ھەممىمىزگە مەلۇم، نىكاھ ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسى مۇناسىۋىتىنى قائىدە-قېلىپقا سالغان، شۇنداقلا بۇ قائىدە-قېلىپ ئەر-ئاياللارنىڭ ئەۋلات قالدۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى، مۇقىم بولمىغان قالايمىقان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ھەر خىل كىشىلەردىكى ھەر خىل كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىپ بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئائىلىنىڭ رولى، ئەۋلات تەربىيەلەش ھەم جەمىيەتنىڭ ساغلام بولۇشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. چۈنكى، ئۇزۇن تارىختىن بۇيان ھەم دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئوخشىمىغان مىللەت، مەدەنىيەت، دۆلەتلەردە بولسۇن، ئوخشاشلا ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىش ئەھۋالى ئادەتكە ئايلانغان بولۇپ، ئىنسانىيەت جەمىيىتىدە ئەر-ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نىكاھلىنىش قائىدە-مۇراسىمى ئومۇملاشقان.
دىمەك، نىكاھلانغان ئەر-ئاياللار بىر جۈپ ھالەتتە ئۆز ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ، بىرلىكتە تۇرمۇش كۆچۈرۈپ، جىنسىيەت مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جىنسى كېسەللىكلەرنىڭ ھەم ئىگىسىز ئەۋلات قالدۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. نىكاھ مۇشۇ جەھەتلەردىن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تاللىشىغا ھەم قۇبۇل قىلىپ داۋاملاشتۇرىشىغا ئايلانغان. چۈنكى، نىكاھلىق تۇرمۇش پاھىشىۋازلىق بىلەن جالاپلىققا قارشى ھالەتتە بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئېرى ياكى خوتۇنى بىلەن ئوغۇرلىقچە بىللە بولۇپ، ئاشكارىلانغان ھەم تۇتۇلۇپ قالغانلار ھەمرايىنىڭ قاتتىق نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىشنى، ئەر-خوتۇنلۇقتىن ۋاز كېچىپ نىكاھتىن ئاجرىشىپ كىتىشنى، ھەتتا بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ ئەدىبىنى بىرىش ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، نىكاھ ئەر-ئاياللارنىڭ جىنسىيەت جەھەتتە ئۆزئارا ئىگەللەش-ئىگىدارچىلىق قىلىشنى تاللاش ھەم ئۆزئارا ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان بىللە تۇرمۇش كۆچۈرۈش مۇھىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ مۇھىم مەدەنىيىتىگە ئايلانغان. دېمەك، نىكاھنىڭ مۇشۇنداق مۇھىم سەۋەبلىرى تۈپەيلىدىن، ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھلىنىشى ئۇزۇن زامانلارنىڭ بىرىسىدىن داۋاملىشىپ بۈگۈنگىچە يىتىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرمۇ ئەر-ئاياللار ئەنە شۇنداق سەۋەب-مەقسەت تۈپەيلىدىن نىكاھنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋاتىدۇ. شۇڭا، جەمىيىتىمىزدىمۇ مەخسۇس نىكاھ قانۇنى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئەر-ئاياللارنىڭ بىر قىسىم ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان قانۇنى ئاساسىغا ئايلاندى. ئەمما، دەۋرىمىزدە نىكاھ قانۇنى بۇيىچە نىكاھلىنىش كىنىشكىسى ئالغان، ئىمام نىكاھنىڭ مەنا-مەجبۇرىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ نىكاھ ئوقۇغان بولسىمۇ، لېكىن، بىر قىسىم قىز-يىگىتلەر بىلەن ئەر-ئاياللارنىڭ پەقەت نىكاھ ئىچىدىلا قىلىدىغان ئىشلىرى نىكاھنىڭ ئالدىدا ھەم سىرتىدا يۈز بىرىشكە باشلىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن تارىختا تۇنۇپ يېتىلگەن نىكاھنىڭ قىممىتى چۈشۈپ كېتىپ، ئاقىۋەت نىكاھنىڭ ھۆرمىتىنى قىلماسلىقىنىڭ پاجىئەسى كىلىپ چىقتى. شۇنداقلا ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى قاتتىق مەسخىرە قىلىدىغان ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ (ئەر بىلەن ئەرنىڭ، ئايال بىلەن ئايالنىڭ) ئاتالمىش جىنسى مۇناسىۋىتىمۇ قاتتىق بولغان زورلۇق كۈچ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، پەقەت ئەر بىلەن ئايالغىلا ماس كىلىدىغان مۇقەددەس نىكاھمۇ ھاقارەتكە ئۇچرىدى. ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھ ئىچىدىكى جىنسى مۇناسىۋىتى نىكاھ سىرتىغا ھالقىپ چىقىپلا قالماي، يەنە ئەر بىلەن ئەرنىڭ، ئايال بىلەن ئايالنىڭ ئاتالمىش جىنسى مۇناسىۋىتىمۇ ئىنسانى ئەركىنلىك دەپ داۋراڭ سېلىندى.