• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىزنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرىنى بىلەمسىز؟

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-21
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    مىللىتىمىزدە بوۋاقنى تۇنجى قېتىم بۆشۈككە بۆلىگەندە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن، تەقۋادار، ئىش كۆرگەن بىرەيلەن ياكى ئۇنىڭ ئىزباسارىنى تەكلىپ قىلىدىغان ئادىتىمىز بار، بىز ئادەتتە بۇ ئايالنى «بۆشۈك ئانىسى» دەپ ئاتايمىز، بۆشۈك ئانىسى ئالدى بىلەن بۆشۈكنىڭ جابدۇقلىرىنى تەكشۈرۋەتكەندىن كېيىن، بالىنى بۆلەشكە باشلايدۇ شۇنداقلا بالىنىڭ ئاپىسىغا بالىنى قانداق بۆلەشنى ئۆگىتىدۇ. بالىنى تەلەيلىك بولسۇن دەپ ياستۇقى ئاستىغا كىچىك توقاچلارنى قويىدۇ، شۇنداقلا شۇ كۈنى تەكلىپ قىلغان ئۇرۇق-تۇغقان ۋە خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ كىچىك بالىلىرىغا كىچىك توقاچلارنى بۆشۈك ئاستىدىن ئۆتكۈزۈپ تارقىتىپ بېرىلىدۇ، ئوغۇل بوۋاقنى قەيسەر، باتۇر، قورقماس بولسۇن دەپ زاكىسىنىڭ ئوڭ يىنىغا بۆرە ئۇشۇقى، قەلەمتىراج باستۇرۇپ قويىدۇ، قىز بوۋاق بولسا پاك، ئىشچان، چىرايلىق، مۇلايىم بولۇشىنى تىلەپ، زاكىسىنىڭ سول تەرىپى ئاستىغا ئەينەك، تاغاق ياكى سۈزگۈچ باستۇرۇپ قويىدۇ، يەنە بەزىدە بوۋاققا كۆز تىگىشتىن ساقلاش ئۈچۈن بۆشۈككە كۆز مۇنچاق، تىلتۇمار(ئايەت پۈتۈلگەن پۈتۈكچە) قاتارلىقلارنىمۇ ئېسىپ قويىدۇ.r4cئاقيول تور بىكىتى

    ئادەتتە بوۋاقنى بۆلىگەندە پۇت-قوللىرى چىڭ تېڭىلىدۇ، شۇنداق بولمىغاندا بەزى بوۋاقلار بىردەمدىلا پۇت-قوللىرىنى بوشىتىۋالىدۇ، ئەگەر بۇ ئەھۋالدا بوۋاق ھاجەت قىلىپ قالسا بۆشۈكنى بۇلغاپ قويىدۇ، بۇنىڭدىن باشقىمۇ بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەشنىڭ ئالاھىدە رولى بار، ئەجدادلىرىمىز بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيىسىدىكى رولىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن، تۆۋەندە كۆپچىلىك بىللە بۆشۈكنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى رولىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى:
    ئالدى بىلەن بۆشۈك بالىلارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئۆلچەملىك يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق، ئەجدادلىرىمىز بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن.
    ئۇندىن باشقا بوۋاق بۆشۈكتە ياتسا ئۆپكىسى شامالداراپ قالمايدۇ، ئاسان زۇكام بولۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    بۆشۈك ئادەتتە بوۋاقنىڭ بوغۇم، مۇسكۇللىرىنى غىدىقلاپ قان ئايلىنىشنى ياخشىلايدۇ، ئادەتتە بۆشۈكنىڭ جاندۇقلىرىنى پاكىز تۇتۇپ ۋاقتى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ ۋە ئاپتاپقا سېلىپ بەرگەندە بوۋاقنىڭ بەدىنىگە جاراھەت چىقىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
    بۆشۈكتىكى جابدۇقلار بەك قېلىن ياكى بەك نىپىز بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بوۋاقنىڭ تەبىئىتىگە ماس ھالدا تەڭشەپ بوۋاقنى بۆلىگەندىن كېيىن ئاستا تەۋرىتىپ لەرزان ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بەرسىڭىز بوۋىقىڭىز ئىنتايىن راھەت ئۇخلايدۇ، قەغىشلىك قىلىپ سىزگە جاپا سالمايدۇ.
    ھازىر جەمئىيتىمىزدە نۇرغۇن ياشلىرىمىز بوۋىقىنى بۆشۈككە بۆلەشنى ياقتۇرمايدۇ، بالىنى چىڭ تىڭىپ قىيناپ قويدۇق دەپ ئويلىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە بوۋاقنىڭ ئەڭ راھەت ئۇخلايدىغىنى يەنىلا بۆشۈك. بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلىمىگەندە بالىنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئۆلچەملىك بولماسلىقمۇ كېلىپ چىقىدۇ، يەنە كېلىپ بالىغا تازىلىق لاتىسى قىستۇرۇپ ياتقۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ، تازىلىق قەغىزىنى بەك تولا ئىشلەتكەندە بالىغا يامان تەسىر قىلىدۇ، بوۋاق بىر كېچە شۇ تازىلىق لاتىسىغا ھاجەت قىلىپ، ھاجتىگە مىلىشىپ ياتىدۇ، ھاۋامۇ ياخشى ئۆتۈشمەيدۇ، شۇڭا ياش، يېڭى ئانا بولغۇچىلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىمىز بوۋىقىڭىزنى بۆشۈككە بۆلەشنى خالىمىسىڭىز تازىلىق لاتىسىنى ھاجەت قىلمىغان بولسىمۇ قەرەللىك نەچچە سائەتتە بىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ، تازىلىق لاتىسىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە دىققەت قېلىڭ.r4cئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز