تۇنجى ئەيدىز بىمارى دىيارىمىزدا بايقالغان 1988 -يىلدىن ھىساپلىغاندا، قىسقىغىنا 25 يىلدا بارلىق بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغىچە يامرىغان ئەيدىز بىز ئۇيغۇرلارنى چۈچۈتەلمىگىنىدىن تولىمۇ ھەيران بولماي تۇرالمايمىز، خەلقىمىزدىكى نادانلىق بۇ كىسەلگە داغدام يول ئېچىپ بېرىۋاتىدۇ. قايسى بىر تەشۋىقات يىغىنىدا يۇقۇرىدىن كەلگەن بىر ئايالنىڭ سۆز ئارلىقىدا ئەيدىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تىز سۈرئەتتە تارقىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىپ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا جىنسى قىلمىشقا ھەددىدىن زىيادە بېرىلگەن بىزدىن باشقا يەنە بىر مىللەتنىڭ يوقلىقىنى دىگىنى ئېسىمدە. ئويلاپ باقايلى، ئابدىقادىر داموللام، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندى يەنە نۇرغۇن كىشىللىرىمىز، ئەي ئۇيغۇر ئۇيقۇڭنى ئاچ دەپ ھاياتى بەدىلىگە خىتاپ قىلمىدىمۇ؟ بىز قاچانمۇ ئۇيقۇمىزنى ئاچىمىز.
مەن كىچىك بىر ناھىيەدە ئىشلەيدىغان ئاددى بىر ئايلىقچى. ئىدارىمىزنىڭ يېنىدا بىر مىھمانخانا ۋە بىر پاھىشخانا بار، بۇنى 7 ياشتىن 70 ياشقىچە مۇشۇ ئەتراپتىكىلەر 100% بىلىدۇ، ھەپتىسىگە 2 قېتىم كىلىدىغان جاھاندا ئەڭ زېرىككەن نۆۋەتچىلىك ۋاختىمدا بىر ئارامخۇدا ئۇخلاپ باققىنىم ئېسىمدە يوق، چۈنكى خۇددى ئىشەك سودىسىدەك باھا تالىشىپ كىتىشلەر، كىلىپ كىتىۋاتقان موتسىكىلىتلەرنىڭ ۋە قالايمىغان ۋاقىرىشىۋاتقان مەسلەرنىڭ ئاۋازى كىچە جىمجىتلىقىنى ۋە تاتلىق ئۇيقۇمىزنى بۇزۇپ تۇرىدۇ، دېرىزىدىن قارىساق، ساپلا 30 ياشتىن تۈۋەنرەك دىھقان ياشلىرى، ئاندا-ساندا 50 ئاشقانلارنىمۇ ئۇچرىتىمىز. ئەيدىز دىگەن ئاتالغۇنى بىلسىمۇ بۇ قانداق كېسەللىك، قانداق يوقىدۇ بۇ مەسىللەرنى سىز ئادەتتىكى ئادەملەر توپىدىن سورىسىڭىز 90% جاۋاپ بىرەلمەيدۇ، بۇنىسى ھەقىقەت. كادىر خەخلەر قورقۇپ تەكشۈرتمەيدۇ، دىھقان يىگىتلەر بىلمەي تەكشۈرتمەيدۇ دىگەندەك.
ئالدىنقى ئايدا ئىدارىدىن سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ۋىلايەتكە ئاپارغانتى، تەكشۈرتۈپ بۇلۇپ نەتىجىنى كۈتۈپ ئولتاسام شۇنداق كېلىشكەن 20 نەچچە ياشلاردىكى بىر يىگىت يېنىمغا كىلىپ گەپ باشلاپ كەتتى،- ئۇھ خۇدا شۈكرى ساق چىقىپتىمەن، 5 كۈننىڭ ئالدىدا بىر يەرگە بارغانتىم، شۇنىڭدىن باشلاپ كۆڭلۈمگە گۇمان چۈشۈپ بۈگۈن تەكشۈرتكىلى كەلگەنتىم دەيدۇ، كىيىملىرىمۇ خېلى تۈزۈك ئوقۇغان چىراي بالىكەن بولمىسا، شۇ بالىمۇ ئۇقمايدىكەن ئەمەسمۇ ئەيدىزنىڭ 5 كۈندە سېزىلمەيدىغىنىنى، مەن بىر دەپ قۇياي دەپ بولۇپ خوشاللىقىغا سوغۇق سۇ سەپمەي دەپ ھىچنىمە دىمىدىم.
قايسى كۈنى ئىشقا ئەتتىگەنرەك بېرىپ قاپتىكەنمەن، گىمناستىكا مۇزىكىسى ساقلاپ دەرۋازا ئالدىدا تۇرسام مىھمانخانىدىن بىر قىزچاق چىقىپ يېنىمغا كېلىۋېتىپ جۈرۈڭە مىھمانخانىغا كىرەيلى دەپ چاپىنىمىنىڭ پېشىنى يىنىككىنە تارتىدۇ، تۇيۇقسىز بولغان بۇ ئىشتىن مەڭدەپ قالدىم بىر دەم، ئاندىن ئۆزۈمگە كىلىپ نىمە دەيدۇ قېنى دەپ، نىمىش قىلىمىز مىھمانخانىدا دىسەم ، -كۈڭۈل ئاچىمىز، ئاندىن سىز ماڭا پۇل بىرىسىز، جىق دىمەيمەن كىلىشىپ قالىمىز دىمەسمۇ، توۋا بۇ نىمە كارامەت ئەمدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىزغا كۈلۈپ تۇرۇپ،- كەچۇرۇڭ، شۇ بىرنىمىنى ئىشقا ئالدىراپ ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسەم، ئالدىدا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى، ئاندىن كېيىن تازا قاملاشتۇرۇپ بىرنى ھۆمىيىۋېتىپ كىتىپ قالدى، بۇ راست بولغان ئىش، ھەرگىزمۇ توقۇلما ئەمەس.
كەنتىلەردە ھەپتىدە بىر يىغىن ئاچىدۇ كەلمىگەنلەرنىڭ گەدىنىنىگە پۇل چىگىپ ئالىدۇ، پۇل بىرىشتىن قورقۇپ بولسىمۇ بىر ئائىلىدىن بىردىن ئادەم يىغىنغا كىلىدۇ، نەدىكى بىر گەپلەر بىلەن كىچىنى تاڭغا ئۇلاپ ۋەز ئېيتمىسىمۇ، مۇشۇنداق يىغىنلادىن پايدىلىنىپ ئەيدىز تەشۋىقاتى قىلسىمۇ تامامەن بولىدۇ. قايسى كۈنى ۋىلايەتتىن ناھىيىمىزگە خىزمەت گۇرۇپپىسى بۇلۇپ چۈشكەن بىر رەھبەر بىلەن تاماقتا بىرگە بولۇپ قالدىم. پاراڭ ئارلىقىدا ئۇ يولداشقا مۇشۇ تەكلىپنى بەردىم، ئۇ ئەزالار يىغىنىدا تەشۋىق قىلىدىغان بولدى.
ھەر يىلى 12-ئاينىڭ بىر كۈنىدە پىلاكاتنى ئېسىپ 2 سائەت ۋەرەقچە تارقىتىپ قۇيۇپ قايتىپ كىتىغان قېلىپلىشىپ قالغان مەجبۇرىيەتنى مەجبۇرى دىگۈدەك تۈگىتىۋەتمەي ھۆكۈمەت ئۇرۇنلىرى، تەشۋىقات ئورۇنلىرى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىغىمۇ كۆڭۈل بۈلۈدىغانمۇ بولارمۇ؟