• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • چىلىم چېكىش ھاراممۇ؟

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2015-04-01
    تەھرىر : adiljan
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>


    ZyQئاقيول تور بىكىتى

     ZyQئاقيول تور بىكىتى

       چىلىمگە كۆك تاماكا ياكى باشقا زەھەرلىك ماددىلارنى ئىشلەتمەستىن گۈل سۈيى ئىشلەتسىمۇ ئوخشاشلا ھارام بولامدۇ؟
    بىرىنچى: تاماكا سەۋەبىدىن كېسەل بولغانلارنى ھېسابلىمىغاندىمۇ تاماكىنىڭ ھازىرقى زاماندا كىشىلەر كۆپلەپ ئىستىمال قېلىۋاتقان ئەڭ زەھەرلىك ۋە نىجىس نەرسە ئىكەنلىكىدە ھېچ شەك يوق. تاماكا چېكىش سەۋەبىدىن يىلىغا نۇرغۇن كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

      خەلقئارا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ 2008-يىلدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، تاماكا تەركىبىدىكى نىكۇتىن ماددىسىنى سۈمۈرۈش سەۋەبى بىلەن يىلىغا 5.4 مىليون كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىدىكەن. يەنى ھەر كۈنى تاماكا سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ سانى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 140000 مىڭغا يېتىدۇ دېگەنلىكتۇر. بۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن تىزدىن چارە-تەدبىر قوللۇنىلمىسا، 2020-يىلىغا بارغاندا تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددا سەۋەبىدىن ھەر يىلى ھاياتىدىن ئايرىلىدىغانلارنىڭ سانى 10 مىليونغا يېتىدىكەن.ZyQئاقيول تور بىكىتى

       بىز زەھەرلىك چېكىملىككە ئىشلىتىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى تېرىش، ئىلىپ-سېتىش ۋە بۇ نىجىس ئۆسۈملۈكنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ھاراملىقى توغرىسىدا تەپسىلى جاۋاپ بەردۇق. 
    ئىككىنچى: چىلىم چېكىش ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان زەھەرلىك ماددىلار ئادەتتە ئورالغان تاماكىدىكى زەھەرلىك ماددىلاردىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭ زېيىنى تاماكىنىڭ زىيىنىدىن كۆپراقتۇر
    بەھرەيندىكى «زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيتى»نىڭ تور سەھىپىسىدە چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلار توغرىسىدا مۇنداق بايانات ئېلان قېلىنغان. 
    بۇ ماددىلار تاماكا تەركىبىدە شەكىللەنگەن ماددىلاردىن ھېچ پەرقلەنمەيدۇ، بەلكى چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىنىڭ سانى 4000مىڭدىن ئاز ئەمەس. ئۇنىڭ مۇھىملىرى: نىكۇتىن، زەھەرلىك گاز، كۆمۈر مېيى، ئېغىر مېتال، ئوت ئالغۇچى ماددىلار، راك كېسىلىگە سەۋەب بولىدىغان ماددىلار، خىمىيىلىك زىرائەت ماددىلىرى، ھاشارەتنى ئۆلتۈرىدىغان ماددىلار ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. 
    زەھەرلىك ماددا ئىشلەپ چىقىرىدىغان بەزى شىركەتلەر چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تۈرلىرىدىن كۆمۈر مېيى ماددىسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى تازىلاپ پىششىقلاپ ئىشلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇلار چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان چېكىملىك ماددىسىغا تەركىۋى ئېنىق بولمىغان بەزى تەم ۋە خۇشبۇي ماددىلارنى قاتىدىغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭدىن كىلىدىغان زىياننىڭ مىقدارىنى ئېنىق بىلەلمەيمىز. 
    بەزىلەرنىڭ چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان ماددىلارنىڭ تاماكىغا ئوخشاش خەتىرى يوق دېگەن سۆزى ھەرگىزمۇ توغرا ئەمەس. سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۆت يىل جەريانىدا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇ ئىسپاتلاندىكى، چىلىمدا ئىستىمال قىلىنىدىغان شىرنىلىك ماددا ساپ زەھەرلىك ماددا بولۇپ، شىركەتلەر سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆزىتىشى ياكى تەكشۈرۈشىگە قويماستىن ئۇنىڭ تەركىبىگە يەنە تۈرلۈك رەڭلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇرغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر ماددىنىڭ راك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەر تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. 
    بۇنىڭ تۈرلىرى ئىچىدىكى «ئەلجىراك» دەپ ئاتىلىدىغان چېكىملىك تۈرى %15 كۆك تاماكىغا ھەسەل، مېۋە ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆپتۈرۈش ئۈچۈن بەزى خىمىيىلىك ماددىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

     ئۈچىنچى: بەزى ساددا كىشىلەر چىلىم ئارقىلىق تاماكا چېكىشنى ھالال، ئۇنىڭ تۈتۈنى چىلىمدىكى سۇيۇقلۇق ئارقىلىق چېقىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ توغرىدىن بەكلام چەتنەپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما تەجرىبىلىك كىشىلەر مۇنداق دەيدۇ: 
     1- چىلىمنى بىر قېتىم شوراش ئاز بولغاندا 10 تال سىگارېت چەككەنگە باراۋەر كېلىدۇ. 
      2-شىرىلىك چېكىملىك بىرقىسمىنىڭ چىلىمدا كۆيۈشى چىلىمدىكى زەھەرلىك ماددىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. 
      3-بىر چىلىمنى بىر قانچە كىشى ئىشلەتكەنلىكتىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى زور بولىدۇ. 
      4-چىلىمنىڭ سۈيى چىلىمدىكى تاماكا ماددىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان راك ۋە باشقا كېسەللىكلەرگە سەۋەپ بولىدىغان زەھەرلىك ماددىلارنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. 
    بەھرەيندىكى«زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەمئىيتى» تور بىتىدە مۇنداق بايان قىلىنغان: كۆپچىلىك كىشىلەر چىلىم چېكىشنىڭ زېيىنى تاماكا(سىگارېت) چېكىشنىڭ زىيىنىدىن ئاز بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئىنتايىن ئاددى قاراشتۇر. چۈنكى ئۇلار چىلىمدا بار بولغان سۇنىڭ ئارىسىدىن ئۆتكەن تۈتۈن زىيانلىق ماددىلارنى پۈركىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن چىلىم چىكىش ئارقىلىق كىلىدىغان زىياننىڭ نىسبىتى تۆۋەنلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمما چىلىم چەككۈچىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان تۈتۈننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، بۇ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ئاشكارا بولدى. چۈنكى ئېغىزدىن چىققان شۇ تۈتۈنمۇ تاماكا تەركىبىدە بار بولغان زەھەرلىك ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن شۇ ئىسپاتلاندىكى:ZyQئاقيول تور بىكىتى

    چىلىم چېكىش دائىم خۇمار قىلىدۇ.      ZyQئاقيول تور بىكىتى

    چىلىم چېكىش ئۆپكىنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۆپكىنىڭ ئىششىپ كېتىشى، تەرەپلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ. بۇ كېسەل ئېغىرلاشقانسىرى ئىنساندا ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش كۈچى ئاجىزلايدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

    چىلىم چېكىش ئۆپكە، ئېغىز بوشلۇقى، كاناي ۋە ئاشقازان راكى قاتارلىق كېسەللەرگە سەۋەپ بولىدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

    چىلىم چېكىش قان تەركىبىدىكى كاربۇن گازىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

    چىلىم چېكىش ئەر-ئاياللاردا ئۇرۇقدانلارنىڭ كەمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

    چىلىم چەككەنلەرنىڭ ئۆپكە سىل كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

    چىلىم چېكىش دائىم چىلىم چېكىدىغان ئاياللار ھامىلدار بولغاندا قورساقتىكى تۆرەلمىنىڭ ۋەزنى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنداقلا تۆرەلمە كەلگۈسىدە نەپەس ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولىشى ياكى تۇغۇلۇپلا ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىشى مۇمكىن.ZyQئاقيول تور بىكىتى

    چىلىم چەككۈچى ھەر قېتىم نەپەس ئالغاندا ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ كىيىمىدىن سېسىق پۇراقلار تارايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئاۋازىنىڭ غاراڭ-غۇرۇڭ بولىشى، كۆز قارچۇقلىرىنىڭ قىزىرىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. شۇنداقلا مۇددەتتىن بۇرۇن يۈزى ۋە بەدەن تېرىسىگە قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

    بۇنىڭدىن سىرت يەنە چىلىم چەككۈچى ئۆز ئۆيىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي مۇھىتىنى بۇزغۇچى ھېسابلىنىدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

     يۇقىرىقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندىمۇ چىلىم چېكىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئوچۇق چىقىپ تۇرۇپتۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

    ئورالغان تاماكا(سىگارېت) چېكىش بىلەن چىلىم چېكىشنىڭ ئارىسىدا نېمە پەرق بار؟ دەپ سورالغاندا، تاماكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ بولۇپ، مۇنداق دېگەن: ئەگەر تاماكىنىڭ ھارام ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسا، تاماكىنى قەغەزگە ئوراپ سىگارېت شەكىلدە ئىستىمال قىلىش ياكى چىلىم ئارقىلىق ئىستىمال قىلىش، يەنى ساپ تاماكا ماددىسىنى ئىستىمال قىلىش بىلەن ئۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇلغان ماددىلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، گەرچە ئىسىم ئۆزگەرسىمۇ ماھىيەت ئۆزگەرمەيدۇ. ھارام نەرسە باشقا بىر نەرسىگە ئارىلاشتۇرۇلسا، ئۇ نەرسىنىڭ ئەسلىدىكى ھاراملىقى ئۆز ھالىتىدە تۇرىۋېرىدۇ. بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قىيامەت يېقىنلاشقاندا بىر بۆلەك كىشىلەر كېلىدۇ، ئۇلار ھاراقنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ باشقا بىر ئىسىم بىلەن ئىچىدۇ.» چىلىم، تاماكا قاتارلىقلار ھارام قېلىنغان نىجىس نەرسىلەردىن بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئىنسان بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ماددىلار مەۋجۇتتۇر. شۇنداقلا پۇل-مالنى ئىسراپ قىلغانلىقتۇر. «ئۇلارغا پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدۇ، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدۇ.» «ئۆزىگىمۇ ۋە باشقىلارغىمۇ زىيان يەتكۈزۈش توغرا بولمايدۇ.» شۇنىڭ ئۈچۈن چىلىم ۋە تاماكا قاتارلىق چېكىملىكلەرنى ئىستىمال قىلىش، باشقىلارغا سېتىش ۋە جەمئىيەتتە تارقىتىش-راۋاجلاندۇرۇش توغرا بولمايدۇ.ZyQئاقيول تور بىكىتى

    تۆتىنچى: چىلىمنى تاماكا ماددىسى قوشماي پەقەت گۈل سۈيى بىلەن ئىستىمال قىلىش توغرىسىدا بولۇپ، ئۇ قانداق گۈل سۈيى بىز بۇنى بىلمەيمىز ۋە بۇنداق بولىشىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلمايمىز، ئۇنداقتا چىلىمدا كۆيىدىغىنى قانداق ماددا؟، ئۇنىڭدىن سۇمۇرىلىدىغان نەرسىچۇ؟، بۇ ئىنساننىڭ تەسەۋۋۇرىدىن شاخلاپ چىققان نامەلۇم نەرسىگە ھۆكۈم قىلىشتۇر.ZyQئاقيول تور بىكىتى


    ZyQئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز