
زەھەر چەككۈچىلەر ئارىسىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك كۆپ بولۇپ زەھەر تاشلاش خۇمارىنى يوقىتىش بىلەنلا تۈگەپ قالماي يەنە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش تومۇرىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلاش يوللىرىنىڭ بىرى. زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تۆۋەندىكىدەك:
ئاساسلىقى دائىم ئوكۇل قىلىپ زەھەر چېكىش. زەھەر چەككۈچىنىڭ خۇمارى تۇتقاندا ۋاسىتە تاللىماي زەھەر چېكىش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ تومۇرىغا ئۇرغاندا زەھەر قان تومۇرلارغا ئۆتىدۇ. دائىم بىر تال شپىرىسنى قايتا-قايتا ئورتاق ئىشلەتكەندە ناۋادا بىرەر ئادەمدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولسا باشقا ئىشلەتكۈچىلەرگى مۇيۇقىدۇ.
بۇ جەرياندىكى ئېلېمېنتلار ۋە ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
1. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان شپىرىسنى ئىشلىتىش ۋە باشقا قوراللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقىدۇ.
2. يۇقۇملانغان زەھەر چەككۈچى ئورتاق ئىشلەتكەن سۇيۇقلاندۇرۇش سۇيۇقىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقىدۇ.
3. تەكرار ئىشلەتكەن پاختا پىلتىكۈچ ياكى تاماكا بۇلۇت سۈزگۈچى بىلەن شپىرىسنى سۈرۈتۈش ياكى زەھەر دانچىسىنى سۈرتۈش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقىدۇ.
4. كوچىلاردىكى قانۇنسىز شىپىرسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز يۇقىدۇ. بۇ شپرىسلارئاساسلىقى قايتا يىغۋىلىنىپ ئىشلەپ چىقرىلغان .
5. كۆپلىگەن قىز-ئاياللار زەھەر چىكىش ئۈچۈن تېنىنى سىتىش ۋە ياكى قىنىنى سىتىشنى كىرىم مەنبەسى قىلۋالىدۇ. بۇ ئارقىلىق جىنىسىي يول ئارقىلىق يۇقۇش ۋە قان ئارقىلىق يۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6. زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار بولۇپ زەھەر جىنسىي ھەۋىسىنى كۈچەيتىۋىتىدۇ-دە سۈپەتسىز جىنىسي مۇناسىۋەت ياكى توپلىشىپ جىنىسي مۇناسىۋەت ئارقىلىق باشقىلارغا ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرىدۇ.
ئاخىرىدا بارلىق زەھەر خۇمارى بارقېرىنداشلىرىمىزنىڭ بالدۇرراق زەھەر خۇمارىنى تاشلاپ گۈزەل تۇرمۇش ئىللىق ئائىسىلىگە قايتىپ كىلىشىنى تېلەيمىز.
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار -ئالاھىدە تەۋسىيە
ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ھاراق ئىچسە تاماكا چەكسە بولامدۇ
ئەيدىز دېگەن نېمە؟
پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇمىلىنىش دىگەن نىمە
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھاملىدار بولسا بولامدۇ
ئەر ئايال ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇىسدىن يۇقۇملانغان بولسا, ئۇلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ
زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇنداقمۇ مۇناسىۋىتى بار
بىز ئەيدىزگە قانداق قارايمىز؟
توي-تۆكۈن توغرىسىدا
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمنى نابۇت قىلغان چۇمادۇ
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
