• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-12-13
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    ئوغلاق تارتىشىش–ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى، تارىخىي ئۇزۇن، ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇرلار كۆپ ھاللاردا ھېيت-بايرام ياكى توي-تۆكۈن قاتارلىق خوشاللىق كۈنلەردە ئۇيۇشتۇرۇپ شاتلىق تەنتەنىسىنىڭ كەپىياتىنى ئەۋجىگە چىقىرىدۇ. ئوغلاق تارتىشىشتا – ئۆزئارا تىركىشىش كۈچلۈك، تالىشىش جىددىي، كۈچ-ئىرادىنىڭ ئېلىشىشى ھەم ئەقىل-ئىدراكىنىڭ تالىشىشى بولىدۇ. چەۋەندازلار، ئات مىنىش ماھارىتى سېلىشتۇرىلىدۇ. مۇھىمى تەربىيىلەنگەن ئاتلارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەل ئىچىدە ئەزىمەت ياشلارنىڭ نەزىرىدىكى بىر تۈرلۈك ئويۇن بولۇپ، ئەزىمەتلەرنىڭ جاسارىتىنى نامايەندە قىلىدۇ.TsUئاقيول تور بىكىتى

    TsUئاقيول تور بىكىتى

    ئوغلاق تارتىشىش باشلىنىشتىن بۇرۇن بوغۇزلىنىپ، ئالدىن تەييارلانغان ئوغلاقنىڭ كاللىسى ھەم ئارقا پۇتى ئېلىپ تاشلىنىپ، قىزىلئۆڭگەچ قىسمى بوغۇۋېتىلىدۇ. بەزى جايلار ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، تۇز سۈيىگە بىر، ئىككى سائەت چىلاپ قۇيىدۇ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇنداق ئوغلاقنىڭ تېرىسى بەكلا چىڭ بۇلارمىش، مۇسابىقە باشلانغاندا، تەشكىللىگۈچى ئوغلاقنى ئوتلاققا ياكى ئالدىن تەييارلانغان مەيدانغا تاشلاپ بېرىدۇ. ئارقىدىنلا چەۋەندازلار ئات چاپتۇرۇپ، قامچا ئوينىتىپ، يا ئوقىدەك ئوغلاققا ئېتىلىدۇ. ئوغلاقنى بۇرۇن ئېلىۋالغۇچى ، ئوغلاقنى يەردىن ئېلىپلا ئۆزەڭگە ئاستىغا ياكى تېقىمىغا بېسىۋېلىپ، نىشانغا قاراپ قويۇندەك چاپىدۇ. قارشى تەرەپتىكى چەۋەندازلار ئۇنى قوغلايدۇ، يېتىشىۋالغان چەۋەندازلار ئات ئۈستىدە تۇرۇپ، ئوغلاقنى تالىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان كەسكىن ئوغلاق تارتىشىش باشلىنىپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئاتلار ئوڭ-سول تەپچىپ، كىشنەپ، ئۆز ئورنىدا پىقىراپ، ئادەملەرمۇ روھلىنىپ، جاسارەت ئىچىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئوغلاق تالىشىدۇ، تاماشىبىنلارمۇ قىقاس-سۈرەن ئىچىدە ئۇلارغا مەدەت بېرىدۇ. بىرئازدىن كېيىنلا، بىر مەيدان ئوغلاق تارتىشىش جېڭى باشلىنىدۇ. ئوغلاقچىلارنىڭ بىر قىسمى ئوغلاقنى ئېلىپ قېچىش يۆنىلىشىنى توسىدۇ. ئېتى كۈچلۈك، قاۋۇل چەۋەندازلار غۇژمەك بولۇۋېلىپ ئوغلاق تالىشىۋاتقان جەڭ سورۇنىغا بۆسۈپ كىرىپ ئوغلاقنى تارتىپ چىقىشقا، بەزىلىرى ھەرخىل ئامىللار بىلەن مۇھاسىرىنى كۈچەيتىشكە تىرىشىدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن مەيدان ئىچىدىكى كەيپىيات ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەيدان سىرتىدىكى تاماشىبىنلار قاينام –تاشقىنلىققا چۆمىدۇ. بۇ جىددىي كەسكىن مەنزىرە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇ بىر مەيدان كەسكىن ئېلىشىش بىرەر سائەتتىن ئۇشۇقراق داۋاملاشقاندىن كېيىن، چەۋەندازلار ئىچىدە بەزىلىرى ھالىدىن كېتىپ، نەپسى بۇغۇلۇپ، ياكى ئات چىلىق-چىلىق تەرگە چۈشۈپ، سەپتىن تەبىئىي ھالدا چۈشۈپ قالىدۇ. سەپتىن چۈشۈپ قالمىغاندىمۇ، ئاتمۇ، ئادەممۇ ھالسىراپ كېتىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا ئېتى كۈچلۈك، قاۋۇل چەۋەنداز، ئات، ئادەم ئۆزئارا ماسلاشقان ھالدا، مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، نىشانغا قاراپ ئات چاپتۇرىدۇ ۋە ئوغلاقنى ئالدىن بەلگىلەنگەن جايغا، ياكى مەھەللىدە مۇئەييەن ئابرويغا ئىگە ھەم ئوغلاق تارتىشىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا قۇربى يەتكىدەك ئادەمنىڭ ھويلىسىغا ئاپىرىپ تاشلايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن غەلبە قىلغان بولىدۇ، ئوغلاق تارتىشىشمۇ ئاخىرلىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا غەلبە قىلغان تەرەپ ئەزالىرى يىغىلىشىپ ئوغلاق گۆشىنى پىشۇرۇپ مەززە قىلىپ يىيىشىدۇ.
    TsUئاقيول تور بىكىتى

    TsUئاقيول تور بىكىتى

    TsUئاقيول تور بىكىتى

    TsUئاقيول تور بىكىتى

    TsUئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز