تەڭرىتاغ تورى تۇرپان 19-نويابىر خەۋىرى : 19-نويابىر، مۇخبىرنىڭ تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە ، قەدىمكى تۇرپان مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلىپ ، قەبرىلەردىن چىققان توقۇلما بۇيۇملارنى قوغداش ئۈچۈن ،تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات ئاكادېمىيەسى جۇڭگو يىپەك مۇزىيى ، جىلىن ئۆلكىلىك مۇزېي بىلەن ھەمكارلىشىپ ، سىڭگىم قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان ، قۇرۇپ كەتكەن جەسەتلەرنىڭ كىيىمىنى ‹‹سالدۇرىدىكەن ›› .
ئارخېئولوگلار قېزىۋىلىنغان جەسەتكە قارىتا كاربون 14 ئانالىزى ئېلىپ باردى . سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سىڭگىم قەدىمىي قەبرىستانلىقى تەخمىنەن 2200 يىلدىن 2500 يىلغىچە تارىخقا ئىگە بولۇپ ، غەربىي خەن سۇلالىسگە توغرا كېلىدىكەن ، بۇ جەسەت بەلكىم شۇ دەۋردىكى شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالىسى ئىچىدىكى ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرەر ئايال بولۇشى مۇمكىنكەن .
20-نويابىر ئۈرۈمچى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8:00 دە ، مۇخبىر تۇرپان ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئانالىز قىلىش تەجرىبىخانىسىدا ، خىزمەت ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۈستەلدە كىيىمى سالدۇرۇلماقچى بولغان جەسەتنى كۆردى . خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، بۇ قېتىم كىيىمى سالدۇرۇلىدىغان جەسەتتىن تۆتى بولۇپ ، بۇنىڭ بىرى ئەرنىڭ جەسىتى ، ئىككىسى ئايالنىڭ جەسىتى ۋە بىرى كىچىك بالىنىڭ جەسىتى ئىكەن .
خادىملار جەسەتنىڭ كىيىمنى ‹‹ سالدۇرۇش ›› جەريانىدا ، سۈرەتكە تارتىپ ، نومۇر قويۇپ خاتىرىلىدى . ئارىسىدىكى بىر ئەر جەسەتنىڭ بېلىدىكى كەمەر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى . بۇ كەمەرنىڭ كەڭلىكى 4 ~ 5 سانتىمېتىر ئەتراپىدا ، كۆك رەڭلىك بولۇپ ، باش قىسىمىغا ناھايىتى نەپىس گۈل چىقىرىلغان ئىكەن . تونۇشتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا ، بۇ كەمەرنىڭ ئىچى خرۇمدىن ياسالغان بولۇپ ، سىرتى يۇڭلار بىلەن ئورالغان ئىكەن . بەلكىم شىنجاڭنىڭ يەرلىك قوي يۇڭىدىن ياسالغان بولۇشى مۇمكىنكەن . مۇتەخەسسىسىلەر بۇ بۇيۇمنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ قانچىلىك تەرەققىي قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ ، دەپ قارىدى .
يەنە بىر ئايال جەسەتنىڭ كىيىمىدىن قىزىل رەڭلىك مارجانلار بايقالغان . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە ، نەپىس ئىشلەنگەن كەمەر ۋە قىممەتلىك مارجانغا قارىغاندا ، جەسەت ھايات ۋاقتىدا بىرەر ئەمەلدار ياكى سودىگەر بولۇشى مۇمكىنكەن . لېكىن بۇ مەسىلىلەرنى تارىخشۇناسلار ۋە مۇتەخەسسىسىلەرنىڭ يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق ئاندىن بېكىتىشكە بولىدىكەن .
جۇڭگو يىپەك مۇزىيى تېخنىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ زىچياڭ مۇنداق دېدى : ھازىرقى كىيىمنى ئېلىپ تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا ، تۈرى ئاساسەن پىلاش ، يۇڭ ئىشتان ، يىپەك ياغلىق ، ئۆتۈك قاتارلىقلار بولۇپ ، كىمخاب ، توقۇلما بۇيۇم ، يىپەك، خرۇم قاتارلىقلاردىن ئىشلەنگەن ، قىزىل ، كۆك ، يېشىل ، ئاق قاتارلىق رەڭلەردىن تەركىب تاپقان . ئارخېئولوگىيەلىك قىممىتىدىن قارىغاندا ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ .
ۋاڭ زىچياڭ يەنە مۇنداق دېدى : كېيىنكى قەدەمدە جەسەتلەردىن ئېلىنغان كىيىملەرنىڭ توپىسىنى چىقىرىش ، يۇيۇش ، رەڭگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ تالاسى ، توقۇلۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىپ ، 2200 يىللار ئىلگىرىكى شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ھەم شۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېنىقلاپ چىقىمىز .

مۇتەخەسسىسلەر قۇرۇپ كەتكەن جەسەتنىڭ كىيىمىنى ئاۋايلاپ سالدۇرماقتا




سەنئەتكار ئىجادىيەتچى تۇرسۇن شەيخ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزمەكچى
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
