• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى قانچىلىك بولىدۇ؟

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2014-11-13
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى

    ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ئۆلۈپ كەتكىچە مۇنداق ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ:i5lئاقيول تور بىكىتى

       بىرىنچى باسقۇچ، تېز خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش مەزگىلى. ئادەتتە، ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئىككى ھەپتىدىن ئالتە ھەپتىگىچە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ كېسەل ئالامىتى زۇكامنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، تېزلا ساقىيىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىگېنىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ.i5lئاقيول تور بىكىتى

       ئىككىنچى باسقۇچ، كېسەل ئالامىتى بولمىغان يۇقۇملىنىش مەزگىلى (يوشۇرۇن مەزگىلى ياكى كۆزنەك مەزگىلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ). بۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە كىرىپ تاكى قانغا ئۆتۈپ، تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى شەكىللەنگىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئادەم بەدىنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ، ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىق پەرقى چوڭ، قىسقا بولغاندا بىر يىلغا يەتمەيدۇ، ئۇزاق بولغاندا 15 يىلدىن ئاشىدۇ.i5lئاقيول تور بىكىتى

       ئۈچىنچى باسقۇچ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ قوزغىلىش مەزگىلى. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ تۆۋەن ئىقتىدارىنىمۇ ساقلاپ قالالمىغان چاغدا، داۋالاش قىيىن كۆپ خىل كېسەللەر كۆرۈلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ.i5lئاقيول تور بىكىتى

       ئەيدىز ۋىرۇسى، ئاساسلىقى، قان سۇيۇقلۇقىدا، ئىسپېرمىدا، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىدا، سۈتتە، جاراھەتلەردىن چىققان سۇيۇقلۇقلاردا بولىدۇ.i5lئاقيول تور بىكىتى

       مۇتەخەسسىسلەر ئەيدىز كېسىلىنى ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۈچ چوڭ تارقىلىش يولىنى كونترول قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.i5lئاقيول تور بىكىتى

       قان ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭدا زەھەردىن يىراق تۇرۇش، شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش سەۋەبلىك كۆرۈلىدىغان تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغۇچىلارنى مېتادون بىلەن داۋالاش ھەم پاكىز شپىرىس ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش؛ بۇلغانغان قان سۇيۇقلۇقى ياكى قان سۇيۇقلۇقى ياسالمىلىرى، توقۇلما ۋە ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش؛ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن قان سۇيۇقلۇقى، قان سۇيۇقلۇقى ياسالمىلىرى ۋە توقۇلمىلىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.i5lئاقيول تور بىكىتى

       جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. بۇنىڭدا بەدەننى پاكىز تۇتۇش، گاندوننى توغرا ئىشلىتىش، جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغاندا، مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىنىش كېرەك.i5lئاقيول تور بىكىتى

       ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ قالسا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش كېرەك، داۋاملىق ھامىلىدار بولۇشنى تاللىغانلار ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ تۇغۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، بوۋاقنى ئېمىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.i5lئاقيول تور بىكىتى

       مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ: ئەيدىز ۋىرۇسى ئاجىز ۋىرۇس بولۇپ، سىرتقا نىسبەتەن قارشىلىق كۈچى ئاجىز، ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئادەتتىكى تېمپېراتۇرا شارائىتىدىكى ھاياتلىق مەزگىلى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ. قۇرغاق مۇھىت، يۇقىرى ئىسسىقلىق ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ، نورمال تۇرمۇش، ئورتاق خىزمەت ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى تارقالمايدۇ. مەسىلەن: قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش ياكى سۆيۈشۈش، يۆتەل ياكى چۈشكۈرۈش، ئاممىۋى تېلېفون ئىشلىتىش، دوختۇرخانىدا كېسەل كۆرسىتىش، ئاممىۋى ئاشخانا ئەسلىھەلىرى ياكى يېمەك – ئىچمەك قوراللىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، تازىلىق ئۆيى (ھاجەتخانا) ياكى مۇنچا ئەسلىھەلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش، پاشا چېقىۋېلىش قاتارلىقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ.i5lئاقيول تور بىكىتى

       ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمان قىلغان كىشى مۇنتىزىم دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ياكى ئەيدىز كېسىلىنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ تەكشۈرتىش كېرەك، ئانتىۋىرال دورىلار ئارقىلىق داۋالانغاندا، ئەيدىز كېسىلىنى تەلتۆكۈس ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، لېكىن كېسەل ۋىرۇسىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى ھەم تارقىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنى كەينىگە سۈرگىلى، ئاغرىقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.i5lئاقيول تور بىكىتى


    i5lئاقيول تور بىكىتى

    تور دۇنياسىدىكى باشلامچىڭىز - ئاقيول تور بېكىتى
    ئادىرسىمىز