• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئەيدىز بىمارىدىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغۇچىغا ئايلىنىش

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-01-28
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    PSKئاقيول تور بىكىتى

    ئۇ بىر ئەيدىز بىمارى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرۇش پىدائىيىسى. ئۇ ھەر قېتىم يىڭنە نەيچە بىلەن ئوكۇل يىڭنىسىنى كۆرگىنىدە ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ كېتەتتى ئۇ بىكار قالغان چېغىدا قۇلىغا سولياۋ خالتىنى ئېلىۋىلىپ زەھەر چىكىدىغانلار بەكرەك مەركەزلەشكەن ئولتۇراق رايوننىڭ چىملىق ۋە كارىدور قاتارلىق يەرلەرگە تاشلىۋەتكەن ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئىزدەپ تېپىپ سولياۋ خالتىغا قاچىلاپ تازىلىق بۆلۈمىگە تاپشۇرۇپ بىرىپ ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش يىغىپ بېرىدىغان ئشلارنى قىلاتتى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    بىر قېتىم ئولتۇراق رايوندا بىر نەچچە بالىلارنىڭ تاشلىۋەتكەن يىڭنە نەيچىسىنى ئويناپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ يۈگۈرەپ بېرىپ بالىلارنىڭ قولىدىن يىڭنە نەيچىسىنى تارتىۋالغان چېغىدا بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ساراڭكەن دېيىشكەنىدى...PSKئاقيول تور بىكىتى

    ئۇ ئون يىل بۇرۇن زەھەرگە خۇمار بولغان چېغىدا ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمىغان ھەمدە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قۇيۇلغاندا ئۆلۈۋېلىشنى ئويلىغان. بىراق ھازىر ئۇ تەڭرىتاغ رايونى جىددىي كېسەللىكنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ رۇخسىتى بىلەن جامائەت پاراۋانلىقىدا ئالتە يىل چىڭ تۇردى چۈنكى ئۇ مېھىر-مۇھەببەتنىڭ كەمسىتىلىشىنى يۇقۇتۇپ مۆجىزە ئەكېلىشىگە ئىشىنىدۇ.PSKئاقيول تور بىكىتى

    ئۇنىڭ ئىسمى ۋاڭيا بولۇپ ئۇ بىر ئەيدىز بىمارى بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەيدىز كېسىلىگە قارشى تۇرىدىغان جەڭچى. 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيا ئەيدىز خاتىرە كۈنىدە مۇخبىر بۇ ئالاھىدە بولغان «پىداكار»نى زىيارەت قىلدى.PSKئاقيول تور بىكىتى


    PSKئاقيول تور بىكىتى

    قايتا تېرىلىشPSKئاقيول تور بىكىتى

    «زەھەر چېكىش خۇمار»ىنى بېسىپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن قەددىنى رۇسلاپ زەھەر تاشلىدى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    11-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋاڭيا تەڭرىتاغ رايونىنىڭ جىددي كېسەللىكنى كونتېرول قىلىش مەركىزىنىڭ ئىشخانىسىدا بىر قولىدا تېلېفون بىر قولىدا خاتىرە قالدۇرغاچ تېلېفوندا داۋالاش ئاخىرلىشىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتكەن بىر ئەيدىز بىمارىدىن ئەھۋال سورىدى ئۈستەلنىڭ ھەممە يېرىدە ماتېرىيال بولغاچقا ئىشخانا بىرقەدەر قالايمىقان ئىدى بىراق ئۇ ھامان قۇلىنى ئۈستەلگە ئۇزارتىپ ئۆزىگە لازىم بولغان ماتېرىيالنى تاپالايتى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    بىر دوستى تېلېفوننى ئالمىغاچقا ئۇ دوستىدىن ئەھۋال سوراش ئۈچۈن بۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولدى ۋاڭيانىڭ دېيىشىچە: ئۇنىڭ دوستى بولسا ئەيدىز بىمارى بولۇپ ۋاڭيا ئەھۋال سوراپ تۇرىدىغانلارنىڭ بىرسى ئىدى ۋاڭيا ئۇلارنى «دوستۇم»دەپ ئاتاشنى بەكمۇ خالايدۇ چۈنكى ئۇ بۇلارغا ئوخشاش كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    ۋاڭيانىڭ كىچىك چېغىدىلا ئانىسى تۈگەپ كەتكەن ئۇ بالىلىق چېغىدا زەھەر چىكىشكە ئۆگىنىپ قىلغانىدى بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن كەمسىتىلەتتى ئاغرىق ئازابى ۋە يالغۇزلۇق ئۇنى توختىماي ئازاپلىغان ئىدى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    2005-يىلى ۋاڭيا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن چېغىدا ئۇنىڭ تۇنجى ئويلىغىنى بولسا بىنانىڭ ئۈستىگە چىقىپ سەكرەپ ئۆلىۋالماقچى بولغان ئىدى. دەل مۇشۇ چاغدا تەڭرىتاغ رايونى جىددىي كېسەللىك مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتى ھەمدە ئۇنى توختىماي ئەيدىز كېسىلى توغرىسىكى لېكسىيە پائالىيەتلىرىگە تەكلىپ قىلدى دەسلەپتە ئۇ رەت قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ ھەتتا ئۆز-ئۆزىگە لەنەت ئوقۇدى بىراق خىزمەتچى خادىملار قايتا-قايتا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    ۋاڭيا تۇرۋاتقان تەڭرىتاغ رايونى بولسا مەركەزلىكئەيدىز ۋىروسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم دەپ قاراپ ئۈلگە كۆرسەتكەن رايون بولۇپ 2004-يىلدىن باشلاپ تەڭرىتاغ رايونلۇق جىددىي كېسەللىك مەركىزى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلاردىن ئەھۋال سوراش ئىشلىرىنى كۈچەيتىپ ۋىروسقا قارشى داۋالاش ۋە ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەرنى يولغا قويدى. بۇ يىل يەنە 97800 يۇەن مەبلەغ ئاجىرتىپ ياردەمگە مۇھتاج كىشلەرگە تارقاتتى ھەمدە 329 بىمارنىڭ تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىشىغا ياردەم بەردى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    ۋاڭيا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ بەرگەن چېغىدا تۇيۇقسىز كۈلۈپ تاشلىدى ۋاڭيانىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە: ئۇ ئەينى چاغدا بېرىشتىن قورققان ئىدى. لېكىن شۇنداق بولسىمۇ خىزمەتچى خادىملاغا پەقەتلا بىر بېرىپ كۈرۈپ بېقىشىغا ماقۇل بولغان ئىدى شۇ بىر قېتىملىق پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئۇنىڭدا قايتا ياشاش ئىستىكى پەيدا بولغان ئىدى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    جىددىي كېسەللىك مەزكىزىنىڭ خادىملىرى ۋاڭياغا نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارنى تۇنۇشتۈرۈپ بۇ بىمارلارنىڭ ساغلام ئادەملەرگە ئوخشاش خىزمەت ئۆگىنىش قىلىدىغانلىقى ھەمدە نورمال تۇرمۇش كەچۇردىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. بۇ ئۇزۇندىن بىرى گومۇشلۇق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان ۋاڭياغا بەكمۇ تەسىر قىلىپ بۇ دۇنيادا يەنە مۇنداقمۇ «ياشاش» ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىغا ھەيران قالدى شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەددىنى رۇسلاپ قەيسەرلىك بىلەن زەھەر تاشلاشقا بەل باغلىدى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    2008-يىلىغا كەلگەندە ۋاڭيانىڭ زەھەر تاشلىشى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپ كېسەللىك ئەھۋالىمۇ نورمال ھالەتكە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭرىتاغ رايونلۇق جىددىي كېسەللىك مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنۇپ ئۆزىنىڭ ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق بىر پىدائىي بولۇشىنى ئۆتىندى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئەيدىز بىمارلىرىغا ياردەم بىرىپ ئۇلارنى جەمىيەتنىڭ ئىللىق قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    بۇ يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ دوكلات قىلشىچە 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە پۈتۈن جۇڭگودا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئەيدىز بىمارىنىڭ سانى 434 مىڭ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە 9636 سى ئۈرۈمچى شەھىرىدە بايقالغان.PSKئاقيول تور بىكىتى

    جۇڭگو ئەيدىز تورىدىن تەرجىمە قىلىنىدى.PSKئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز