ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، تەبىئىي ئېھتىياج بىلەن ئېستېتىك قەدىمكى دەۋرلەردىلا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. ئۇنداقتا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى تارىختىن بۇيان قانداق كىيىنگەن؟ بۇ توغرىسىدا مۇخبىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتى مىللەتشۇناسلىق ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، دوكتور ھەسەنجان ئابلىېز ئەپەندىنى زىيارەت قىلدى.
مۇخبىر: ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
ھەسەنجان : ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى ئۇلار ياشاۋاتقان قۇملق-بوستانلىق-يايلاق بىر گەۋدىلەشكەن تەبىئىي مۇھىتنى مەنبە قىلغان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىجتىمائىي مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادەتلىرى توغرىسىدا تەبىئىي مۇھىت بىلەن ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۆز ئارا كېسىشىش نۇقتىسىدىن قايىل قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىرىنچىدىن ، شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك تۈزۈلۈشى، كىلمات پەرقى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادىتىنىڭ مۇكەممەل، پەسىل پەرقى روشەن، ھاۋا كىلماتىغا ماسلاشقان گەۋدىلىك خاسلىقىنى بەلگىلىگەن، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇراقلىق ھەم يۈزلىنىشى بىردەك بولغان ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پاسون-نۇسخىلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەزەلدىن ياشاپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مەدەنىيەت مۇھىتى مەيلى كۆپ مەنبەلىك، قانچە مۇرەككەپ بولسۇن ياكى كۆپ خىل مەدەنىيەت ئالاقىسى قويۇق بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۆز جايىنىڭ مۇھىتىغا ماسلاشتۇرۇپ تىككەن كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ پاسون-نۇسخىلىرى بۇنىڭلىق بىلەن تۈوتىن ئۆزگىرىپ كەتمىگەن. ئىككىنچىدىن، شىنجاڭ يېپەك يولىنىڭ مەدەنىيەت تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت مۇزېيى»دەپ ئاتالغان. ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىخىي تەرەققىيات مۇساپىسىدە تۈرلۈك كىيىم-كېچەك پاشونلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈش بىلەن بىللە، مۇھىت، ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق ھەم ئېستېتىك ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھەر قايسى دەۋرنىڭ ئاساسىي كىيىم-كېچەك يۈزلىنىشى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىپ، ئېچىۋېتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كىيىنىش پىسخىكىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى كىيىنىش ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.
مۇخبىر : ئۇنداقتا بۇرۇنقى ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىز قانداق كىيىنگەن؟
ھەسەنجان: ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مۇراسىم كىيىم-كېچەكلىرىدە باشتىن -ئاخىر بىرلىككە كەلگەن ئالاھىدىلىك ساقلاپ قېلىنغان. ئۇيغۇر ئاياللىرى ياش پەرقىگە قاراپ كىيىنىپ ئىجتىمائىي سالاھىيىتىنى ئىپادىلىگەن. يەنى كىيىنىشىگە قاراپ قىز، چوكان، جۇۋان ياكى مومايلىقىنى ئايرىغان. بويىغا يەتمىگە قىزلار چېچىنى 40 تال ئۆرۈپ، گېلەم دوپپا كىيىپ، ئۇچىسىغا رەڭدار، گۈللۈك كۆڭلەكلەرنى كىيىشكەن. بويىغا يەتكەن قىزلار يەتتە يالى توققۇز تال ئۆرۈلگەن چېچىغا ئەتىر گۈللۈك گىلەم دوپپا كىيىپ، قىزىل رەڭنى ئاساس قىلغان ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىشكەن.
مۇخبىر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ زامانىۋى كىيىم-كېچەك پاسونى قانداق ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلغان؟
ھەسەنجان: ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ھەم ئۇنىڭدا ۋارىسلىق قىلىنغان مىللىي خاسلىق بىلەن ئېچىۋېتىش ئامىلى زامانىۋى كىيىم-كېچەك پاسونلىرىدا گەۋدىلەنگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرى كىيىنىش جەھەتتە زامانىۋى ئېقىمغا ماسلىشىپ، مىللىي ئۇسلۇبنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مودا ئېڭىنى تولۇق نامايان قىلغان. زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مودا كىيىم-كېھەكلىرىگە نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ مودا ئېقىمىنى ئىنچىكە كۆزىتىش ، مودا ئامىلىنى نامايان قىلىشقا ماھىر بولۇش، مىللىي ئۇسلۇبقا جانلىق سىڭدۈرۈشتەك خاس تەپەككۇرىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.
مۇخبىر: يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مىللىي كىيىم-كېچەك پاسونىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق قارايسىز؟
ھەسەنجان: 21-ئەسردىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ قولايلىقلىشىشى ھەم پەن-تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىشى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر ھەر بىر ئىنساندىن دەۋرگە ماس ئېچىۋېتىلگەن تەپەككۇر ئۇسۇلى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مىللىي خاسلىق بىلەن مودا، مۇۋاپىقلىق بىلەن دەۋر ئامىلىنى كىيىم-كېچەك پاسونلىرىمىزغا بىرلەشتۈرگەندىلا، دۇنياۋى مودا كىيىم-كېچەكلەر بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر، خۇش چاقچاق، تەبىئەتنى سۆيىدىغان، قائىدە-يوسۇنلۇق، ئوچۇق-يورۇق، تەرەققىيپەرۋەر مىللىي خاسلىقىنى نامايان قىلالايمىز.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى