇقتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر قېتىمدا سۈپىتى لاياقەتلىك بولغان گاندوننى توغرا ئىشلىتىش لازىم. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئەر-ئايال ھەرئىككىيلەن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان بولسىمۇ، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا گاندون ئىشلىتىش كېرەك. بولمىسا قايچىسىمان يۇقۇملىنىش ۋە باشقا كېسەللىكلەردىن  يۇقۇملىنىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھامىلدار بولسا بولامدۇ؟72Xئاقيول تور بىكىتى

       ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئايال پەرزەنتلىك بولماقچى بولسا، ئاۋۋال دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، يۈز بېرىش ئىھتىماللىقى بولغان ئاقىۋەتنى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك. ئەگەر تۇغۇشنى قارار قىلسا چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋىرۇسقا قارشى  دورا ئىشلىتىش، تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى جەريانىدا زەخملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش يەڭگىگەندىن كېيىن ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتمەسلىك قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىش لازىم. بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنىڭ يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.72Xئاقيول تور بىكىتى

    ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنى پەرۋىش قىلىش جەريانىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلغاندا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەگەر جاراھەت بولسا چوقۇم ياخشى تېڭىش لازىم. بىمارلارغا كىيىم ئالماشتۇرغاندا، كىرلىك، بەدەن سۇيۇقلۇقىغا تېگىشكەندە ئەڭ ياخشى رېزىنگە پەلەي كىيىۋېلىش ۋە قولنى سوپۇن بىلەن يۇيۇش لازىم. بىمارنىڭ قۇسۇقىنى، سۈيدۈكىنى، چوڭ تەرىتىنى، قېنىنى بىر تەرەپ قىلغاندا رېزىنگە پەلەي كىيىۋېلىش لازىم. كىيىم-كېچەك ياكى يوتقان-كۆرپە كىرلىكىدە قان داغلىرى ياكى ئاجراتمىلار بولغاندا ئالدى بىلەن ئىككى پېرسەنتلىك ئاقارتقۇچى سۇيۇقلۇق ياكى دېزىنفىكسىيە سۇيۇقلۇقىغا 30 مىنۇت چىلاپ قويۇپ ئاندىن يۇيۇش كېرەك. تەرەت قاچىسىنى تۇرۇبا سۈيىدە چايقىۋەتسە بولىدۇ. بەدەن سۇيۇقلۇقى، ئاجراتمىلار بىلەن بۇلغانغان تازىلىق قەغىزى، داكا قاتارلىقلارنى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ كۆيدۈرۈۋېتىش كېرەك.72Xئاقيول تور بىكىتى

      گاندون ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      گاندون فىزىكىلىق توساق پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىشنى توسۇپ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن، يەنە ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىدۇ. شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى، گاندون ئىشلىتىپ ئەيدىز، جىنسىي كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈمى %100 بولمايدۇ. لېكىن ئىشلەتمىگەندىن كۆپ بىخەتەر.72Xئاقيول تور بىكىتى

      جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن ئەيدىزنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى زىچ . جىنسىىي كېسەللىكلەرئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. چۈنكى جىنسى كېسەللىككە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، جىنسىي ئەزا ئەتراپىدىكى تېرە توقۇلمىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىنى ۋە زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم تېنىگە كىرىپ كېتىش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ، جىنسىي كېسەلدىن يۇقۇملىنىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ. شۇڭا ، جىنسىي كېسەلدىن يۇقۇملانغان ھامان، چوقۇم مۇنتىزىم داۋالىنىپ ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك.72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خاتا تەدبىرلەر قايسىلار؟72Xئاقيول تور بىكىتى

    ھېچقانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، داس بوشلۇقىنى يۇيۇش ياكى تەن سىرتىغا ئىسپىرما قۇسۇش، ئەتراپقا دورا سۈركەش قاتارلىقلار ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز توغرا بولغان ئۇسۇللارنى قوللىنىشىمىز كېرەك.72Xئاقيول تور بىكىتى

      ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قارىتا دۆلىتىمىزنىڭ قانداق سىياسەتلىرى بار؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمارلارغا قارىتا تۆۋەندىكى سىياسەتلەرنى تۈزدى:72Xئاقيول تور بىكىتى

    1 .ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرتىدىغانلارنى ھەقسىز مەسلىھەت ھەمدە دەسلەپكى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش بىلەن تەمىنلەيدۇ.72Xئاقيول تور بىكىتى

    2 .ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.72Xئاقيول تور بىكىتى

    3 .ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ھامىلىدارلارنى ھەقسىز داۋالاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.72Xئاقيول تور بىكىتى

    4.ئەيدىز كېسلى بار يېتىم بالىلارنىڭ ئۇقۇش ھەققىنى كۆتۈرۈۋېتىشكە بولىدۇ.72Xئاقيول تور بىكىتى

    5 . تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئەيدىز كېسىلى بىمارلىرىنى زۆرۈر بولغان تۇرمۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەم غەمخورلۇق قىلىدۇ.72Xئاقيول تور بىكىتى

      قانداق قىلغاندا قان بېرىشتىكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟72Xئاقيول تور بىكىتى

      ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش، ھۆكۈمەت تەستىقلىغان قان ئېلىش نۇقتىلىرىغا بېرىپ قان تەغدىم قىلىش.72Xئاقيول تور بىكىتى


    72Xئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز