• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • توي-تۆكۈن توغرىسىدا

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-30
    تەھرىر : sarayjan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ>

     بۈگۈن سىڭلىم زۇمرەتنىڭ ئۈن دىداردا يوللىغان خەلقىمىزنىڭ توي مۇراسىمى توغرىسىدىكى يازمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ،بىرئاز ئويلۇنۇپ قالدىم.ئېسىمدە قېلىشىچە،بۇ تېما  توغرىسىدىكى مۇنازىرە ۋە پىكىر-سۆھبەتلەر مەتبۇئات ۋە گېزىت-ژورناللاردا ئاز تىلغا ئېلىنمىدى.توي-تۆكۈنلەر(بۆشۈك توي،خەتمە توي،قىز-يىگىت تويى قاتارلىقلار)نىڭ ھەددىدىن زىيادە ھەشەمەتلىك ۋە ئىسراپچىلىق تۈسىنى ئېلىپ كېتىشى،ئۆزئارا بەسلىشىشلەر،ئۆز مىللىتىنىڭ مەدىنىيەت،ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ،باشقا ئەللەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ھەددىدىن زىيادە چوقۇنۇشتەك ئىللەتلەر بىر قىسىم كىشىلەردە بەكمۇ ئەۋج ئالدى.بۇ خىل ئەھۋال بىزنى قاتتىق ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.شۇڭا،سىڭلىمنىڭ ماقۇللىغىنى ئالغاندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئاددىي تىلىدا يازغان بۇ يازمىسىنى تور بەتتە ئېلان قىلىپ،كۆپچىلىكنىڭ بۇ توغرىسىدىكى قاراشلىرى بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى خوپ كۆردۈم.
       يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان قىز-يىگىت تويلىرىمىزنىڭ مەسلىھەت چايلىرىدا باشقىچە يېڭىلىقلار يۈز بېرىشكە باشلىدى.بىلمىدىم،بۇ يېڭىلىقلار بىزنىڭ ئىدىيىمىزنى ئازات قىلغانلىقتىن بولىۋاتقانمىدۇ ياكى تېخىمۇ خۇنۈكلىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكتىنمىدۇ،راستلا بىلەلمەي قالدىم.
       توغرا،مەسلىھەت چاي قىلىش كېرەك،تويدا سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان دوست-بۇرادەرلەرگە ياخشى داستىخان سېلىپ،قىلىدىغان خىزمەتلىرىنى لايىغىدا بۆلۈپ بېرىپ،توينى ئاددى ۋە رەتلىك ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىدى.لېكىن ھازىرقى مەسلىھەت چايلارنىڭ كۆلىمى ۋە ھەشەمىتى بەكمۇ ئېشىپ كەتتى.ئايرىمخانىلار ياۋروپاچە بىزەلدى،تاماق شىرەلەرنىڭ ئۈستى چاي پىيالىسىمۇ پاتمىغۇدەك دەرىجىدە نازۇ-نىمەتلەر بىلەن لىق توشقۇزىۋېتىلدى،توي قىلماقچى بۇلغان قىز بولسا خۇددى ھوللىۋود ئايال چولپانلىرىدەك(يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە) ياسىنىپ مەسلىھەت چاي ئۆتكۈزىۋاتىدۇ.بۇنداق ھەشەمەتلىك كىيىنىش ۋە ياسىنىش ئۈچۈن ئاز پۇل خەجلەنمەيدۇ.ھازىرقى مودا كىيىم ۋە يىمەك-ئىچمەكلەر ئادەتتىكى ئاۋام خەلق ئىستىمال قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ئۇنچىۋالا ئەرزانمۇ ئەمەس.
       مەنمۇ يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنىڭ بەختلىك ئائىلىسىنى قۇرغان ئىدىم.ئۇ ۋاقىتتا، مەسلىھەت چېيىمنى ئاپامنىڭ تەييارلىغان بىر نەچچە خىل مىزىلىك  تاماقلىرى بىلەن ئۈيدە ئاددىغىنە قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئىدىم،لېكىن تولىمۇ مەنىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بولغان ئىدى.تويلىرىممۇ ئاق كۆڭۈل دوستلىرىم ۋە كۆيۈمچان ئۇرۇق-تۇققانلىرىمنىڭ يار-يۆلەكتە بولۇشى،جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىشى نەتىجىسىدە،شول مۇبارەك قۇتلۇق كۈنىمىز تولۇمۇ ئاددى ئەمما تولۇمۇ ئېسىل ۋە شات-خۇراملىق ئىچىدە  ئۆتكەن ئىدى.
       مەن سىزنى مەسلىھەت چاينى ئۈيدە قىلىڭ دېگىنىم ئەمەس ئەلۋەتتە،مەيلى نەدە قىلسىڭىزمۇ،سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلماقچى بۇلغان دوست-يارەنلىرىڭىزگە لايىغىدا داستىخان سېلىڭ،لىكىن چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن،چۈنكى ھەممە نەرسىنىڭ ئالمىقى ۋە بەرمىكى بولىدۇ.شۇنچىلىك نازۇ-نىمەتلەرنى دۆۋىلىۋەتكىنىڭىزگە،ھازىرقى قىزلېرىمىز سەمىرىپ كېتىشىدىن قورقۇپ ھىچنىمە يىمەيدۇ،ياكى ئانچە-مۇنچە يەپ قويىدۇ.شىرەگە تىزىۋالغان نەرسىلىرىڭىز شۇ پېتى ئېشىپ قالىدۇ ھەم تۆكۈلىدۇ.خەقنىڭ نېمە دەپ قېلىشىدىن قورقۇپ مەنمەنچىلىك،يوغانچىلىق قىلسىزيۇ،شۇ قىلمىشلىرىڭىزنىڭ قىساسى تۇتىشىدىن قورقۇپ كەتمەيسىز.
        ئەمدى سىزنىڭ غەربچە كىيىنىۋېلىشىڭىزغا كەلسەك،مېنىڭچە ھەر بىر ئەلنىڭ،ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان كىيىم-كېچەك مەدىنىيىتى بولىدۇ.ئەلۋەتتە،بىزنىڭمۇ نەچچە مىڭ يىللىق كىيىم-كېچەك مەدىنىيىتىمىز بولغان.بەلكىم سىز بۇ كىيىملىرىمىزنى تولىمۇ كونا،مودىدىن قالغان دەپ قارىشىڭىز مۈمكىن.ئەمما سىز بىلمىسىڭىز كېرەك،يېقىندا،بىزنىڭ كىيىم-كېچەك مەدىنىيىتىمىز غەرب ئەللىرىدە قەدىرلىنىپ،مودا كىيىم كۆرىكىدە تونۇتىلىۋاتىدۇ.مېنىڭچە ئۆزىڭىزنىڭ مەدىنىيىتىدىن،ئېسىل ئەنئەنىسىدىن يىرگەنسىڭىز،مەن پەقەت ئەپسۇسلۇق ئىچىدە سىزگە ئىچىم ئاغرىپ خۇرسىنىپ قويىمەن خالاس.لېكىن سىزگە دەيدىغىنىم«ئادەم ھۆسنى بىلەن ئەمەس،بەلكى ئەقلى بىلەن گۈزەل»كۆرىنىدۇ. 
       ھەددىدىن زىيادە ئىسراپچىلىق ۋە ھەشەمەتچىلىك ئەزەلدىن بىزگە تەئەللۇق بىر قىلىق ئەمەس ئىدى.ئەجداتلىرىمىز ناننى قەدىرلەپ كەلدى،ئىسلام ئەقىدىسىدىمۇ بۇ توغرۇلۇق دېيىلگەن تەربىيىلەر ئاز ئەمەس.بىز ھەممىنى بىلىپ قىلىۋاتىمىزمۇ ياكى يەنە شۇ خەقلەرنىڭ غەيۋەت قىلىشىدىن قورققانلىقتىن شۇنداق قىلدىڭىزمۇ؟مانا بۇلار بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىز ۋە قىممەت قارشىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدىن يۈز بەرگەن قىلمىشلاردۇر.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى«ئىللەت تۈزەلمىگىچە،مىللەت تۈزەلمەيدۇ».
        قىز-يىگىتلەر! بۇ ئۆمۈرلۈك توي ئىشىڭىزدا،مەنمەنچىلىك ،يۇغانچىلىق قىلماڭ،بىر كۈندە ئۈتۈپ كىتىدىغان تويىڭىز ئۈچۈن،5-10يىللىق شۇ تويىڭىزنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشڭىزدىن ساقلىنىڭ،بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇڭ،شۇندىلا ئۆزىڭىزنىڭ بىردىنلا بۇ دۇنيادا شۇنچىلىك مەنىلىك ياشاۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلىپ قالىسىز...yqDئاقيول تور بىكىتى

    مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى
    yqDئاقيول تور بىكىتى

    http://bbs.misranim.com/thread-142897-1-1.htmlyqDئاقيول تور بىكىتى

    <ئاقيول ئۇيغۇر تور بىكىتى سىزنى قارشى ئالىدۇ> ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى تۇرمۇش ساۋاتلىرى
    • توي-تۆكۈن توغرىسىدا
    • توي-تۆكۈن توغرىسىدا
    • بۈگۈن سىڭلىم زۇمرەتنىڭ ئۈن دىداردا يوللىغان خەلقىمىزنىڭ توي مۇراسىمى توغرىسىدىكى يازمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ،بىرئاز ئويلۇنۇپ قالدىم.ئېسىمدە قېلىشىچە،بۇ تېما توغرىسىدىكى مۇنازىرە ۋە پىكىر-سۆھبەتلەر مەتبۇئات ۋە گېزىت-ژور