
قۇمۇز —قىرغىز مىللىتىنىڭ چىرتىپ چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى. قۇمۇز قارىغاي، ئۆرۈك، قىزىل ياغاچ قاتارلىق قاتتىق ياغاچلاردىن ياسىلىدۇ. پۈتۈن ئۇزۇنلۇقى 80 – 100 سانتېمىتىرغىچە كېلىدۇ. بېشى سەل ياپىلاق بولۇپ ، شەكلى ئامۇتقا ئوخشايدۇ . يۇقىرى قىسمىدا بىر سانتېمىتىرچە چوڭلۇقتىكى يۇمىلاق ئاۋاز تۈشۈگى بار، يۈزلۈكى قارىغاي ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. دەستىسى ئىنچىكە ، ئۇزۇن ، پەدىسى يوق . دەستە ئۇچىدا ئۈچ تال قۇلىقى بار. خەرىكى نەشپۈت ياغىچىدىن ياسىلىدۇ. ئۈچ تال يىپەك تارىسى بار. ئۇنىڭ يۇقىرى ، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئاۋازلىق بولۇپ ئۈچ خىلى بار.
قومۇزنى چالغاندا ، قۇمۇز مەيدىگە قويۇلۇپ ، سول قولدا پەدە بېسىلىدۇ ، ئوڭ قولىنىڭ بىگىز بارمىقى ۋە باشمالتاقتا ياكى بەش بارماقنىڭ ھەممىسىدە نۆۋەت بىلەن چىرىتىپ چېلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان چېلىش ئۇسۇلىدىن ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز ۋە مۇزىكىلىق ئۈنۈم ھاسىل بولىدۇ. قومۇزنى يالغۇز چېلىشقىمۇ، تەڭكەش قىلىپ چېلىشقىمۇ ، نەغمىدە چېلىشقىمۇ بولىدۇ. ئۇ ئەل ئىچىدە كەڭ ئىشلىتىدىغان چالغۇ ئەسۋاب.(تامام)
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
