ساپايە— قەدىمكى زامان سوقما چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىرى .ئۇ ئاساسەن ئۆرۈك ،ياڭاق ۋە ئۈجمە ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ .يەنە بەزىلىرى كىيىك مۈڭگۈزىدىنمۇ ياسىلىدۇ .ئادەتتە ئۇ ئىككى تال دۈگىلەك ،قىسقا ياغاچ ساپنى بىر–بىرىگە جۈپلەپ ،ئۈستىگىرەك ئىككى تال چوڭ تۆمۇر ھالقا بېكىتىلىپ ياسىلىدۇ .ھەر بىر تۆمۇر ھالقىغا ئون نەچچە تالدىن ئۇششاق تۆمۇر ھالقىلار ئۆتكۈزۈلگەن بولىدۇ .ساپايىنى تىك كۆتۈرگەندە كىچىل تۆمۇر ھالقىلارنىڭ ياغاچ ساپقا تېگىشىش ئورنىغا ئاۋازى جاراڭلىق چىقىش ئۈچۈن قەلەي بېكىتىلىدۇ .قولنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ياغاچ ساپ يوقىرى –تۆۋەنگە ھەرىكەتلەندۈرلۈپ ،تۆمۈر ھالقىلار ياغاچنىڭ سېپىغا بىر خىل ئۇداردا ئۈزلۈكسىز تەگكۈزۈلىدۇ .نەتىجىدە ،بىر خىل رىتىمىلىق شالدۇر –شۇلدۇر ئاۋاز پەيدا بولۇپ ،مۇزىكا رىتىمىگە ئالاھىدە بىر خىل تۈس قوشۇلىدۇ .ساپايە دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 46 سانتىمېتىر ،چوڭ ھالقىنىڭ دىئامېتىرى توققۇز سانتىمېتىر ئۆپچۆرىسىدە بولىدۇ .چىلىش جەريانىدا ساپايىنىڭ يۇقىرى ئۇچى ۋە تۆۋەنكى ئۇچىنى ئۇدارغا كەلتۈرۈپ ھەربىر سىلكىگەندە ئوڭ مۈرە ،قول ۋە باشقا جايلارغا يېنىك تەگكۈزۈپ قويۇلىدۇ .
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
