




بۇ يىل نويابىرنىڭ ئاخىرى، مۇخبىر خوتەن شەھىرى يورۇڭقاش بازىرىدىكى بىر گۆشگىردىخانىنىڭ خېلى داڭلىقلىقىنى، يىراق-يېقىندىن بۇ يەرگە گۆشگىردە يېگىلى كېلىدىغان كىشلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى، خوجايىننىڭمۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنىڭ تىپىك ۋارىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، بۇ گۆشگىردىخانىغا كەلدى. «ئەقىدەم» گۆشگىردىخانىسىنىڭ خوجايىنى مەمتىمىن تۇردى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا گۆشگىردىسىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن چىقىدىغان ‹‹شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرى›› قاتارىغا ئىلتىماس قىلىنغانلىقىنى، ئاللىقاچان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر يىل بۇرۇن ئۇ دۇكاننى كېڭەيتكەن بولۇپ، ھازىر ئالتە تونۇرى، 30 دىن ئارتۇق ياردەمچىسى بار ئىكەن، كۈندە 5000 دانە گۆشگىردە سېتىپ چىقىرىلىدىكەن. ئۇنىڭ گۆشگىردىلىرىگە مەخسۇس يەرلىك قوي-كالىلارنىڭ گۆشى ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا، ناھايىتى تەملىك ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ دۇكاندا گۆشنان، كۆمەچ، كاۋاپ، سامسىلارمۇ بار بولۇپ، مېھمانلارنىڭ تەلىپى بويىچە قېتىغا كەرەپشە، پەمىدۇر، كۆكمۇچ ئېلىنىپ يېقىپ بېرىلىدىكەن.
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
خولۇپ ئاشنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
قۇرغاق قورۇلغان كالا گۆشى قەلەمچىسى
كالا گۆشى بەرەڭگە قورۇمىسىنى تەييارلاش ئۇسۇلى
كاۋا مانتىسىنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
بۇغداي ئۇنىدا تەييارلانغان لەمپۇڭنىڭ ئېتىلىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇر تائاملىرىدىن گۆش ناننى ئېتىش ئۇسۇلى
ئۇيغۇر تائاملىرى شاھى – پولو
قوينىڭ قوۋۇرغا كاۋىپىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
ساپال قاچىدا دۈملەنگەن بۆدۈنە شورپىسى
سەنئەتكار ئىجادىيەتچى تۇرسۇن شەيخ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
