• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-11-19
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    قۇمۇل غىجىكى قۇمۇلنىڭ ئۆزگىچە چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ قۇمۇل 12 مۇقامىنى ئورۇنلاشتا ئەڭ ئاساسلىق سازلارنىڭ بىرى بولۇپ، قۇمۇل غىجىكىدە ئورۇنلانغان مۇقاملار ناھايىتى مۇڭلۇق، تەسىرچانلىققا ئىگە ، كىشىلەرنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلىدۇ. 6E6ئاقيول تور بىكىتى

    قۇمۇلدا توي – تۆكۈن، ئولتۇرۇش ۋە چوڭ تىپتىكى ھېيت - بايراملاردا مەشرەپ ئوينىلىدۇ، قۇمۇل مۇقاملىرى ئېيتىلىدۇ. مەشرەپتە، قۇمۇل غىجىكى باش قىلىنىپ باشقا سازلار تەڭكەش قىلىنىپ چېلىنىدۇ، بولۇپمۇ قۇمۇل مۇقاملىرىدا قۇمۇل غىجىكىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ.6E6ئاقيول تور بىكىتى

    قۇمۇل غىجىكى تۈزۈلۈشى ئاددىي، جاراڭلىق، مۇڭلۇق، كۆپ تارىلىق بولۇپ، ياساشقا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىياللىرى ئاددىي، تەننەرقى تۆۋەن بولۇپ، ئاددىي قىلىپ ياسىغىلىمۇ، گۈزەل كۆركەم قىلىپ ياسىغىلىمۇ، بېشىنى ياغاچتىن ئويۇپ ياسىغىلىمۇ، تۆمۈردىن، مىستىن قۇيۇپ ياسىغىلىمۇ بولىدۇ. شۇڭا قۇمۇل غىجىكى قۇمۇلنىڭ شەھەر ئىچىدىن تارتىپ كەڭ يېزىلىرى چەت ياقا تاغلىق رايونلىرىغىچە كەڭ تارقالغان ۋە ئومۇملاشقان.6E6ئاقيول تور بىكىتى

    تارىخى نۇقتىدىن قارىغاندا، قۇمۇل غىجىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ نۇسخىسىدىن مىراس قالغان بولۇپ، باشقا مىللەتلەرگىمۇ تارقالغان، بولۇپمۇ خۇيزۇ مىللىتى قەدىمدىن تارتىپ قۇمۇل غىجىكىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىپ كەلگەن. ھازىر خۇيزۇلار ئىشلىتىۋاتقان ھەر خىل شەكىلدىكى ئىككى تارىلىق غىجەكلەرنىڭ ئەسلى نۇسخسى قۇمۇل غىجىكىدىن ئېلىنغان. ئېيتىلىشىچە خەنزۇچە "ئەرخۇ" (二胡) دېگەن ئىسىمدىكى "ئەر" سۆزى ئىككى دېگەن سۆز بولۇپ، غىجەكنىڭ ئىككى تارىسىنى، "خۇ" دېگەن سۆز ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كۆرسىتىدىكەن. "ئەرخۇ" دېگەن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن قوبۇل قىلىنغان ئىككى تارىلىق چالغۇ ئەسۋابى دېگەن مەنانى بىلدۈرىدىكەن.6E6ئاقيول تور بىكىتى


    6E6ئاقيول تور بىكىتى


    6E6ئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ساز-چالغۇلار