
‹‹كۇلتا›› — تاجىكچە سۆز بولۇپ،تاجىك ئايال –قىزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى باش كىيىمى .ئۇ ئۆزىنىنىڭ نەپىس ،رەڭدار ،كۆركەم ۋە جىلۋىدارلىقى بىلەن تارىختىن بۇيان ئەل ئارىسىدا تاجىك ئايال –قىزلىرىنىڭ سىموۋولى بولۇپ كەلمەكتە .
كۇلتا قۇرۇلما جەھەتتە تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ .ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى ئاق رەخت ،ھەرخىل رەڭلىك يىپەك ياكى مەشۇت يىپ ،پاختا ۋە ئەستەرلىك رەختلەردىن ئىبارەت بولۇپ ،كەشتە يىڭنىسى بىلەن كەشتىلەپ تىكىلىدۇ.
تاجىكچە كۇلتا روشەن ياش پەرقى ،خۇشاللىق ۋە ھازىلىق پەرقى ،نىكاھلانمىغانلىق پەرقى ،پەسىل پەرقى ۋە سورۇن پەرقى خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.كۇلتىنىڭ نەقىشى ۋە رەڭگىدىن كىيگۈچىنىڭ ياش قۇرامىنى ،شادلىق –خاپىلىقىنى ،توي قىلغان –قىلمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ.مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ،تاجىكچە كۇلتىنىڭ رەڭگارەڭ شەكىل نۇسخىلىرى بارلىققا كەلگەن .بىر قەدەر ئومۇملاشقان كۇلتا تۇرلىرىدىن ‹‹شەيدايى كۇلتا››، ‹‹چەكەن كۇلتا›› ۋە ‹‹سىدام كۇلتا›› بار .
كۇلتا تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىم –كېچەك مەدەنىيىتىدە ناھايىتى گەۋدىلىك ئورۇندا تۇرىدۇ.ئۇ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن ،يەنە سەنئەت قىممىتىگىمۇ ئىگە.(تامام)
سالامنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ھەسرىتى
ھېيتگاھ جامەسىنىڭ تارىخى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىنىش ئادىتى ھەم زامانىۋىلىشىشى توغرىسىدا
قەشقەرنى بىلەمسىز؟
خوتەننىڭ گۆشگىردىسى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلد
مېھرى ئىسسىق ئۈرۈمچى كوچىلىرى!
ئۇيغۇرلاردىكى ئوغلاق تارتىشىش
تۇرپاندىن تېپىلغان 2200 يىل بۇرۇنقى جەسەتنىڭ كىيىمى ‹‹ سالدۇرۇلدى ››
قۇمۇل غىجىكىنىڭ ياسىلىشى ۋە قۇمۇل 12 مۇقامىدىكى ئاساسلىق رولى
قۇمۇل راۋابى ۋە ئۇنىڭ ياسىلىشى
