4 قىلىدىغان ئىش بولسا
1.كۆتىرەڭگۈ روھلۇق ھالىتىنى ساقلاش.
كەيپىيات مەسىلىسى ئەركىشىنىڭ جىنسى ئىقتىدارىغا توسقۇنلۇق قىلىشى كۆرىنەرلىك بولۇپ.سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا قايغۇلۇق ھېسياتتىكى كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرەكگەندىن كېيىنكى بالىلىق بولۇش نىسبىتى 29.9%دىن 45.5% گە كۆتىرىلگەن .شۇڭلاشقا ياخشى بولغان كەيپىياتنى ساقلاش ، دەرت ئەلەپ ، ئېغىر بېسىملارنى تۈگىتىش ئەرلەرنىڭ جىنسى ئىقتىدارىنى ياخشىلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ .
2.ناچار بولغان تۇرمۇش ئادىتى ،تۇرمۇش مۇھىتىدىن يىراق تۇرۇش.
ئەرلەر ئاكتىنوئىك مۇھىتتىن يىراق تۇرۇش كېرەك بولمىسا بەدەنگە بولغان تەسىرى ياخشى بولمايدۇ ، مەسلەن ئۆي بىزەكچىلىكتە ئىشلىتىدىغان ماتىرياللار ، ئېغىر مىتاللار دىگەندەك.بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھاراق ئىچىش تاماكا چىكىشتىن ، كىچىچە ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.
3.تەنتەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىش
تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرىشى ، كېرەك بۇنداق قىلغاندا بەدەننىڭ ئىمونىت كۈچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي جىنسى ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقىمۇ بەلگىلىك پايدىلىق رول ئوينايدۇ.
4.بەدەننى قۇۋەتلەيدىغان يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش
ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى بىلەن يىمەكلىك زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ، داۋاملىق دېڭىز مەسۇلاتلىرى ، كۈنجۇت ، خۇاسىڭ مېغىزى ،ياڭاق،قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستىمال قىپ بېرىش كېرەك .
قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار.
1.ھاراق ئىچىش ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە
ئۇرۇقنىڭ قۇيۇقلىقى 56.6% تۈۋەنلەيدۇ.كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش ئەرلەرنىڭ تېستوستېرون(睾丸酮)ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئازايتىپ ، ئۇرۇقنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ .
2.تاماكا چىكىش .
تاماكا ئىسىنىڭ تەركىبىدە نىكوتىن ، كاربون چالا ئوكسىد،كادمىي،قەلەي قاتارلىق بىر تۈركۈم زەھەرلىك ماددىلار بار بولۇپ ، ئۇڭايلا ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا كۈنىگە 20 تال تاماكا چەككۈچىنىڭ ، ئۇرۇقنىڭ ساغلام ئىشلەپچىقىرىلىش نىسبىتى 50% تۈۋەنلەيدۇ.
3.ئۇزۇن ۋاقىت ئولتۇرۇش، ھورداقغانىلارغا تولا بېرىش، تار ئىشتان كېيىش.
بۇلار ئۇرۇقداننىڭ ئىسسىقلىق قۇيۇپ بېرىش ئىقتىدارىنى ، قان ئايلىنىش ئىقتىدارىنى تۈسۈپ قويىشى مۇمكىن .ئۇرۇقداننىڭ تىمپىراتۇرىسى يۇقىرىلىغاندا ، ئۇرۇقنىڭ ھاياتى كۈچى تۈۋەنلەيدۇ. 3كۈن ئۇدا 43-44 گىرادۇسلۇق سۇغا 20 مىنۇت چىلانغاندا ، ئۇرۇقنىڭ قۇيۇقلۇقى 3 ھەپتە ئۇدا چۈشۈپ كېتىدۇ .
4.ئۇزۇن ۋاقىت ئېلىكتىر ماگىنىت رىدىئاتسىيەسى بىلەن ئۇچرىشىش.
تېلۋۇزۇرنى بەك يېقىن ئولتۇرۇپ كۆرگەندە ياكى كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا بەك ئۇزۇن ئولتۇرغاندا ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىلىش تەسىرگە ئۇچرايدۇ.
5.چىگىت مېيى ئىستىمال قىلغاندا
چىگىت مېيى ئىستىمال قىلغاندا ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇزۇلىشى ، ئۇرۇقدان ئارلىق توقۇلمىلارنىڭ تالالىشىشى ، قان نەيچىللىرىنىڭ قېلىنلاپ ،ئۇرۇقداننىڭ ئۈزىنىڭ ئىمونىلۇق كىسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ .
6.بەك كۆپ ۋېلسىپىت مىنىش ياكى ئات مىنىش
ۋېلسىپىت ۋە ئات مىنگەندە مەزى بېزى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى توقۇلمىلارنىڭ زەخمىلىنىشى،قان تولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، جىنسى ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، ئاستا خارەكتىرلىك ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.