نۆۋەتتىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالىدىمۇ ئەر-ئاياللار قالايمىقان جىنسى مۇناسىۋىتى ئاساسى ئورۇندا تۇرىۋاتقان ھالەتتە بولۇپ، ئەرلەرنى خالىغانچە جىنسى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلار ئاياللاردۇر. چۈنكى، جىنسى مۇلازىمەتتە ئاساسەن ئەرلەر ئاياللارنى ئىزدەيدۇ. شۇنداقلا، جەمىيەتتە ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە باسقۇنچىلىق قىلىشى ئەمەس، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىشى يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.
جىنسى تىجارەت ئورۇنلىرىدىن (پاھىشەخانىلاردىن) ياكى ھەر خىل سورۇن-سالاھىيەتتىكى جىنسى مۇلازىملاردىن ئەيدىزنى يۇقتۇرۇش-يۇقتۇرىۋېلىش ئېغىر ھالەتتە بولىۋاتىدۇ. ئەيدىز ئاياللاردىن ئاسان يۇقۇدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، جىنسى مۇلازىملار (پاھىشەلەر) ئاياللار بولۇپ، مۇشۇنىڭدىنمۇ ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار جان بېقىش ئۈچۈن تەن ساتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق قانۇنىيىتىدە، مەدەنىيىتىدە تەن سېتىش ئامالسىزلىقتىن ئۆگىنىدىغان، يۈزلىنىدىغان قىلمىشتۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ پاھىشەلەرنىڭ ئىرىشمەكچى بولغىنى نۇرمال ئەر-ئاياللىق ھېسسىياتى ئەمەس، بەلكى پۇل تېپىش ئۈچۈن ئەرلەرگە ئۆزىنى تاشلاپ بىرىشتۇر. ئەسلىدە ئاياللارنىڭ نىكاھلانغان ئائىلىسى، تۇتقان ئۆيى بولىدۇ ھەم بولۇشى كېرەك. ئەمما، نىكاھتىن بۇرۇن ياكى كىيىن پاھىشە بولۇپ كەتكەن ئاياللار ئۆز ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى، جىسمانى كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى، خارلىنىشى، ئالدىنىشى، تاشلىنىشى سەۋەبلىك مۇشۇنداق يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان دېسەك، بۇ ئەلۋەتتە ئەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بولىدۇ.
بۈگۈنكى دۇنيادا ئەيدىزنىڭ يامرىشى نىسبەتەن ئېغىر بولغان ھىندىستان، ئافرىقا جەمىيەتلىرىدىمۇ ئاياللارنىڭ ئورنى، قەدىر-قىممىتى خېلىلا تۆۋەن ھالەتتە بولۇپ، بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنىڭ باشقىلارغا سېلىشتۇرغاندا ئالدىدا تۇرىدىغانلىقى ھەممىمىزگە نامەلۇم بولمىسا كېرەك. ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ھەممە ئاياللارنىڭ ئائىلىسى بولۇش قائىدىسىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىپ، نىكاھنىڭ سىرتىدا ياشايدىغان ئاياللارنىڭ بارلىققا كېلىشىنى يۈزلەندۈرۈپ، نىكاھ سىرىتىدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىغا يول ئېچىپ بىرىدۇ. دېمەك. ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەيدىزنىڭ نىسبەتەن كۆپ بولۇشى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىكى ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى بىلەن مۇھىم مۇناسىۋىتى باردەپ قاراشقا بولىدۇ.
ئەيدىز ۋە ئۇيغۇرلار -ئالاھىدە تەۋسىيە
ئەيدىز بىمارلىرى ۋە يۇقۇملانغۇچىلار ھاراق ئىچسە تاماكا چەكسە بولامدۇ
ئەيدىز دېگەن نېمە؟
پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇمىلىنىش دىگەن نىمە
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ئايال ھاملىدار بولسا بولامدۇ
ئەر ئايال ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇىسدىن يۇقۇملانغان بولسا, ئۇلار جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە بولامدۇ
زەھەر بىلەن ئەيدىزنىڭ مۇنداقمۇ مۇناسىۋىتى بار
بىز ئەيدىزگە قانداق قارايمىز؟
ئەيدىز بىمارىدىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغۇچىغا ئايلىنىش
ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ ؟
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
ھامىلدار ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بالىغا بىر ئۆمۈر تەسىر كۆرسىتىدۇ
سېمىزلىك بالىياتقۇ راكىنىڭ خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدىغان ئەرلەر
ئەر-ئاياللارنىڭ ئاسانلا سىرتقا قاراپ قېلىش مەزگىلى
