خۇشتار — ئۇيغۇرلارنىڭ كامانچە بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى . جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماتېرىيالىغا ئاساسەن، شۇنداقلا قەدىمكى زاماندىكى چالغۇ ئەسۋابى — ئەشتاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقلغان. خۇشتارنىڭ بېشى ئامۇت شەكلىدە بولۇپ، بوغۇزى قىسقا بولىدۇ . تۆت تال مېتال تارىسى يەنە يەتتە تال ئۈنلەش تارىسى بار. خۇشتار چالغۇچى خۇشتارنىڭ دەستىسىنى سول قولىدا تۇتۇپ ، خۇشتارنى سول تىزىغا قويۇپ ، ئوڭ قولىدا كامانچىنى تۇتۇپ تارتىپ چالىدۇ . خۇشتارنىڭ ئاۋازى ئىنچىكە ، زىل ، يېقىملىق بولۇپ ، ئىپادىلەش كۈچىگە باي ، خەلق ناخشا ئاھاڭلىرىنى چېلىشقا باب كېلىدۇ .
ئۇ، قەدىمكى غېجەك ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان چالغۇ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ كۆركەم شەكلى ۋە يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر مۇزىكا ئوركېستىرىدىن ئورۇن ئېلىپ، تاماشىبىنلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋاتقان بىر خىل چالغۇ . ئۇنىڭ دەستىسى ئۇستىگە قۇشنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ، ئاساسىي گەۋدىسى چاپلىما راۋابقا ئوخشاش ياغاچ تارشىلىرىدىن چاپلىنىپ ياسىلىدۇ ، بويى تەخمىنەن 50 سانتىمېتىر بولۇپ، تار تاختىسى ۋە تارلىرىنىڭ ئورۇنلىشىشى ھازىرقى زامان غېجىكىگە ئوخشايدۇ . چېلىش ئۇسۇلى غىجەك بىلەن ئوخشاش . ئۇنىڭ ئاۋازى سۈزۈك ۋە جاراڭلىق كېلىدۇ .(تامام)
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
 ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
