• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • زەھەرگە ئائىت بەزى ئۇقۇملار

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-01
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>
    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز:

    زەھەر تۇغرىلىق مۇلاھىزە ئېلىپ بارغاندا، بەزى سۆز-ئىبارىلەرنى ئاڭلايمىز، لېكىن  بۇ ئۇقۇملارنىڭ مەنىسىنى ھەممەيلەننىڭ چۈشىنىپ كېتىشى ناتايىن. تۆۋەندە زەھەرگە ئائىت بەزى ئۇقۇملارنىڭ ئىنىقلىمىسىنى بېرىپ ئۆتىمىز.dGqئاقيول تور بىكىتى

      قالايمىقان ئىشلىتىش: پىسخو-ئاكتىپ ماددىلارنىڭ (زەھەرمۇ بىر خىل پىسخو-ئاكتىپ ماددا) ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ، يەنە داۋاملىق ئىشلىتىش ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.dGqئاقيول تور بىكىتى

      بېقىنىپ قالغان ھالەتتىكى ئىشلىتىش: پىسخو-ئاكتىپ ماددىلارنى ئىشلەتكۈچىدە شۇ ماددىلارنى ئىشلىتىشكە بولغان ئىنتايىن كۈچلۈك مۇددىئا بولىدۇ. ئۇلار بۇ خىل مۇددىئانى كونتىرول قىلىشقا ئامالسىز ھالەتنى كۆرسىتىدۇ.dGqئاقيول تور بىكىتى

      مەستلىك ھالىتى (زەھەرلەنگەن ۋاقتى): پىسخو-ئاكتىپ ماددىلارنى ئىشلىتىش سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان سەگەكلىك، كۆز قاراش، قارار قىلىش، ھۈكۈم چىقىرىش، كەيپىيات ۋە ئىش-ھەرىكەتتە كۆرۈلىدىغان ۋاقىتلىق ئۆزگۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ھالەتنى ئاشۇنداق ماددىلارنى ئىشلەتكۈچىلەر ‹كەيپ ۋاقتى› دەپمۇ ئاتايدۇ. مەسىلەن: ھاراق ئىچكەندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان ئوي-پىكىر، ئىش-ھەرىكەتتىكى ۋاقىتلىق ئۆزگۈرۈش ھالىتى قاتارلىقلار.dGqئاقيول تور بىكىتى

      زەھەرگە ئۈگۈنۈپ قىلىشنىڭ بىرىلەمچى ئالدىنى ئېلىش: پىسخو-ئاكتىپ ماددىلارنى (زەھەر بۇنىڭ بىر خىلى) ئىشلىتىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، بۇلارنى ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئەڭ بولمىغاندا ئىشلىتىش يېشىنى كېچىكتۈرۈش. يەنى بۇ سۇ كېلىشتىن بورۇن تۇغان تۇتۇش ئۇسۇلى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.dGqئاقيول تور بىكىتى

       زەھەرگە ئۆگۈنۈپ قىلىشنىڭ ئىككىلەمچى ئالدىنى ئېلىش: زەھەر ئىشلىتىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، زەھەر ئىشلىتىشنىڭ ساغلاملىق، تۇرمۇش ۋە خىزمەتكە بولغان تەسىرىنى يوقىتىش ياكى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.dGqئاقيول تور بىكىتى

       زەھەرگە ئۆگۈنۈپ قىلىشنىڭ ئۈچىلەمچى ئالدىنى ئېلىش: بۇ ئاساسلىق زەھەر بولغان تايىنىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە زەھەرنى قالايمىقان ئىشلىتىش سەۋەبىدىن بولغان ناچار تەسىرنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ خىل ئالدىنى ئېلىشتا زەھەر چەككۈچىنىڭ تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئۈنۈمدارلىقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. بەزىدە ئۈچىلەمچى ئالدىنى ئېلىش يەنە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى قايتا چىكىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.dGqئاقيول تور بىكىتى

       كۆنۈپ قىلىش: زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ بەدىنىدە ئاستا-ئاستا پەيدا بولىدىغان بىر خىل ھالەت بولۇپ، ئۇنىڭدا زەھەر چىكىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، زەھەر چەككۈچىلەر زەھەرنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا مەجبور بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلماي يەنىلا دەسلەپكى چەككەندىكى مىقدارنى چەككەندە، دەسلەپكى زەھەر چەككەن ۋاقىتلاردا پەيدا بولىدىغان تەسىر پەيدا بولمايدۇ.dGqئاقيول تور بىكىتى

       خۇمار تۇتۇش: زەھەرگە خۇمار بولغان كىشى ئەگەر زەھەر ئىشلىتىشنى تۇختاتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدا بىئاراملىق ۋە ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. بۇلار ئاساسلىق تاقەتسىزلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، چۈشكۈنلۈك، بەدەن تىترەش، مۇسكۇللار تارتىشىش ۋە بەزىدە تۇتقاقلىق قوزغىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.dGqئاقيول تور بىكىتى

          مەنبە: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى زەھەرنىڭ بىرىلەمچى ئالدىنى ئېلىش قوللانمىسى.dGqئاقيول تور بىكىتى

         يارپ زەھەر چەكلەش، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى.dGqئاقيول تور بىكىتى


    dGqئاقيول تور بىكىتى

    بۇ مەزمۇن ئاقيول تورىدىن كۆچۈرۈلگەن . تور ئادرېسىمىز: ئادىرسىمىز