ئاغرىق توختىتىش دورىسى بەدەندىكى ئاغرىقلارنى پەسەيتىدۇ. ئۇنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئانتىبىئوتىك (كاڭشېڭسۇ) دىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا دورىگەرلەر بىرلەشمىسىنىڭ باياناتچىسى، دورىگەرلىك مۇتەخەسسىسى دوكتۇر كىرىستىن.A.بىناسول بىلەن فلورىدا شىتاتىدىكى مۇتەخەسسىس ئېرىك. R.خەننىس دوكتۇر ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىچىشتىكى 7 خىل خاتا قاراشنى يەكۈنلەپ چىقتى.
1. قانچە كۆپ ئىچسە شۇنچە ياخشى دېگەن قاراش. خەننىس دوكتۇرنىڭ ئېيتىشىچە، دوختۇر رېتىسىپ يازغاندا دورىنىڭ مىقدارىنى ئەڭ ئاز، لېكىن ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ئويلىشىپ تۇرۇپ يازىدۇ. ئەگەر دورىنىڭ مىقدارى ھەسسىلەنسە، بەدەنگە بولغان ئەكس تەسىرى ناھايىتى زور بولىدۇ.
2. ئوخشىمىغان ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى بىللە ئىچىش. نۇرغۇن كىشىلەر دورا ئىچكەندە چۈشەندۈرۈشكە دىققەت قىلماي، كۆپ ئىچىۋالىدۇ. ئوخشىمىغان ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنى بىللە ئىچىش دورا مىقدارىنى ھەسسىلىۋەتكەن بىلەن باراۋەر.
3.ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن باش ئاغرىسا ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچىش. ئاغرىق توختىتىش دورىسى بىلەن ئىسپىرت ئۆز ئارا تېخىمۇ تەسىر قىلىدۇ. شۇڭا ھاراقتىن كېيىن ئاغرىق توختىتىش دورىسى ئىچىسە، تېخىمۇ مەس بولۇپ، خەتەرلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
4. ئاغرىق توختىتىش دورىسى بىلەن باشقا خىلدىكى دورىلارنى قوشۇپ ئىچىش. بۇنداق قىلغاندا ئاغرىق توختىتىش دورىسىنىڭ ئەكىس تەسىرى كۈچىيىپ كېتىدۇ.
5. ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش. بەزى ئاغرىق توختىتىش دورىلىرىنىڭ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش رولى بار. ئوخشىمىغان كىشىلەرگە دورىنىڭ تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. دوكتۇر بىناسولنىڭ دېيىشىچە، ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن ئەڭ ياخشىسى ماشىنا ھەيدىمىگەن تۈزۈككەن.
6. باشقىلار بىلەن ئوخشاش دورا ئىچمەسلىك. خەننىس دوكتۇر بىلەن بىناسول دوكتۇرنىڭ قارىشىچە، باشقىلار بىلەن ئوخشاش دورىنى ئىچمەسلىك كېرەككەن. چۈنكى ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى، سالامەتلىك ئەھۋالى جەھەتتە كۆپ ئوخشىماسلىقلار بولغاچقا دورىنىڭ تەسىرىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن.
7. ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن دورىنى تاشلىۋېتىشكە قىيماسلىق. ئاغرىق توختىتىش دورىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ھامان تاشلىۋېتىش كېرەك. چۈنكى بەزى دورىلار ۋاقتى ئۆتكەن ھامان سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇنداق دورىنىڭ ئۈنۈمى يوق بولۇپلا قالماستىن، ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشىمۇ مۇمكىن.