ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەلنى چېكىندۈرىدۇ.لېكىن ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.بۇ چاغدا ئادەم بەدىنى ئۆپكە يەللىكى، مېڭە پەردە يەللىكى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق پۇرسەتپەرەس كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. ئادەم بۇنداق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن، ئۇ ئادەمنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ.ئەيدىز كېسىلى ئېرىشمە خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كەملىك سىندروماغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆزى كېسەللىك ئەمەس، بەلكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان باشقا كېسەل ھالىتى ياكى كېسەلنىڭ يىغىندا ئالامىتى.ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلمەيدۇ، بەلكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ پەرقى شۇكى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ئەمما كۆرۈنەرلىك ئالامەت تېخى كۆرۈلمىگەن، ئەيدىز كېسىلى، دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەيدىز ئاغرىقى ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، شۇنداقلا كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولغان، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچى، دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقى ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ، ھەر ئىككىسى يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە.ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا ئاللىقاچان كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلاردا كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، سىرتتىن قارىغاندا ساغلام كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى، دەپ ئاتىلىدۇ.ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئالامەتسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت بولغاندىن باشقا، ئۆزىگە سېزىلىدىغان ئالامەتلەر ۋە مۇسبەت بەدەن بەلگىلىرى بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ، ئادەتتە يېرىم يىلدىن 12 يىلغىچە بولىدۇ، ئاز ساندىكىلەردە 20يىلدىن ئاشىدۇ.ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن دەۋرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە يىل بولىدۇ.
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار -ئالاھىدە تەۋسىيە
ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ھاراق ئىچسە تاماكا چەكسە بولامدۇ
ئەيدىز دېگەن نېمە؟
پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇمىلىنىش دىگەن نىمە
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھاملىدار بولسا بولامدۇ
ئەر ئايال ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇىسدىن يۇقۇملانغان بولسا, ئۇلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ
زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇنداقمۇ مۇناسىۋىتى بار
بىز ئەيدىزگە قانداق قارايمىز؟
ئەيدىز بىمارىدىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغۇچىغا ئايلىنىش
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بالىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ
سېمىزلىك بالىياتقۇ راكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئەرلەر
