• ۋىرۇسخور
  • mtv قانىلىغا مەرھەمەت
  • ناخشا قانىلى ئىلانى
  • قىزقارلىق فىلىملەرنى كۆرۈڭ
  • داپ - سازنىڭ ئەيىبىنى ياپ

    مەنبە : ئاقيول تورى
    يوللانغان ۋاقىت : 2013-11-19
    تەھرىر : admin
    چوڭ
    ئوتتۇرا
    كىچىك
    خەت چوڭ - كىچىكلىكى >>

    8PMئاقيول تور بىكىتى

    داپ - سازنىڭ ئەيىبىنى ياپ8PMئاقيول تور بىكىتى

    مۇزىكا تارىخىمىزغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، چالغۇ ئەسۋابلىرىمىزنىڭ مىللىي مۇزىكا مەدەنىيىتىمىزدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.8PMئاقيول تور بىكىتى

    ئەجدادلىرىمىز ھازىرغا قەدەر ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان چالغۇ ئەسۋابلارنىڭ تۈرى كۆپ، شەكلى ھەر خىل بولۇپ، يەللىك چالغۇ ئەسۋاب، چەكمە چالغۇ ئەسۋاب، كامانچىلىق چالغۇ ئەسۋاب، سوقما چالغۇ ئەسۋاب قاتارلىق تۆت چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. داپ قۇياش ئېتىقادچىلىقىنى ئاساس قىلىپ ياسالغان بولۇپ، قۇياشنى ئۇلۇغلاش، قۇياشقا سېغىنىشتەك سىمۋوللۇق مەنەگە ئىگە. داپ سوقما چالغۇ ئەسۋابلار تۈرىدىكى چالغۇ، قول ئالقىنى ۋە بارماقلار بىلەن ئۇرۇپ چېلىنىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر مۇزىكىسىدا كەم بولسا بولمايدۇ. داپنىڭ كۈچلۈك - كۈچسىز ئۇدارلىرى ئومۇمىي مۇزىكىنىڭ ئۇدارى ھەم رىتىملىرىغا ماس ھالدا تەڭكەش قىلىنىپ، پۈتۈن مۇزىكا جەريانىغا قاتناشقان سازلارنىڭ تەرتىپىنى بىرلىككە كەلتۈرەلىگەچكە، <<يېرىم دىرىژور>> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سەنئەتكارلارنىڭ <<داپ سازنىڭ ئەيىبىنى ياپ>> دېگىنى بىكار ئېيتىلغان ئەمەس. شۇڭا مەيلى <<ئون ئىككى مۇقام>> ياكى خەلق ئاھاڭلىرى بولسۇن، داپنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىر پۈتۈن ئاھاڭنىڭ مۇكەممەل ئورۇندىلىنىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس.8PMئاقيول تور بىكىتى

    ھازىر سەھنىلەردە چېلىنىۋاتقان داپ ئەسلىدە يەرلىك ئەلنەغمىلەردە ئىشلىتىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھەر بىر داپنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان گەردىش ئايلانمىسى، گەردىش كەڭلىكى بولاتتى. بىز دەسلەپتە ئىشلەتكەن داپنىڭ گەردىش ئايلانمىسى 45cmبولۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە قولايسىز ھەم كېلەڭسىز ئىدى. كېيىنچە داپنىڭ ئاۋاز تۈسىنى ئەسلىدىكىدىنمۇ ياڭراق قىلىش، ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي بولۇش ئۈچۈن، ئومۇمىي ئايلانمىسى 38cmقىلىپ لايىھەلەندى. بۇنداق داپ مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىشقىلا ماس بولۇپ، ئۇسسۇلغا تازا ماس كەلمىگەچكە، كېيىنچە 38cmلىق داپ يەنىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، گەردىش ئايلانمىسى42cmغا توغرىلاندى. بۇنىڭ بىلەن ھەم ئۇسسۇللۇق مۇزىكىلارغا ھەم خاس مۇزىكىلارغا ماس كېلىدىغان داپ مەيدانغا كەلدى.8PMئاقيول تور بىكىتى

    گەردىش ئايلانمىسى 42cmلىق داپ ئومۇملاشقاندىن كېيىن، داپ تېرىسىنىڭ چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يىلان تېرىسى ئىشلىتىلدى. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان 42cmلىق داپ يۇقىرىقى جەريانلاردىن كېيىن ئومۇملاشقان بولۇپ، ئۆلچەملىك داپ ھېسابلىنىدۇ.8PMئاقيول تور بىكىتى


    8PMئاقيول تور بىكىتى

    ئادىرسىمىز
    ئەڭ يىڭى ساز-چالغۇلار