
جىنسىي تۇرمۇشنىڭ قېتىم سانىغا بىر توغرا چەك قويۇش ناھايىتى تەس . چۈنكى بىر ئادەم بىلەن بىر ئادەم ئارىسىدىكى پەرىق ناھايىتى چوڭ بولۇپ , بىر جۈپ ئەر خوتۇننىڭمۇ ئوخشىمىغان ئەھۋال ئاستىدا , جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى ئوخشىمايدۇ . يېڭى توي قىلغان ئەر ئايالنىڭ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى كۆپ بولۇشىنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ , ئەلۋەتتە .
نورمال بولغان جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئۆلچىمى:جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگننىڭ ئىككىنجى كۈنى روھىي چۈشكۈنلىشىش , باش قېيىش ,ھارغىنلىق , بىئاراملىق ھېس قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمىسە بۇ نورمال جىنسىي تۇرمۇش ھېسابلىنىدۇ . ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ,چىكىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك لازىم . چىكىدىن ئېشىپ كەتسە ھەرخىل قوشۇمچە تەســئىــر كۆرۈلۈپ , بەدەنگە زىيانلىق ئېلىپ كېلىـــــدۇ . شۇڭلاشقا جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىنى كونتىرول قىلىش ناھايىتى مۇھىم .
جىنسىي تۇرمۇشنىڭ چىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتى : چىرايى سارغىيىش , بەدەن ئورۇقلاش , روھىي ھارغىنلىق , نەپەس قىسقا بولۇش , سوغۇق تەرلەش , ئۇيقۇسىزلىق , كۆپ چۈش كۆرۈش , ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش . ئەگەر يۇقارقى "سىگناللار" كۆرۈلگەن چاغدا , ئۆزىڭىزنى ئەسكەرتىڭ : جىنسىي تۇرمۇش سىزگە "ئېغىر يۈك " بولۇپ قاپتۇ , دەرھال تۈزىتىڭ .
بۇ "سىگناللار"نىڭ پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن , جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى نورمال ئازايتىش بىلەن بىرگە تۆۋەندىكى ئىككى ئىشقا دېققەت قىلىش لازىم :
1. قاتتىق جىسمانىڭ ھەركەتتىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك.
2. ھاراقتىن كېيىن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك .
ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا , جىنسىي تۇرمۇش نورمال بولغان ياخشى . بۇ ئادەمنىڭ بەدەننى ئاسراشدىكى مۇھىم بىر ئامىـل . جىنسىي تۇرمۇشقا چۆكۈپ قېلىش , خىزمەت , ئۆگۈنۈش , تەن سالامەتلىكى قاتارلىقلارغا زىيىنى بولسا بولىدۇكى ,ھەرگىز پايدىسى يوق .
كۇرۇپ قۇيۇشقا تېگىشلىك جىنسى ساۋات
ئاياللارنىڭ كۆكسىنىڭ تولماسلىقىنىڭ 5 خىل سەۋەبى
قىزلاردا ئادەت بالدۇر كەلسە، دىيابېت كېسىلىنىڭ خەتىرى چوڭ بولىدۇ
ئانالىزىم ھەققىدە (قولدا لەززەتلىنىش)
جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە سالامەتلىك
ئېغىز زىناسى ۋە جىنسىي كېسەللىكلەر
قىزلىق پەردە ھەققىدە
جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانى
مەنى تېز كېتىش
توي-تۆكۈن توغرىسىدا
ئەيدىز - دورا - سالامەتلىك - جىنسىيەت
ئۆسمۈرلۈك ھاياتىمنى نابۇت قىلغان چۇمادۇ
شىنجاڭدىكى ئەيدىز كۆپ يۇرتلار
نەشە چەككەندىكى ئۆزگىرىش
نەشىنىڭ زىيىنى
زەھەر چەكلەش ساۋاتلىرى
چۇمادۇدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك
ئورۇقلاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ۋاقتى ـــ تاماقتىن كېيىنكى 30 مىنۇت
ئاق تۇرۇپنى تۆۋەندىكىلەر بىلەن قوشۇپ يېگەندە...
